مەرۋايىت دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. مەرۋايىت (خام دورا)
  2. مەرۋايىت ()
خام دورا

مەرۋايىت

مەرۋايىت

مەرۋايىت بولسا مەرۋايىت سەدەپنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ،بەدەننى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش، تۇتۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، قاننى تازىلاش خۇسۇسىيىتى بار.

ئۇيغۇرچە نامى مەرۋايىت
ئەرەبچە نامى لوئلۇ
ئىنگلىزچە pearl
تونۇش مەرۋايىت سەدەپنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ،
خەنزۇچە ئاتىلىشى 珍珠
پارسچە نامى مەرۋارىد
ئوردۇچە نامى موتى
تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇق سوغۇقمەرۋايىت سەدەپنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ،

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مەرۋايىت بولسا ھايۋان مەنبەلىك دورابۇلۇپ،مەرۋايىت سەدەپنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ،بۇنىڭ بەزىسى چوڭ، بەزىسى كىچىك بولۇپ، كىچىكى كۆكنار ئۇرۇقىدىنمۇ ئۇششاقراق، چوڭى قۇشقاچ تۇخۇمۇدىنمۇ چوڭراق، بەزىسى كەپتەر تۇخۇمىدەك بولىدۇ، لېكىن بۇ خىلدىكىسى بەك ئاز ئۇچرايدۇ، بەزىسى 12 گرام چوڭلۇقىدا بولىدۇ. تەبىئىي مەرۋايىتبى يىل بويى يىغىۋالغىلى بولىدۇ، 12-ئاي مەزگىلى ئەڭ ياخشى مەزگىل، دېڭىز ئىچىدىن سۈزۈۋېلىنغان قۇلۇلىلەرنى تۇتقاندىن كېيىن يېرىپ مەرۋايىت ئېلىنىدۇ. ئاندىن مەرۋايىت بىلەن سەدەپ ئايرىم پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ، مەرۋايىتنى ئىشقارلىق سۇ بىلەن يۇيۇپ لايلىرىنى چىقىرىپ پاكىز سۇ بىلەن چايقىلىدۇ. رەخت بىلەن ئوراپ دۇفۇ ياكى پۇرچاق سۈتى بىلەن ەخمىنەن ئىككى سائەت قاينىتىپ سۈزۈپ ئېلىپ يۇيۇلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بويلىرىدىن، بەھرەيىن، ئومان قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىنمۇ چىقىدۇ.

بۇنىڭ ياخشىسى ئاق، ساپ، پارقىراق، يۇمىلاق، سىلىق بولغىنىدۇر، بۇخىلدىكىسى بەھرەيىن، ھورمۇز، ئومان قاتارلىق ئورۇنلاردىن چىقىدۇ، بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ھورموزدىن چىقىدىغىنى بەھرەيىندىن چىقىدىغىنىدىن ياخشىراق، بۇنىڭدىن قالسا تۇخۇم شەكلىدە كېلىدىغانلىرى بولۇپ، باشقا شەكىللىرى ئاق، پارقىراق بولىدۇ، ئادەتتە مەرۋايىت ئۈچ خىل بولىدۇ، 1-خىلى سېرىق، 2-خىلى قارا، 3-خىلى تۇتۇق بولۇپ، بەك ئۇششاق بولغىنى ناچار ھېسابلىنىدۇ. 

يۈرەك ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، كۆڭۈلنى ئېچىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش، تۇتۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، قاننى تازىلاش خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

يۈرەك مۇسكۇلىنى قۇۋۋەتلەش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى

دوۋساققا زىيان قىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

مەرۋايىتتىن ئايرىۋېلىنغان سۇيۇقلۇقنىڭ تەندىن ئايرىلغان توشقان ئۈچىيىگە قارىتا تورمۇزلاش رولىغا ئىگە. مەرۋايىتنىڭ سۆڭەك ئۆسمىسىنى تورمۇزلاش تەسىرى بار.

مەرۋايىت تەركىبىدە كالتسىي كاربونات، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالار مەسىلەن: لىيۋسىن (Lueucini)، مېتئونـىـن (Methionine)، ئالانـىـن (Alanine)، گـلىـتسـىـن (Glycine)قـاتـارلـىق 20 نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتا بار، يەنە ئاز مىقداردا قوغۇشۇن، ناترىي، مىس، سىنىك، ماگنىي، مانگان قاتارلىق ئانئورگانىك تۇزلار بار.

1. مەرۋايىت 2 گرام، قىزىلگۈل، ئاق سەندەل 10 گرامدىن، گاۋزىبان 15 گرام، ناۋات 15 گرام. سۇپۇپ تەييارلاپ ئىچسە، مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

2. سۈرمە بىلەن مەرۋايىتنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ كۈندە بىر قېتىم كۆزگە تارتسا، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ.

3. سەدەب بىلەن مەرۋايىتنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ سالايە قىلىپ، ئىسپىغۇل لوئابىغا ئارىلاشتۇرۇپ، تېرىدىكى داغلارغا كۈندە بىر قېتىم چاپسا داغنى چۈشۈرىدۇ.

4. ئەنجىباھار، ئاقاقىيا 5 گرامدىن، ئانارگۈلى3 گرام، بۇغا مۈڭگۈزى، مەرۋايىت 2 گرامدىن. سوقۇپ سۇپۇپ قىلىپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرسە، قان توختىتىدۇ.

دورىلىق ئورنى

جىسمى

مىقدارى

1 ~ 2 گرام.

تۈزەتكۈچىسى

ھەسەل، كەتىرا

ئورۇنباسارى

بىخ مارجان، زۇمرەت، سەدەپ

خېمىرى مەرۋايىت،قۇرۇسى مەرۋايىت.سۇپۇپى ھېقىق، ھەببى ھېقىق، سۇنۇنى ھېقىق، داۋائىي مىشكى.

يۈرەك ۋە نېرۋا ئاجىزلىقى، يۈرەك قوزغىلىش، جۇنۇن، ۋەسۋەسىچىلىك، يۈرەك، جىگەر، ئاشقازان ۋە بۆرەك ئاجىزلىقى، مەنىي بالدۇر يۈرۈپ كېتىش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، قانلىق ئىچى سۈرۈش، بوۋاسىر، ھەيز كۆپ كېلىش، قىزىل، چېچەك، داغ، يىرىڭلىق جاراھەت، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=293

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#