تاشقى سودا قانۇنى

تاشقى سودا قانۇنى

1994-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان 2004-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-سانلىق يىغىنىدا تۈزىتىلگەن

ئۇيغۇرچە نامى تاشقى سودا قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国对外贸易法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاشقى سودا قانۇنى(1994-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان 2004-يىل 4-ئاينىڭ 6-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىىي دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8-سانلىق يىغىنىدا تۈزىتىلگەن)

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1-ماددا بۇ قانۇن ئىشىكىنى سىرتقا ئېچىۋىېتىش دائىرسىنى كېڭەيتىش، تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش، تاشقى سودا تەرتىپىنى قوغداش، تاشقى سودا تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇننى ھوقۇق–مەنپەئىتىنى ھىمايە قىلىش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىگلىرى سۈرۈش مەقستىدە تۈزۈلدى.

2-ماددا بۇ قانۇن تاشقى سودا شۇنىڭدەك تاشقى سودىغا مۇناسىۋەتلىك بىلم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئىشلىرىغا تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تاشقى سودا مال ئىمپورت–ئېكىسپورتى، تېخنىكا ئېمپورت–ئېكىسپورتى ۋە خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسىنى كۆرسىتىدۇ.

3-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تاشقى سودا خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ. 

4-ماددا دۆلەت بىرلىككە كەلگەن تاشقى سودا تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، ئادىل، ئەركىن تاشقى سودا تەرتىپىنى قوغدايدۇ.

5-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى باراۋەر بولۇش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپى بويىچە باشقا دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، تاموژنا بېجى ئىتتىپاقى كېلىشىمى، ئەركىن سودا رايونى كېلشىمى قاتارلىق رايونلار ئىقتىسادى سودا كېلىشىملىرىنى تۈزىدۇ ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ، رايونلار ئىقتىسادى تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىدۇ.

6-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى سودا جەھەتتە تۈزۈشكەن ياكى خەلقئارا شەرتنامە، كېلىشمىلەرگە ئاساسەن، شەرتنامە، كېلىشىم تۈزۈشكەن ياكى ئۇنىڭغا قاتناشقان باشقا تەرەپكە ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت مۇئامىلىسى، پۇقراۋى مۇئامىلە قاتارلىق مۇئامىلە بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ ياكى ئۆز ئارائېتىبار بېرىش–مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپى بويىچە قارشى تەرەپكە ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت مۇئامىلىسى، پۇقراۋى مۇئامىلە قاتارلىق مۇئامىلە بويىچە مۇئامىلە قىلىدۇ.

7-ماددا ھەر قانداق دۆلەت ياكى رايون سودا جەھەتتەجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى مەنئى قىلىش، چەك قويۇش تەدبىرلىرىنى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقاتەدبىرلەرنى قوللانسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، شۇ دۆلەتكە ياكى شۇ رايونغا مۇناسىپ تەدبىر قوللانسا بولىدۇ.

2-باب تاشقى سودا تىجارەتچىلىرى

8-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تاشقى سودا تىجارەتچىلىرى قانۇن بويىچە سودا–سانائەت ئىشلىرىنى تىزىملىتىش ياكى باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتىگەن، مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تاشقى سودا تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قانۇنىي ئىگىلەر، باشقا تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەرنى كۆرسىتىدۇ.

9-ماددا مال ئىمپورت–ئېكسپورتى ياكى تېخنىكا ئىمپورت-ئېكىسپورتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تاشقى سودا تىجارەتچىلىرى، ئۆزىنى گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقىغا ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان ئاپپاراتقا ئەنگە ئالدۇرۇشى، تىزىملىتىشى كېرەك؛ لېكىن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئەنگە ئالدۇرۇش، تىزىملىتىش ھاجەتسىز دەپ بەلگىلەنگەنلىرى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى ئەنگە ئالدۇرۇش، تىزىملىتىش ھاجەتسىز دەپ بەلگىلىمە چىقارغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئەنگە ئالدۇرۇش، تىزىملتىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

تاشقى سودا تىجارەتچىلىرى بەلگىلىمە بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇش، تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرمىسە، تاموژنا ئىمپورت–ئېكسپورت مېلىنىڭ تاموژنىغا مەلۇم قىلىش–تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى بېجىرمەيدۇ.

10-ماددا خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى بىلەن شۇغۇللانغاندا، مۇشۇ قانۇنغا ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش لازىم.

چەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغانلار ياكى چەت بىلەن ئەمگەك–مۇلازىمەت جەھەتتە ھەمكارلاشقان ئورۇنلار، مۇناسىپ ئەقلىي قابىلىيەتكە ۋە سالاھىيەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ كونكرىت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

11-ماددا دۆلەت قىسمەن ماللارنى ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىشتا ئۇنى دۆلەت سودىسى بويىچە باشقۇرسا بولىدۇ. دۆلەت سودىسى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ماللارنى ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىش كەسپىنى ھوقۇق بېرىلگەن كارخانىلارلا ئېلىپ بارىدۇ؛ لېكىن، دۆلەت دۆلەت سودىسى بويىچە باشقۇرۇشقا يول قويغان قىسمەن مىقداردىكى ماللارنى ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىش كەسىپىنىڭ ھوقۇق بېرىلمىگەن كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇشى بۇنىڭ سىرتىدا. 

دۆلەت سودىسى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ماللارنى ۋە ھوقۇق بېرىلگەن تىجارەت كارخانىلىرىنىڭ كاتالوگىنى، گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بەلگىلەيدۇ، تەڭشەيدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت سودىسى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ماللارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىمپورت–ئېكسپورت قىلغان بولسا، تامۇژنا ئۆتكۈزمەيدۇ.

12-ماددا تاشقى سودا تىجارەتچىلىرى باشقىلارنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلسا، تاشقى سودا كەسپىنى تىجارەت دائىرىسى ئىچىدە ۋاكالىتەن بېجىرسە بولىدۇ.

13-ماددا تاشقى سودا تىجارەتچىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى قانۇن بويىچە چىقارغان بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تاشقى سودا تىجارەت پائالىيتىگە مۇناسىۋەتلىك ھۈججەت ۋە ماتېرىياللىرىنى ئاقىدار تارماقلارغا تاپشۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ئۇلارنىڭ سودا مەخپىيىتىنى ساقلىشى لازىم.

3-باب مال ئىمپورت–ئېكسپورتى ۋە تېخنىكا ئىمپورت–ئېكسپورتى

14-ماددا دۆلەت مال ۋەتېخنىكىنى ئەركىن ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىشقا رۇخسەت قىلىدۇ. لېكىن، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردائايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

15-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئول تارمىقى ئىمپورت–ئېكىسپورت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش–كۈزىتىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئەركىن ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىنىدىغان بىر قىسىم ماللارغا ئاكتىپ ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىنىدىغان بىر قىسىم ماللارغا ئاكتىپ ئىمپورت–ئېكسپورت ئىجازىتىنى يولغا قويسا ھەمدە ئۇنىڭ كاتالوگىنى ئېلان قىلسا بولىدۇ.

ئاكتىپ ئىجازەت يولغا قۇيۇلىدىغان ئىمپۇرت-ئېكسپورت ماللىرىدا، مال تاپشۇرۇپ ئالغۇچى، مال ئەۋەتكۈچى تامۇژنىدا تاموژنىغا مەلۇم قىلش رەسمىيىتىنى ئۆتەشتىن ئىلگىرى ئاكتىپ ئىجازەتنى ئىلتىماس قىلغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان ئاپپارات ئىجازەت بېرىشى كېرەك؛ ئاكتىپ ئىجازەت رەسمىيتىنى ئۆتىمىگەن بولسا، تاموژنا ئۆتكۈزمەيدۇ.

ئەركىن ئىمپورت–ئېكسپورتقا تەۋە بولغان تېخنىكىنى ئىمپورت–ئېكسپورت قىلغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقىغا ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان ئاپپاراتقا بېرىپ توختامنى ئەنگە ئالدۇرۇش–تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتەش كېرەك. 

16-ماددا دۆلەر تۆۋەندىكى سەۋەبلەر ئاساسىدا، ئالاقىدار مال، تېخنىكىنىڭ ئىمپورت ياكى ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلىسە ياكى مەنئى قىلسا بولىدۇ؛

(1) دۆلەتنىڭ بىخەرلىكىنى، جامائەت مەنپەئىتىنى ياكى جامائەت ئەخلاقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئىمپورت قىلىش ياكى ئېكسپورت قىلىشقا چەك قويۇش ياكى ئۇنى مەنئى قىلىشقا توغرا كەلگەن بولسا؛ 

(2) كىشلەرنىڭ سالامەتلىكى ئامانلىقىنى قوغداش، ھايۋاناتلارنىڭ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جېنىنى ياكى ھاياتىنى قوغداش، مۇھىتنى ئاسراش ئۈچۈن، ئىمپورت ياكى ئېكسپورت قىلىشقا چەك قويۇش ياكى ئۇنى مەنئى قىلىشقا توغرا كەلگەن بولسا؛

(3) ئالتۇن ياكى كۈمۈشنى ئىمپورت–ئېكسپورت قىلشقا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىشقا چەك قويۇش ياكى ئۇنى مەنئى قىلىشقا توغرا كەلگەن بولسا؛ 

(4) ئىچىكى تەمىناتى قىس بولغان ياكى تۈگەپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان تەبىئىي بايلىقنى ئۈنۈملۈك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئېكسپورت قىلىشقا چەك قويۇش ياكى ئۇنى مەنئى قىلىشقا توغرا كەلگەن بولسا؛

(5) چىقىرىلىدىغان دۆلەتلەر ياكى رايونلانىڭ بازار سىغىمى چەكلىك بولۇپ، ئېكسپورت قىلىشقا چەك قويۇشقا توغرا كەلگەن بولسا؛

(6) ئېكسپورت تىجارىتىنىڭ تەرتىپىدە قاتتىق قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىش، ئېكسپورت قىلىشقا چەك قويۇشقا توغرا كەلگەن بولسا؛

(7) مەملىكەرت ئىچىدە ئالاھىدە كەسىپ بەرپا قىلىش ياكى ئۇنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئىمپورت قىلىشقا چەك قويۇشقا توغرا كەلگەن بولسا؛ 

(8) ھەر قانداق شەكىلدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىقا چەك قويۇش زۆرۈر تېپىلغان بولسا؛

(9) دۆلەتنىڭ خەلقئارادىكى پۇل مۇئامىلە ئورنىنى ۋە خەلقئارا كىرىم–چىقىمىنىڭ بالانس بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئىمپورت قىلىشقا چەك قويۇشقا توغرا كەلگەن بولسا؛

(10) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىمپورت قىلىشقا ياكى ئېكسپورت قىلىشقا چەك قويۇشقا ياكى ئۇنى مەنئى قىلىشقا توغرا كەلگەن باشقا ئىشلار بولسا؛

(11) مەملىكىتمىزنىڭ تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە، كېلىشمىلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىمپورت قىلىشقا ياكى ئېكسپورت قىلىشقا چەك قويۇشقا ياكى ئۇنى مەنئى قىلىشقا توغرا كەلگەن باشقا ئىشلار بولسا.

17-ماددا دۆلەت يىمىرىلىدىغان، بىرىكىدىغان ماددىلارنى ياكى شۇنداق ماددىلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىلارغا مۇناسىۋەتلىك مال، تېخنىكىنى ئىمپورت–ئېكسپورت قىلغاندا شۇنىڭدەك قورال–ياراغ، ئوق–دورا، ياكى باشقا ھەربىي لازىمەتلىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىمپورت–ئېكسپورت ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغاندا، دۆلەتنىڭ بىخەرتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، زۆرۈر بولغان ھەرقانداق تەدبىرنى قوللانسا بولىدۇ.

ئۇرۇش مەزگىلىدە ياكى دۇنيانىڭ تېنچلىقى ۋە ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، دۆلەت مال، تېخنىكا ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىش جەھەتتە تېگىشلىك ھەر قانداق تەدبىرنى قوللانسا بولىدۇ.

18-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، مۇشۇ قانۇننىڭ 16-، 17-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىنىشقا چەك قويۇلىدىغان ياكى ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىنىشى مەنئى قىلىنىدىغان مالنىڭ، تېخنىكىنىڭ كاتالوگىنى تۈزۈپ چىقىشى، تەڭشىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى ياكى شۇ تارماق گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن مۇشۇ قانۇننىڭ 16-، 17-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كاتولوگقا كىرگۈزۈلگەنلىرىدىن باشقا ئالاھىدە مالنى، تېخنىكىنى ئىمپورت قىلىش ياكى ئېكسپورت قىلىشقا چەك قويۇشنى ياكى شۇ مالنى، تېخنىكىنى ئىمپورت ياكى ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى ۋاقتىنچە بېكىتىپ تۇرسا بولىدۇ.

19-ماددا دۆلەت ئىمپورت ياكى ئېكسپورت قىلىنىشىغا چەك قويۇلىدىغان ماللارنى نورما بەلگىلەپ بېرىش، ئىجازەتنامە بېرىشتەك ئۇسۇللار بىلەن باشقۇرىدۇ؛ ئىمپورت ياكى ئېكسپورت قىلىنىشىقا چەك قويۇلىدىغان تېخنىكىنى ئىجازەتلىك باشقۇرىدۇ. 

نورمىلىق، ئىجازەتلىك باشقۇرۇلىدىغان مالنى، تېخنىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى ياكى شۇ تارماق گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىجازەت بەرگەندىن كېيىن، ئىمپورت قىلىشقا ياكى ئېكسپورت قىلىشقا بولىدۇ. 

دۆلەت ئىمپورت قىلىنىدىغان قىسمەن ماللارنى تاموژنا بېجى نورمىسى بويىچە باشقۇرسا بولىدۇ.

20-ماددا مال ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىش نورمىسىنى، تاموژنا بېجى نورمىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى دائىرىسى ئىچىدە، ئاشكارا بولۇش، باراۋەر بولۇش، ئادىل ھەم ئۈنۈملۈك بولۇش پرىنسىپى ئاساسىدا تەقسىم قىلىدۇ. ئۇنىڭ كونكرىت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

21-ماددا دۆلەت بىرلىككە كەلگەن تاۋار لاياقىتىنى باھالاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارنى دەلىللەيدۇ، تەكشۈرىدۇ، كارانتىن قىلىدۇ. 

22-ماددا دۆلەت ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىنىدىغان مالنىڭ ئەسلىي چىقىدىغان جايىنى باشقۇرىدۇ، ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

23-ماددا مەدەنىي يادىكارلىقلار ۋە ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئىمپوت-ئېكسپورت قىلىنىشىنى مەنئى قىلىش ياكى ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىنىشىغا چەك قويۇش توغرىسىدا باشقا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولسا، ئاشۇ ئالاقىدار قانۇنلار ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

4–باب خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى

24-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى جەھەتتە تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە، كېلىشملەردە بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن، شەرتنامە، كېلىشىم تۈزۈشكەن ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان تەرەپنىڭ بازارغا كىرىشىگەرۇخسەت قىلىدۇ ۋدە ئۇلارغا پۇقراۋى مۇئامىلە قىلىدۇ.

25-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى، خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسىنى مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىمىلەر بويىچە باشقۇرىدۇ.

26-ماددا دۆلەت تۆۋەندىكى سەۋەبلەر ئاساسىدا، ئالاقىدار خەلقئارا مۇلازىمەت سودىلىرىغا چەك قويسا ياكى ئۇنى مەنئى قىلسا بولىدۇ: 

(1) دۆلەتنىڭ ئامانلىقىنى، جامائەت مەنپەئىتىنى ياكى جامائەت ئەخلاقىنى قوغداش ئۈچۈن چەك قويۇشقا ياكى مەنئى قىلىشقا توغرا كەلگەن بولسا؛

(2) كىشلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ياكى ئامانلىقىنى قوغداش، ھايۋاناتلارنىڭ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جېنىنى ياكى ھاياتىنى قوغداش، مۇھىتنى ئاسراش ئۈچۈن چەك قويۇش ياكى مەنئى قىلىشقا توغرا كەلگەن بولسا؛

(3) مەملىكەت ئىچىدە ئالاھىدە مۇلازىمەت كەسپىنى بەرپا قىلىش ياكى تېز بەرپا قىلىش ئۈچۈن چەك قويۇشقا توغرا كەلگەن بولسا؛

(4) دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت كىرىم-چىقىمىنىڭ بالانس بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن چەك قويۇشقا توغرا كەلگەن بولسا؛ 

(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، چەك قويۇشقا ياكى مەنئى قىلىشقا توغرا كەلگەن باشقا ئىشلار بولسا؛

(6) مەملىكىتىمىز تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە ۋە كېلىشىملەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، چەك قويۇشقا ياكى مەنئى قىلىشقا توغرا كەلگەن باشقا ئىشلار بولسا. 

27-ماددا دۆلەت ھەربىي ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسىنى شۇنىڭدەك يىمىرىلىدىغان، بىرىكىدىغان ماددىلارنى ياكى شۇنداق ماددىلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىلارغا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسىنى ئېلىپ بارغاندا، دۆلەتنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر قانداق زۆرۈر تەدبىرنى قوللانسا بولىدۇ.

ئۇرۇش مەزگىلىدە ياكى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، دۆلەت خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى جەھەتتە ھەرقانداق زۆرۈر تەدبىرنى قوللانسا بولىدۇ. 

28-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، مۇشۇ قانۇننىڭ 26-، 27-ماددىلىرىدىكى ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، خەلقئارا مۇلازىمەت سودا بازىغا كىرىش كاتالوگىنى تۈزىدۇ، تەڭشەيدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ.

5-باب تاشقى سودىغا ئالاقىدار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش

29-ماددا دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن، تاشقى سودىغا ئالاقىدار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.

ئىمپورت قىلىنغان مالدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى–تەرۇز قىلىنغا ن بولسا ھەمدە تاشقى سودا تەرتىپىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىققان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى ھوقۇققا دەخلى–تەرۇز قىلغۇچى ئىشلەپچىقارغان، ساتقان ئالاقىدار ماللارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى بىر مەزگىل مەنئى قىلىشتەك تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ.

30-ماددا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ھوقۇق ئىگىسى ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ ئىجازەت توختامىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئىناۋەتلىك بولۇشىغا قويغان گۇمانىنى توسۇش، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بىر تالاي ئىجازەتلەرنى بېرىش، ئىجازەت توختامىدا يەكلىمىلىك قايتۇرۇلما شەرتلەرنى بەلگىلەشكە ئوخشاش قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا، ھەمدە تاشقى سودىنىڭ ئادىل رىقابەت تەرتىپىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى تىگىشلىك تەدبىر قوللىنىپ زىياننى تۈگەتسە بولىدۇ.

31-ماددا باشقا دۆلەتلەر ياكى رايونلار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىي ئىگىلىرى، باشقا تەشكىلاتلىرى ياكى پۇقرالىرىغا پۇقراۋى مۇئامىلە قىلمىغان بولسا، ياكى مەنبەسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بولغان مال، تېخنىكا ياكى مۇلازىمەتنى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتىن ئۈنۈملۈك ھالدا تولۇق قوغىدىمىغان بولسا، گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەمدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە ۋە كېلىشىملەرگە ئاساسەن، شۇ دۆلەت ياكى رايون بىلەن سودىدا تېگىشلىك تەدبىر قوللانسا بولىدۇ. 

6-باب تاشقى سودا تەرتىپى 

32-ماددا تاشقى سودا تىجارىتى پائالىىيىتىدە، مونۇپولغا قارشى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ مونوپوللۇق قىلىشقا بولمايدۇ. 

تاشقى سودا تىجارىتى پائالىيىتىدە مونوپوللۇق قىلىپ بازارنىڭ ئادىل رىقابىتىگە زىيان يېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، مونوپولغا قارشى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى سادىر قىلىدىغان ھەمدە تاشقى سودا تەرتىپىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمامىقى تېگىشلىك تەدبىر قوللىنىپ زىياننى تۈگەتسە بولىدۇ. 

33-ماددا تاشقى سودا تىجارىتى پائالىيىتىدە، تاۋارلارنى نامۇۋاپىق تۆۋەن باھادا سېتىش، تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ خېرىدارچىقىش، ساختا ئېلان چىقىرىش، سودىدا پارىخورلۇق قىلىشتەك نامۇۋاپىق رىقابەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقابولمايدۇ.

تاشقى سودا تىجارىتى پائالىيىتىدە نامۇۋاپىق رىقابەت قىلغانلار نامۇۋاپىق رىقابەتكە قارىشى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلىمىشنى سادىر قىلغان ھەمدە تاشقى سودا تەرتىپىنى زىيانغا ئۇچراتقانلارنى، گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى شۇ تىجارەتچىنىڭ مال، تېخنىكا ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىشىنى مەنئى قىلشتەك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ زىياننى تۈگەتسە بولىدۇ. 

34-ماددا تاشقى سودا پائالىيىتىدە، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا بولمايدۇ:

(1) ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرى ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاينىڭ بەلگىسىنى يالغاندىن ياساش، ئۆزگەرتىپ ياساش، ئىمپورت–ئېكسپورت ماللىرى ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاينىڭ گۇۋاھنامىسىنى، ئىمپورت–ئېكسپورت ئىجازەتنامىسىنى، ئىمپورت–ئېكسپورت نورما ئىسپات قەغەزىنى ياكى باشقا ئىمپورت–ئېكسپورت گۇۋاھلىق ھۈججەتلىرىنى يالغاندىن ياساش، ئۆزگەتىپ ياساش ياكى ئېلىپ–سېتىش؛

(2) قايتۇرۇلغان ئېكسپورت بېجىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش؛

(3) ئەتكەسچىلىك قىلىش؛

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن گۇۋاھلىق بېرىش، تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش ئىشلىرىنى بېجىرمەسلىك؛

(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

35-ماددا تاشقى سودا تىجارەتچىلىرى تاشقى سوداتىجارىتى پائالىيىتىدە دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

36-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تاشقى سودا تەرتىپىنى زىيانغا ئۇچراتقانلارنى، گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى جەمئىيە تكە ئېلان قىلسا بولىدۇ.

7-باب تاشقى سودىنى تەكشۈرۈش

37-ماددا تاشقى سودا تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى ئۆز ئالدىغا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تۆۋەندىكى ئىشلارنى تەكشۈرىدۇ:

(1) مال ئىمپورت–ئېكسپورتى، تېخنىكا ئىمپورت–ئېكسپورتى، خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئىچكى كەسىپلەرگە شۇنىڭدەك ئۇنىڭ رىقابەت كۈچىگە بولغان تەسىرى؛

(2) ئالاقىدار دۆلەت ياكى رايونلارنىڭ سودا قورغىنى؛

(3) قانۇن بويىچە قارشى تۆكمە تەدبىرى، قارشى ياردەم تەدبىرى ياكى كاپالەت تەدبىرى قاتارلىق تاشقى سودىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا زۆرۈر بولغان–بولمىغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن، تەكشۈرۈش زۆرۈر بولغان ئىشلار؛

(4) تاشقى سودىنى قىيىنچىلىتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرىدىن باش تارتقان قىلمىشلار؛

(5) تاشقى سودىدىكى دۆلەتنىڭ ئامانلىقى، مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار؛

(6) مۇشۇ قانۇننىڭ 7–ماددىسىدىكى، 29–ماددىنىڭ 2–تارمىقىدىكى، 30–ماددىسىدىكى، 31–ماددىسىدىكى، 32–ماددىنىڭ 3-تارمامىقىدىكى، 33-ماددىنىڭ 3-تارمىقىدىكى بەلگىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش زۆرۈر بولغان ئىشلار؛

(7) تاشقى سودا تەرتىپىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا تەكشۈرۈش زۆرۈر بولغان ئىشلار.

38-ماددا تاشقى سودىنى تەكشۈرۈش ئىشىنىڭ باشلانغانلىقىنى گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى ئېلان قىلىدۇ.

تەكشۈرۈش قەغەز يۈزىدە جاۋاب بېرىش، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىش، نەق ئورنىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلىش قاتارلىق شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ياكى بىر تەرەپ قىلىش كېسىمىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

39-ماددا ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسىلەر تاشقى سودىنى تەكشۈرۈش تەكشۈرۈشكە ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشى كېرەك

گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى شۇنىڭدەك شۇ تارماقلاردىكى خىزمەتچى خادىملار تاشقى سودىنى تەكشۈرگەندە، ئۇلارنىڭ خەۋەردار بولغان دۆلەت مەخپىيىتى ۋە سودا مەخپىيىتىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار.

8–باب تاشقى سودىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش

40-ماددا دۆلەت تاشقى سودىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، تاشقى سودىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشتا مۇۋاپىق تەدبىر قوللانسا بولىدۇ. 

41-ماددا باشقا دۆلەت ياكى رايوننىڭ مەھسۇلاتى نورمال باھادىن تۆۋەن باھادا تۆكمە قىلىپ سېتىش ئۇسۇلى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ بازارلىرىغا كىرىپ، بەرپا قىلىنغان ئىچكى كەسىپلەر ماھىيەتلىك زىيانغا ياكى ماھىيەتلىك زىيان تارتىش تەھدىتىگە ئۇچرىسا ياكى ئىچكى كەسىپلەرنى بەرپا قىلىشقا ماھىيەت جەھەتتىن توسالغۇ بولسا، دۆلەت قارشى تۆكمە تەدبىر قوللىنىپ، بۇنداق زىياننى ياكى زىيان سېلىش تەھدىتىنى ياكى توسالغۇنى يوقاتسا ياكى ئازايتسا بولىدۇ.

42-ماددا باشقا دۆلەت ياكى رايوننىڭ مەھسۇلاتى نورمال باھادىن تۆۋەن باھادا ئۈچىنچى دۆلەتكە ئېكسپورت قىلىنىپ، دۆلىتىمىزدە بەرپا قىلىنغان ئىچكى كەسىپلەر ماھىيەتلىك زىيانغا ياكى ماھىيەتلىك زىيان تەھدىتىگە ئۇچرىسا، ياكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى كەسىپلەرنى بەرپا قىلىشىدا توسالغۇ پەيدا بولسا، ئىچكى كەسىپلەرنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى شۇ ئۈچىنچى دۆلەت ھۆكۈمىتى بىلەن كېڭىشىپ، بۇ ئىشقا مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

43-ماددا مەھسۇلات ئىمپورت قىلغاندا ئېكسپورت قىلغان دۆلەت ياكى رايون بەرگەن ھەر قانداق شەكىلدىكى نىشانلىق ياردەمنى بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىك ھالدا قوبۇل قىلىش تۈپەيلىدىن، بەرپا قىلىنغا ئىچكى كەسىپلەر ماھىيەتلىك زىيانغا ياكى ماھىيەتلىك زىيان تەھدىتىگە ئۇچرىسا، ياكى ئىچكى كەسىپلەرنى بەرپا قىلىش ماھىيەتلىك توسالغۇغا ئۇچرىسا، دۆلەت قارشى ياردەم تەدبىرى قوللىنىپ، بۇنداق زىياننى ياكى زىيان تەھدىتىنى ياكى توسالغۇنى يوقاتسا ياكى ئازاتىسا بولىدۇ.

44-ماددا ئىمپوت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ سان مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن، شۇنىڭغا ئوخشاش مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش مەھسۇلاتلار بىلەن بىۋاسىتە رىقابەتلىشىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىچكى كەسىپلەر قاتتىق زىيان تارتسا ياكى قاتتىق زىيان تارتىش تەھدىتىگە ئۇچرىسا، دۆلەت تېگىشلىك كاپالەت تەدبىر قوللىنىپ، بۇنداق زىيان تەھدىتىنى يوقاتسا ياكى ئازايتسا بولىدۇ ھەمدە بۇنداق كەسىپكە تېگىشلىك مەدەت بەرسە بولىدۇ.

45-ماددا باشقا دۆلەت ياكى رايوندىن كەلگەن مۇلازىمەت قىلغۇچىلارنىڭ دۆلتىمىزگە قىلغان مۇلازىمىتىنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلىدىن، شۇلارغا ئوخشاش مۇلازىمەت قىلىدىغان ياكى ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە رىقابەتلىشىدىغان مۇلازىمەتتە ئىچكى كەسىپلەر زىيانغا ياكى زىيان تارتىش تەھدىتىگە ئۇچرىسا، دۆلەت زۆرۈر بولغان قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىپ، بۇنداق زىياننى ياكى زىيان تەھدىتىنى تۈگەتسە ياكى ئازايتسا بولىدۇ. 

46-ماددا ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ ئىمپورتقا چەك قويۇشى بىلەن مەلۇم مەھسۇلاتنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ بازارىغا كىرىش سانىنىڭ زور مىقداردا ئېشىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن، بەرپا قىلىنغان ئىچكى كەسىپلەر زىيانغا ياكى زىيان تارتىش تەھدىتىگە ئۇچرىسا، ياكى ئىچكى كەسىپلەرنى بەرپا قىلىش توسالغۇغا ئۇچرىسا، دۆلەت تېگىشلىك قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىپ، بۇنداق مەھسۇلاتنىڭ ئىمپورت قىلىنشىغا چەك قويسا بولىدۇ.

47-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىقتىساد–سودا شەرتنامىسى، كېلىشىمى تۈزۈشكەن ياكى ئۇنىڭغا ئورتاق قاتناشقان دۆلەت ياكى رايونلار شەرتنامە، كېلىشىملەردىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شۇ شەرتنامە، كېلىشىملەر بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان مەنپەئەتنى يوقاتسا ياكى زىيانغا ئۇچرىسا، ياكى شەرتنامە، كېلىشىملەردىكى نىشاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا توسالغۇ بولسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ئالاقىدار دۆلەت ياكى رايونلار ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇۋاپىق قۇتقۇزۇش تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە ئالاقىدار شەرتنامە، كېلىشىملەرگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشنى توختاتسا ياكى ئاخىرلاشتۇرسا بولىدۇ. 

48-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، تاشقى سودىدىكى ئىككى تەرەپلىك ياكى كۆپ تەرەپلىك كېڭىشىش، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋە تالاش-تارتىش قىلىش ئىشلىرىنى ھەل قىلىدۇ. 

49-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار باشقا تارماقلىرى مال ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىش، تېخنىكا ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىش ۋە خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى قىلىشقا دائىر ئاگاھ–تاقابىل مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، تاشقى سودىدا تۇيۇقسىز يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللارغا ۋە پەۋقۇلئاددە ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىشى كېرەك.

50-ماددا دۆلەت مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تاشقى سودىنى قىينچىلىقتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشتىن باش تارتىدىغان قىلىمىشلارغا قارىتا، تېگىشلىك تەدبىر قوللانسا بولىدۇ.

9-باب تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش

51-ماددا دۆلەت تاشقى سودا تەرەققىيات ئىستراتىگىيسىنى تۈزىدۇ، تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

52-ماددا دۆلەت تاشقى سودىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تاشقى سودا ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قۇرىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، تاشقى سودا تەرەققىيات فوندى، خەۋپ–خەتەر فوندى تەسىس قىلىدۇ. 

53-ماددا دۆلەت ئىمپورت–ئېكسپورت كرېدىتى، ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسى، ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش شۇنىڭدەك تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

54-ماددا دۆلەت تاشقى سودا جامائەت ئۇچۇر مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇپ، تاشقى سودا تىجارەتچىلىرى ۋە جامائەت ئۈچۈن ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

55-ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ تاشقى سودا تىجارەتچىلىرىنى خەلقئارا بازارلارنى ئىچىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش، چەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئېلىش ۋە چەت بىلەن ئەمگەك–مۇلازىمەت ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىشتەك كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

56-ماددا تاشقى سودا تىجارەتچىلىرى قانۇن بويىچە ئالاقىدار جەمئىيەتلەرنى، سودىگەرلەر ئۇيۇشىمىلىرىنى قۇرسا ۋە ئۇلارغا قاتناشسا بولىدۇ.

ئالاقىدار جەمئىيەتلەر، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، نىزامنامە بويىچە ئۆز ئەزالىرىغا تاشقى سودىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىش، ماركېتىڭ، ئۇچۇر ۋە تەربىيىلەش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇلازىمەت قىلىشى، ماسلاشما ۋە تەلەپچان بولۇش رولىنى جارى قىلىدۇرۇپ، تاشقى سودىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماسلارنى قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەزالىرىنىڭ ۋە ساھەسىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا ئەزالىرىنىڭ تاشقى سودىغا ئالاقىدار تەكلىپلىرىنى ئىنكاس قىلىشى، تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. 

57-ماددا جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتى تاشقى ئالاقە باغلاش، كۆرگەزمەئېچىش، ئۇچۇرچىلىق، مەسلىھەتچىلىك بويىچە مۇلازىمەت قىلش پائالىيەتلىرىنى ۋە تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان باشقا پائالىيەتلەرنى نىزامنامە بويىچە قانات يايدۇرىدۇ.

58-ماددا دۆلەت ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تاشقى سودىنى قانات يايدۇرۇشىغا يار–يۆلەك بولىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ.

59-ماددا دۆلەت مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ۋە ئىقتىسادى تەرەققىي قىلمىغان رايۇنلارنىڭ تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار–يۆلەك بولىدۇ ۋە تۈرتكە بولىدۇ.

10-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

60-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 11-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت سودىسى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ماللارنى ھوقۇق ئالماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىمپورت–ئېكسپورت قىلغانلارغا، گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، مەمۇرىي جەھەتتىن جازا بېرىش قارارى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ دۆلەت سودىسى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ماللارنى ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىش كەسىپى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، ياكى ئۇنىڭغا دۆلەت سودىسى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان باشقا ماللارنى ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن بېرىلگەن ھوقۇق بىكار قىلىنىدۇ.

61-ماددا ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىش مەنئى قىلىنغان ماللارنى ئىمپورت–ئېكسپورت قىلغانلارنى، ياكى ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىشقا چەك قويۇلغان ماللارنى ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىمپورت–ئېكسپورت قىلغانلارنى تامۇژنا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ، جازالايدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىش مەنئى قىلىنغان تېخنىكىنى ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىمپورت–ئېكسپورت قىلغانلار ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، جازالىنىدۇ؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلىمە بولمىغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە، 10مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى ياكى گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا بېرىش قارارى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ ياكى جىنايى جازا ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغۇچى ئوتتۇرىغا قويغان ئىمپورت–ئېكسپورت نورمىسى ياكى ئىجازەتنامە ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمىسا بولىدۇ، ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىنىڭ بىر يىلدىن يۇقىرى ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۆھلەت ئىچىدە ئالاقىدار مال ياكى تېخنىكا ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىش تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى مەنئى قىلسا بولىدۇ.

62-ماددا مەنئى قىلىنغان خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى بىلەن شۇغۇللانغانلار، ياكى چەك قويۇلغان خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى بىلەن ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئۆز بېشمچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلار ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە جازالىنىدۇ؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلىمە بولمىغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت قىلمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىنىڭ ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا بېرىش قارارى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن ياكى جىنايى جازا ھۆكۈمى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىلدىن يۇقىرى ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۆھلەت ئىچىدە خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسىغا ئالاقىدار تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى مەنئى قىلسا بولىدۇ.

63-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 34-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەربويىچە جازالىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللىدۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

گوۋويۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى سادىر قىلغۇچىنىڭ ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا بېرىش قارارى كۈچكە ئىگە بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىلدىن يۇقىرى ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۆھلەت ئىچىدە تاشقى سودىغا ئالاقىدار تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى مەنئى قىلسا بولىدۇ.

64-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىن 63-ماددىسىغىچە بولغان ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تاشقى سودىغا ئالاقىدار تىجارەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنشى مەنئى قىلىنغان بولسا، مەنئى قىلغان مۇددەت ئىچىدە، تامۇژنا گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودىغا مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە چىقارغان مەنئى قىلىش قارارىغا ئاساسەن، ئاشۇ تاشقى سودا تىجارەتچىسىنىڭ مال ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىشقا ئالاقىدار تامۇژنىغا مەلۇم قىلىش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى بېجىرمەيدۇ، تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش تارمىقى ياكى تاشقى پېرېۋوت ئېلىش بەلگىلەپ بېرىلگەن بانكا پېرېۋوت راسچوتى قىلىش، تاشقى پېرېۋوت سېتىشقا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرمەيدۇ.

65-ماددا مۇشۇ قانۇن بويىچە تاشقى سودىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان تارماقلاردىكى خىزمەتچى خادىملار خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلىنىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

مۇشۇ قانۇن بويىچە تاشقى سودىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان تارماقلارىدىكى خىزمەتچى خادىملار خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلا نىڭ پۇل–ماللىرىنى ئېلىپ، ياكى باشقىلارنىڭ پۇل–ماللىرىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىپ ئۇلارغانەپ يەتكۈزۈپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

66-ماددا تاشقى سودا تىجارەت پائالىيىتىگە ئالاقىدار تەرەپ مۇشۇ قانۇن بويىچە تاشقى سودىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان تارماق چىقارغان كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكەتكە قايىل بولمىسا، مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشىنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.

11-باب قوشومچە پرىنسىپ

67-ماددا ھەربى بويۇم، يىمىرىلىدىغان، بىرىكىدىغان ماددىلارنى ياكى شۇنداق ماددىلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ماددىلارغا مۇناسىۋەتلىك سودا باشقۇرۇشىدا شۇنىڭدەك مەدەنىيەت بويۇملىرىنىڭ ئىمپورت–ئېكسپورت قلىنىشىنى باشقۇرۇشتا قانۇن، نىزاملاردا باشقىچە بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىنىدۇ. 

68-ماددا دۆلەت چېگرا رايونلىرىمىز بىلەن چېگرىداش دۆلەتلەرنىڭ چېگرا رايونى ئوتتۇرىسىدىكى سودىغا شۇنىڭدەك چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز–ئارا سودىسىغا جانلىق تەدبىر قوللىنىپ، ئېتىبار بېرىدۇ ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

69-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىم تامۇژنا بېجى رايونلىرىغا بۇ قانۇن تەتبىق قىلىنمايدۇ.

70-ماددا بۇ قانۇن 2004-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#