زىغىر ئۇرۇقى

زىغىر ئۇرۇقى

زىغىر ئۇرۇقىنىڭ ئۆپكە ۋە كاناينى قۇۋۋەتلەش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل پەسەيتىشپ نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، يىرىڭلىق چاقىنى قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتى بار.

 


ئۇيغۇرچە نامى زىغىر ئۇرۇقى
ئەرەبچە نامى بەزرۇلكاتان
ئىنگلىزچە Common Flax Seed
ۋاقتى كۈز
خەنزۇچە ئاتىلىشى 亚麻字 ya ma zi
پارسچە نامى تۇخۇمى كاتان
ئوردۇچە نامى ئىلسكى بيج
تەبىئىتى بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۆسۈملۈك زىغىرنىڭ پىشىپ قۇرۇلتغان ئۇرۇقى بولۇپ، «زىغىر ئۇرۇقى» ياكى «تۇخۇمى كەتان» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ يەنە ھىندىستان، تۈركىيە، مىسىر ئەنگلىيە، رۇسىيە، گوللاندىيەدىن چىقىدۇ.

ئۇرۇقى ياپىلاق تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، رەڭگى قىزىلغا مايىل قوڭۇر رەڭلىك، پۇراقسىز كېلىدۇ.

سۈپىتىنى ئېنىقلاش 

پارقىراق، پاكىز، دانلىق بولغانلىرى ياخشى ھېسابلىنىدۇ.

قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى

ئۈنۈملۈك تەركىبى

ئۇرۇقىىڭ تەركىبىدە %48 ~ 30 گىچە مايلىق ياغ، %33 ~ %18 گىچە ئاقسىل ماددىسى، %12 ~ 5 گىچە يېپىشقاق ماددا، %26 ~ 12 گىچە قەنت، ئورگانىك كىسلاتا ۋە ۋىتامىن A ھەمدە ئاز مىقداردا لىنامارىن(Linamaran)، خام ئۇرۇقىدا كراخمال بار. پىشقاندا كراخمال تۈگەپ كېتىدۇ.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

لوئوقى سەرپىستان، لوئوق كەتان، سۇپۇپى كەتان.

زىققا، سوغۇقتىن بولغان يۆتەل، نەزلە، ئۆپكە ۋە كۆكرەك پەردە ياللۇغى، بوغۇم ياللۇغى،جىگەر ياللۇغى، گالنىڭ قىچىشىشى ۋە قۇرۇشى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، ئۈچەي ۋە بالىياتقۇ ياللۇغى ۋە ھەر خىل يىرىڭلىق جاراھەت قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدىكى چاپلاشقاق يىلىم ۋە ياغ يۇمشىتىش، غىدىقلاشنى پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە. شۇڭا زىغىر ئۇرۇقى كۆپىنچە يەرلىك ئورۇن كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنى ئىستېمال قىلسا ھەزىم قلىش يولى، نەپەس يولى ۋە سۈيدۈك چىقىرىش يوللىرىدىكى ياللۇغلارنى داۋالايدۇ. لىنامارىن كىچىك ئۈچەينىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى تەڭشەيدۇ.

خاس تەسىرى

ئۆپكە -كاناينى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا.

ئورۇنباسارى

شومشا ئۇرۇقى

ئەكىس تەسىرى

كۆپ يېسە كۆزگە ، ئاشقازانغا، ئۇرۇقدانغا زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

بەدىيان، يۇمغاقسۈت، ھەسەل.

يىغىش 

ئۆسۈملۈك كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىندۇ .

ساقلاش 

ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ئۇرۇقىنى ئېلىپ تازىلاپ ساقلىنىدۇ.[0]


قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=199

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#