چارۋىچىلىق قانۇنى

چارۋىچىلىق قانۇنى

2005–يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19–يىغىنىدا ماقۇللاندى .

ئۇيغۇرچە نامى چارۋىچىلىق قانۇنى
خەنزۇچە نامى 畜牧法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

(2005–يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19–يىغىنىدا ماقۇللاندى) 

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1–ماددا بۇ قانۇن چارىۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، چارۋا–قۇش مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى، بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش، چارۋىچىلىقنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى. 

2–ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش، پايدىلىنىش، يېتىشتۈرۈش، بېقىش، تىجارەت قىلىش، توشۇش قاتارلىقلاردا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ. 

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان چارۋا–قۇش مۇشۇ قانۇننىڭ 11–ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئېلان قىلىنغان چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن چارۋا–قۇشنى كۆرسىتىدۇ. 

ھەرە، پىلە قۇرتى بايلىقىنى ئاسراش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشتا مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

3–ماددا دۆلەت چارۋىچىلىق تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدۇ، چارۋىچىلىقنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ چارۋىچىلى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى، چارۋىچىلىقنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، چارۋىچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك، ئېكولوگىيىگە پايدىلىق، بىخەتەر بولغان چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. 

دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، نامرات رايونلارنىڭ چارۋىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا، ئوتلاقنى قوغدىشى ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشىغا، چارىۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى شارائىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم ۋە مەدەت بېرىدۇ. 

4–ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق كەسپىي خادىملىرىنى تەربىيلەيدۇ، چارىچىلىق–مال دوختۇرلۇق پەن–تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە كېڭەيتىش ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق پەن–تېخنىكا بىلىملىرىگە ئائىت تەربىيە، تەشۋىقات خىزمىتى ۋە چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، چاۋىچىلىق پەن–تېخنىكىسى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

5–ماددا چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى قىلغۇچىلار ساھە جەمئىيىتىنى ئىختىيارلىقى بىلەن قانۇن بويىچە قۇرۇپ، ئەزالىرىغا ئۇچۇر، تېخنىكا، ماركېتىڭ، تەربىيلەش مۇلازىمىتى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلسا، ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتسە، ئەزالار ۋە ساھەنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىسا بولىدۇ. 

6–ماددا چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى قىلغۇچىلار ھايۋانات يوقۇم مۇداپىئە مەمۇرىيىتى ۋە مۇھىت ئاسراش مەجبۇرىيىتى ۋە مۇھىت ئاسراش مەجبۇرىيىتى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. 

7–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ چارۋىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ چارۋىچىلقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

8–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى قىلغۇچىلارنىڭ چارۋا–قۇش يېتىشتۈرۈش، بېقىش، توشۇش شارائىتى ۋە مۇھىتنى ياخشىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. 

2–باب چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش 

9–ماددا دۆلەت چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراشنى كۈچەيتىشى، چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش خىراجىتىنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراشتا دۆلەت ئاساس قىلىنىدۇ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ. 

10–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى كەسپىي خادىملاردىن تەركىب تاپقان دۆلەت چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى كومىتېتى قۇرىدۇ، ئۇ چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى دەلىللەش، شۇنىڭدەك چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش مەسلىھەتچىلىك خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. 

11–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، دۆلەتنىڭ چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى ئەھۋالى مەلۇماتى ۋە گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ. 

12–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل ئەھۋالىغا قاراپ مەملىكەتنىڭ چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ، دۆلەت دەرىجىلىك ئاسرىلىدىغان چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى تىزىملىكىنى تەييارلاپ ھەمدە ئېلان قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قىممەتلىك، كەم ئۇچرايدىغان، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى نۇقتىلىق ئاسرايدۇ.

ئۆلكىلىك دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا ۋە شۇ مەمۇرىي رايوندىكى چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى ئەھۋالىغا قاراپ ئۆلكە دەرىجىلىك ئاسرىلىدىغان چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى تىزىملىكىنى تەييارلايدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. 

13–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئاسراش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانىغا، شۇنىڭدەك دۆلەت دەرىجىلىك ئاسرىلىدىغان چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى تىزىملىكىگە؛ ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاسرىلىدىغان چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى تىزىملىكىگە ئاساسەن، چارۋا–قۇش بايلىقىنى ئاسرايدىغان ئىرسىيەت بايلىقى نەسىل ساقلاش مەيدانى، مۇھاپىزەت رايونى ۋە گېن ئامبىرى قۇرىدۇ ياكى ئۇنى بېكىتىدۇ.

مەركەز مالىيىسى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە مەبلەغ جەھەتتىن قوللايدىغان چارۋا–قۇش بايلىقى نەسىل ساقلاش مەيدانى، مۇھاپىزەت رايونى ۋە گېن ئامبىرى قوغدىلىۋاتقان چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقى ئالماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلسا بولمايدۇ. 

چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى گېن ئامبىرى گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە چارۋا–قۇش ئىرسىيەت ماتېرىياللىرىنى قەرەللىك يىغىشى ۋە يېڭىلىشى كېرەك. ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى گېن ئامبىرىنىڭ چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى ئامبىرىنىڭ چارۋا–قۇش ئىرسىيەت ماتېرىياللىرىنى يىغىشىغا ماسلىشىشى كېرەك، ئۇلار مۇۋاپىق ئىقتىسادىي تۇلۇقلىما ئېلىشقا ھوقۇقلۇق. 

چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى نەسىل ساقلاش مەيدانى، مۇھاپىزەت رايونى ۋە گېن ئامبىرىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ چارىسىنى چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ. 

14–ماددا يېڭى بايقالغان چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى دۆلەت چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى كومىتېتى باھالاشتىن ئىلگىرى، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاسراش لايىھىسى تۈزۈپ ۋاقىتلىق ئاسراش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. 

15–ماددا چېگرا سىرتىدىن چارۋا-قۇش ئىرسىيەت بايلىقى كىرگۈزىدىغانلار ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى؛ ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا باھالىتىپ دەلىللەتكەندىن كېيىن تەستىقلىشى كېرەك. تەستىقلانغانلىرىغا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان، چىقىرىلىدىغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار رەسىميەتلەرنى ئۆتەش ھەمدە ئۇنى كارانتىن قىلدۇرۇش كېرەك. 

چېگرا سىرتىدىن كىرگۈزۈلگەن چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنىڭ چېگرا ئىچىدىكى چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىغا، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بارلىقى بايقالسا، گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، مۇناسىپ بىخەتەرلىك، تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

16–ماددا ئاسراش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى چېگرا سىرتىغا چىقىرىدىغان ياكى چېگرا ئىچىدە سىرتىدىكى ئاپپارات ۋە شەخسلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىدىغان، پايدىلىنىدىغانلار ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز تەڭ پايدىلىنىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى؛ ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىشى كېرەك. 

چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى چېگرا سىرتىغا چىقىرىدىغانلار يەنە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان، چىقىرىلىدىغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقدار رەسىميەتلەرنى ئۆتىشى ھەمدە كارانتىن قىلدۇرۇشى كېرەك.

يېڭى بايقالغان چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى دۆلەت چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى كومىتېتى باھالاشتىن ئىلگىرى چېگرا سىرتىغا چىقىرىشقا، چېگرا سىرتىدىكى ئاپپارات ۋە شەخسلە بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىشقا ۋە پايدىلىنىشقا بولمايدۇ. 

17–ماددا چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى چېگرىدىن كىرگۈزۈش، چىقىرىش ۋە سىرت بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىش ھەم ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تەستىقلاش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

3–باب نەسىللىك چارۋا–قۇشلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش 

18–ماددا دۆلەت چارۋا–قۇش نەسلىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە ياخشى نەسىلنى كېڭەيتىش، ئىشلىتىشكە مەدەت بېرىدۇ. كاخانا، ئالىي مەكتەپلەر، ئىلمىي تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش ئورۇنلىرىنىڭ بىرلىشىپ نەسىل يېتىشتۈرۈشىگە، چارۋا–قۇشنىڭ نەسلىنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا مەدەت بېرىدۇ. 

19–ماددا يېتىشتۈرۈلگەن چارۋا–قۇش نەسلىنى، يۈرۈشلۈك سىستېما ۋە يىڭى بايقالغان چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى كېڭەيتىشتىن ئىلگىرى، دۆلەت چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى كومىتېتى يېكىتىشى ياكى باھالىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئېلان قىلىشى كېرەك. چارۋا–قۇشنىڭ يېڭى نەسلىنى، يۈرۈشلۈك سىستېمىسىنى بېكىتىش چارىسى ۋە چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى باھالاش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ، بېكىتىش ياكى باھالاشقا كېتىدىغان سىناش، ئۆلچەش خىراجەتلىرىنى ئىلتىماس قىلغۇچى چىقىرىدۇ، ھەق ئېلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە، باھا تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

يېڭى چارۋا–قۇش نەسلى يېتىشتۈرۈش ۋە يۈرۈشلۈك سىستېما بەرپا قىلىنىدىغان جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلىشى كېرەك. 

چارۋا-قۇش يېڭى نەسلىنى يېتىشتۈرگەنلەر ۋە يۈرۈشلۈك سىستېما بەرپا قىلغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.

20–ماددا گېنى يۆتكەلگەن چارۋا–قۇش نەسلىنى يېتىشتۈرۈش، سىناق قىلىش، بېكىتىش ۋە كېڭەيتىشتە دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە گېنى يۆتكەلگەن جانلىقلارنى باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. 

21–ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق تېخنىكىسىنى كېڭەيتكۈچى ئاپپارات نەسىللىك چارۋىلارنىڭ ياخشىلىرىنى تىزىملاش قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

22–ماددا چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى قىلغۇچى ياكى تاۋار ياش چارۋا–قۇش ئىشلەپ چىقارغۇچى ئورۇن ۋە شەخسلەر نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ئېلىپ سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا قانۇن بويىچە تىزىملىتىپ، تىجارەت كىنىشكىسى ئالغاندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. 

نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:

(1) ئىشلەپ چىقىرىدىغان، تىجارەت قىلىدىغان نەسىللىك چارۋا–قۇش دۆلەت چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى كومىتېتىنىڭ بېكىتىشى ياكى باھالىشىدىن ئۆتكەن نەسىل، يۈرۈشلۈك سىستېما بولۇش ياكى تەستىق بىلەن چېگرا سىرتىدىن كىرگۈزۈلگەن نەسىل، يۈرۈشلۈك سىستېما بولۇش؛

(2) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت كۆلىمىگە لايىق چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق تېخنىكا خادىمى بولۇش؛

(3) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت كۆلىمىگە لايىق كۆپەيتىش ئەسلىھەسى، ئۈسكۈنىسى بولۇش؛ 

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن، گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن نەسىللىك چارۋا–قۇش يۇقۇم مۇداپىئە شارائىتىنى ھازىرلاش؛ 

(5) مۇكەممەل سۈپەت باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە نەسىل يېتىشتۈرۈش خاتىرىسى تۈزۈمى بولۇش؛ 

(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

23–ماددا ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ تۇخۇمى، توڭلىتىلغان ئىسپىرمىسى، تۆرەلمىسى قاتارلىق ئىرسىيەت ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشقا ئىجازەتنامە ئېلشتا، مۇشۇ قانۇننىڭ 22–ماددىسىنىڭ 2–تارمىقىدا بەلگىلەنگەن شەرتنى ھازىرلىغاندىن سىرت تۆۋەندىكى شەرتلەرنىمۇ ھازىرلاش كېرەك:

(1) گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن تەجرىبىخانا شارائىتى ۋە ساقلاش، تونۇش، شارائىتىنى ھازىرلاش؛

(2) گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن نەسىللىك چارۋا سانى ۋە سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش؛ 

(3) تەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇلغان تۆرەلمە، ئىشلەتكەن تۇخۇمنىڭ مەنبەسى ئېنىق بولۇش، تەمىنلىگۈچى چارۋا دۆلەت بەلگىلىگەن نەسىللىك چارۋا ساغلاملىق ئۆلچىمى ۋە سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش؛ 

(4) گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن نەسىللىك چارۋا ساغلاملىق ئۆلچىمى ۋە سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇش. 

24–ماددا چارۋا تۇخۇمى، توڭلىتىغان ئىسپېرمىسى، تۆرەلمىسى قاتارلىق ئىرسىيەت ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ئېلىشتا، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۋالغان ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك؛ گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى بېرىش–بەرمەسلىكىنى قانۇن بويىچە قارار قىلىشى كېرەك.

باشقا نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي تارمىقى بېرىدۇ، كونكرېت چارىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىدۇ. 

نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېرىدۇ، كونكرېت چارىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈزىدۇ. 

نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنىڭ نۇسخىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەييارلايدۇ، ئىجازەتنامىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ. نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىگە تەننەرخ ھەققى ئېلىشقا بولىدۇ، ھەق ئېلىشنى باشقۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە، باھا تارمىقى چىقىرىدۇ. 

25–ماددا نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىگە ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچىنىڭ نامى، فېرما(زاۋۇت) ئادرېسى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت دائىرىسى، شۇنىڭدەك ئىجازەتنامىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىنىڭ باشلىنىش، ئاخىرلىشىش ۋاقتى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك. 

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ ياكى نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارەت قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

26–ماددا دېھقانلار نەسىللىك چارۋا–قۇشنى ئۆزى كۆپەيتىپ باقىدىغان ۋە ئاز مىقداردىكى ئېشىنچا ياش چارۋا–قۇش ساتىدىغانلىرى ھەم ئاتىلىق چارۋا بېقىپ بىر–بىرىنىڭ چارۋىسىنى ئۇرۇقلاندۇرۇپ بېرىدىغانلىرى نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ئالمىسىمۇ بولىدۇ. 

27–ماددا چارۋا ئۇرۇقلاندۇرۇش، تۆرەلمە كۆچۈرۈش قاتارلىق كۆپەيتىش خىزمىتى ئىشلىگۈچى مەخسۇس خادىملار دۆلەتنىڭ مۇناسىپ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى ئېلىشى كېرەك. 

28–ماددا نەسىللىك چارۋا–قۇشقا ئائىت ئېلان بېرىشتە، ئېلان ئىگىسى نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ۋە تىجارەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك. ئېلان مەزمۇنى ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە ئۇنىڭدا نەسىللىك چارۋا–قۇشنىڭ نەسلى، يۈرۈشلۈك سىستېمىسىنى بېكىتكۈچى ياكى باھالىغۇچىنىڭ نامىنى ئەسكەرتىش كېرەك؛ ئاساسلىق ھالەت تەسۋىرى شۇ نەسىل ۋە يۈرۈشلۈك سىستېمىنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

29–ماددا سېتىلغان نەسىللىك چارۋا–قۇش ۋە چارۋا ئۇرۇقلاندۇرۇش پونكىتى(نۇقتىسى) دا ئىشلىتىلىدىغان ئاتىلىق چارۋا ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. نەسىللىك چارۋا–قۇش ساتقاندا، نەسىللىك چارۋا–قۇش فېرمىسىنىڭ نەسىللىك چارۋا–قۇش لاياقەت ئىسپاتى، ھايۋانات بۇيۇم مۇداپىئە نازارەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ پرىيوم–كارانتىن لاياقەت ئىسپاتى بولۇشى، ساتىدىغان نەسىللىك چارۋىنىڭ نەسىللىك چارۋا-قۇش فېرمسى بەرگەن چارۋا نەسەبنامىسىمۇ بولۇشى كېرەك. چارۋا تۇخۇمى، توڭلىتىلغان ئىسپىرمىسى، تۆرەلمىسى قاتارلىق ئىرسىيەت ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا يىغىش، سېتىش ۋە كۆچۈرۈش قاتارلىقلاردىن مۇكەممەل خاتىرە قالدۇرۇپ، ئۇنى ئىككى يىل ساقلاش كېرەك.

30–ماددا نەسىللىك چارۋا–قۇش سېتىشتا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا بولمايدۇ: 

(1) باشقا چارۋا–قۇشنىڭ نەسلى، يۈرۈشلۈك سىستېمىسىنى سېتىلىدىغان نەسىللىك چارۋا–قۇشنىڭ نەسلى، يۈرۈشلۈك سىستېمىسى قىلىپ كۆرسىتىش؛

(2) تۆۋەن ئەۋلاد نەسىل ئايرىمىسىدىكى چارۋا–قۇشنى يۇقىرى ئەۋلاد نەسىل ئايرىمىسىدىكى چارۋا–قۇش قىلىپ كۆرسىتىش؛ 

(3) ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۆلچىمىگە توشمايدىغان چارۋا–قۇشنى نەسىللىك چارۋا–قۇش قىلىپ كۆرسىتىش؛ 

(4) تەستىقسىز ئىمپورت قىلىنغان نەسىللىك چارۋا–قۇشنى سېتىش؛

(5) مۇشۇ قانۇننىڭ 29–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن نەسىللىك چارۋا–قۇش لاياقەتلىك ئىسپاتى، پرىيوم، كارانتىن لاياقەت ئىسپاتى بولمىغان نەسىللىك چارۋا–قۇش ياكى نەسەبنامىسى بولمىغان نەسللىك چارۋىنى سېتىش؛

(6) نەسىللىك چارۋا–قۇشننىڭ بېكىتىلمىگە ياكى باھالاتمىغان نەسلى ۋە يۈرۈشلۈك سىستېمىسىنى سېتىش.

31-ماددا نەسىللىك چارۋا-قۇشنى ئىمپورت قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجارەتمىسى بولۇشى كېرەك. نەسىللىك چارۋا–قۇشنى ئىمپورت قىلىش تەستىق ھۆججىتىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى ئالتە ئاي بولىدۇ. 

ئىمپورت قىلىنىدىغان نەسىللىك چارۋا–قۇش گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن تېخنىكا تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. تۇنجى ئىمپورت قىلىنغان چارۋا–قۇشنىڭ نەسىل خۇسۇسىيىتىنى دۆلەت چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى كومىتېتى باھالىشى كېرەك.

نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىمپورت–ئېكىسپورتىنى باشقۇرۇشقا ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانغاندىن سىرت، مۇشۇ قانۇننىڭ 15–ۋە 16–ماددىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرمۇ تەتبىقلىنىدۇ.

دۆلەت چارۋا–قۇش باققۇچىلارنىڭ ئىمپورت قىلىنغان چارۋا–قۇشنىڭ يېڭى نەسل، يۈرۈشلۈك سىستېمىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ؛ تاللاپ يېتىشتۈرۈلگەن يېڭى نەسىل، يۈرۈشلۈك سىستېمىنى كېڭەيتىشتىن ئىلگىرى، دۆلەت چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى كومىتېتىنىڭ بېكىتىشىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. 

32–ماددا نەسىللىك چارۋا–قۇش فېرمىلىرى ۋە چۈجە فېرما(چۈجىخانا) لىرىدىن تاۋار ياش چارۋا–قۇش ساتىدىغانلىرى سېتىۋالغۇچىنى ئۆزى ساتقان تاۋار ياش چارۋا–قۇشنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش خۇسۇسىيەت كۆرسەتكۈچى، ئىممۇنىتېت ئەھۋالى، بېقىش تېخنىكا تەلىپىدىن خەۋەردار قىلىشى ۋە ئالاقىدار تېخنىكا تەلىپىدىن خەۋەردار قىلىشى ۋە ئالاقىدار مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى قىلىش ھەمدە ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە نازارەتچىلىكى ئاپپاراتى بەرگەن پرىيوم–كارانتىن لاياقەت ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى كېرەك. 

سۈپىتىدە چاتاق بار نەسىللىك چارۋا–قۇش ۋە تاۋار ياش چارۋا–قۇشنى سېتىپ، چارۋا–قۇش باققۇچىغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە زىياننى تۆلىشى كېرەك. 

33–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى نەسىللىك چارۋا–قۇشنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. نەسىللىك چارۋا–قۇشنىڭ سۈپىتى، بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ پريوم قىلىشنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ساپاغا ئىگە نەسىللىك چارۋا–قۇش سۈپەت پريوم ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىش كېرەك؛ پرىيوم ھەققىنى پريوم قىلدۇرغۇچىدىن ئالماي، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە چىقىم قىلىش كېرەك. 

34–ماددا پىلە بايلىقىنى ئاسراش، يېڭى سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ۋە كېڭەيتىشتە، مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ، كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

4–باب چارۋا–قۇش بېقىش 

35–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن، چارۋىچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئەۋزەل چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇشقا، چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇشقا، چارۋا–قۇشنىڭ بازار رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ. 

دۆلەت ئوتلاق چارۋىچىلىقى رايونلىرىدا ئوتلاقنى قاشالاش قۇرۇلۇشى، ئوتلاق سۇ قۇرۇلۇشى، ئوتلاق ياخشىلاش قۇرۇلۇشى، ئوت–چۆپ، يەم–خەشەك بازىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئوتلاق ئاساسىي قۇرۇلۇشى قىلىپ، پادا قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، چارۋا نەسلىنى ياخشىلاپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، چارۋىنى قوتاندا، رايونلار بويىچە تۆۋەنلەشتۈرۈپ بېقىپ، چارۋا بىلەن ئوتلاقنى پەيدىنپەي تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئۇتلاقنىڭ ئېكولوگىيە مۇھىتىنى ياخشىلاشقا مەدەت بېرىدۇ.

36–ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى چارۋىچىلىق تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان ئەلا نەسىل ياردىمى، ياردەم ئۆسۈملۈك پۇل قاتارلىق مەبلەغنى مالىيە خام چوتىدا ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەمدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى قەرزپۇل، سۇغۇرتا مۇلازىمىتى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن چارۋا–قۇش باققۇچىلارنىڭ نەسىللىك چارۋا–قۇش سېتىۋېلىپ، ئېسىل نەسىل يېتىشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ بېقىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە مەدەت بېرىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھاملاندۇرىدۇ. 

37–ماددا دۆلەت يېزا كوللىكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى، دېھقانلار ۋە چارۋىچىلىق ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ چارۋا–قۇش فېرمىسى، باقمىچىلىق رايونى قۇرۇشىغا، كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ. يېزا(بازار) نىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئۇمۇمىي پىلانىنى تۈزگەندە چارۋا–قۇش باقىدىغان يەرنى شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى، دېھقانلار، چارۋىچىلىق ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى يېزا(بازار) نىڭ يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانى بويىچە، چارۋا–قۇش فېرمىسى، باقمىچىلىق رايونى قۇرۇشقا ئىشلەتكەن يەر يېزا ئىگىلىك يېرى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ. چارۋا–قۇش فېرمىسى، باقمىچىلىق رايونىغا ئىشلەتكەن يەرنى ئىشلىتىش مۇددىتى توشۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كەلسە، چارۋا–قۇش فېرمىسى، باقمىچىلىق رايونى يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ئىگىسى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. چارۋا–قۇش فېرمىسى، باقمىچىلىق رايونى ئىشلىتۋاتقان يەر دائىرىسىدە مەڭگۈلۈك ئىمارەت(قۇرۇلما) سېلىش، يېزا ئىگىلىك يېرىنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىش زۆرۈر بولسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ. 

38–ماددا دۆلەت قۇرغان چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيلەش، ياخشى نەسىلنى كېڭەيتىش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مۇلازىمەتلىرىنى قىلىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت قۇرغان چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى تېخنىكا مۇلازىمەت خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. 

دۆلەت چارۋا–قۇش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەتچىلەرنى چارۋا-قۇش باققۇچىلارغا زۆرۈر مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. 

39–ماددا چارۋا–قۇش فېرمىسى، باقمىچىلق رايونى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك: 

(1) بېقىش كۆلىمىگە لايىق ئىشلەپچىقىرىش سورۇنى ۋە يۈرۈشلەشكەن ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەسى بولۇش؛ 

(2) مۇلازىمەت قىلدىغان چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق تېخنىكا خادىمى بولۇش؛ 

(3) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن يۇقۇم مۇداپىئە شارائىتى ھازىرلاش؛ 

(4) چارۋا قۇشنىڭ قىغى، كېرەكسىز سۇ ۋە باشقا قاتتىق تاشلاندۇقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىدىغان پاتقاق گازى ئەسلىھەلىرى ياكى باشقا زىيانسىزلاندۇرۇش ئەسلىھەلىرى بولۇش؛ 

(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزانلاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەرنى ھازىرلاش، باقمىچىلىق فېرمسى، باقمىچىلىق رايونى قۇرغۇچىلار باقمىچىلىق فېرمىسى، باقمىچىلىق رايونى نامى، ئادرېسى، چارۋا–قۇشنىڭ نەسلى ۋە باقمىچىلىق كۆلىمىنى شۇ فېرما، شۇ رايون بار جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇپ، چارۋا–قۇش ئەن كودى ئېلىشى كېرەك. 

ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى چارۋا–قۇش فېرمسى، باقمىچىلىك رايونىنىڭ كۆلەم ئۆلچىمى ۋە ئەنگە ئالدۇرۇش تەرتىپىنى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ چارۋىچلىق تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلەيدۇ. 

40–ماددا تۆۋەندىكى رايونلاردا چارۋا–قۇش فېرمىسى، باقمىچىلىق رايونى قۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ: 

(1) تۇرمۇش ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، شۇنڭدەك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ مەركىزى ۋە ئارىلىق رايونى؛ 

(2) شەھەر، بازار ئاھالە رايونى، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن–تەتقىقات رايونى قاتارلىق ئاھالە مەركەزلەشكەن رايون؛ 

(3) قانۇن، نىزاملاردا بېقىش مەنئى قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا رايونلار. 

41–ماددا چارۋا–قۇش فېرمىلىرى باقمىچىلىق ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى يېزىشى كېرەك:

(1) چارۋا–قۇشنىڭ نەسلى، سانى، كۆپىيىش خاتىرىسى، ئەن سېلىش ئەھۋالى، مەنبەسى ۋە فېرمىغا كىرگەن، فېرمىدىن چىققان ۋاقتى؛ 

(2) يەم–خەشەك، يەم–خەشەك خۇرۇچى، ھايۋانات دورىسى قاتارلىقلارنىڭ مەنبەسى، نامى، ئىشلىتىش ئوبيېكتى، ۋاقتى ۋە مىقدارى؛

(3) كارانتىن، ئىممۇنىتېت، دېزىنفېكسىيە قىلىش ئەھۋالى؛

(4) چارۋا–قۇشنىڭ كېسەل بولۇش، ئۆلۈش ۋە زىيانسىزلاندۇرۇلۇش ئەھۋالى؛ 

(5) گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا مەزمۇنلار. 

42–ماددا چارۋا–قۇش فېرمىلىرى ئۆزى باققان چارۋا–قۇشقا مۇۋاپىق كۆپىيىش شارائىتى ۋە ياشاش، يېتىلىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. 

43–ماددا چارۋا–قۇش بېقىشتا تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەردە بولۇشقا يول قويۇلمايدۇ: 

(1) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە دۆلەتنىڭ تېخنىك قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەم–خەشەك، يەم خەشەك خۇرۇچى، ھايۋانات دورىسى ئىشلىتىش؛

(2) چارۋىنى ئاشخانىلارنىڭ يۇقىرى ھارارەتتە بىر تەرەپ قىلىنمىغان چىقىرىندىلىرى بىلەن بېقىش؛ 

(3) چارۋا–قۇشنى ئەخلەتخانىدا ياكى ئەخلەتخانىدىكى نەرسىلەر بىلەن بېقىش؛

(4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ئادەم ۋە چارۋا–قۇشنىڭ ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەر. 

44–ماددا چارۋا–قۇش بېقىشتا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، چارۋا–قۇش يوقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. 

45–ماددا چارۋا–قۇش باققۇچىلار دۆلەتنىڭ چارۋا–قۇشقا ئەن سېلىشنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە، ئەن سېلىنىدىغان چارۋا–قۇشنىڭ بەلگىلەنگەن يېرىگە ئەن سېلىشى كېرەك، چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئەن نۇسخىسىغا ھەق ئالسا بولمايدۇ، كېرەكلىك خىراجەت ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ. 

چارۋا–قۇشقا سالىدىغان ئەننى تەكرار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. 

46–ماددا چارۋا–قۇش فېرمىسى، باقمىچىلىق رايونى چارۋا–قۇش قىغى، كېرەكسىز سۇ، شۇنىڭدەك باشقا قاتتىق تاشلاندۇقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش ئەسلىھەسى ياكى زىيانسىزلاندۇرۇش ئەسلىھەسىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە، بۇلغىمىنى ئۆلچەم بويىچە چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

چارۋا–قۇش فېرمىسى ۋە باقمىچىلىق رايونلىرىدىن چارۋا–قۇشلارنىڭ قىغى، كېرەكسىز سۇ، شۇنىڭدەك باشقا قاتتىق تاشلاندۇقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش ئەسلىھەسىنى قۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ. 

47–ماددا دۆلەت ئورمانچىلىق تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدۇ، ھەرە باققۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

ئالاقىدار تارماقلار ھەسەل ھەرىسى ئارقىلىق چاڭلاشتۇرۇش تېخنولوگىيە تەدبىرلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىشى، ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك. 

48–ماددا ھەرە باققۇچىلار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ھەسەل مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان دورا ۋە قاچىلارنى ئىشلەتمەسلىكى، ھەسەل مەھسۇلاتىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرە ساندۇقى دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىگە مەجبۇرلاش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

49–ماددا ھەرە باققۇچىلار ھەسەل ھەرىسىنى باشقا جايغا يۆتكىگەندە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش–ترانسپورت، چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ھەرە باققۇچىلار ھەرىنى مەملىكەت ئىچىدىكى باشقا جايغا يۆتكەشتە، گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىر تۇتاش تەييارلىغان كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى ئارقىلىق يۆتكىشى كېرەك، كارانتىن لاياقەتلىك ئىسپاتى كۈچكە ئىگە مەزگىلىدە تەكرار كارانتىن قىلىشقا بولمايدۇ.

5–باب چارۋا–قۇش سودىسى ۋە ئۇنى توشۇش 

50–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئېچىۋېتىلگەن، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان چارۋا–قۇش بازىرى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرش، سېتىش ئۇچۇرلىرىنى يىغىپ، رەتلەپ ۋە ئېلان قىلىپ، ئىشلەپ چىقارغۇچىلارغا ئۇچۇ لىرىنى يىغىپ، رەتلەپ ۋە ئېلان قىلىپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىش كېرەك.

51–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، چارۋا–قۇش يىغىلىدىغان، تارقىتىلىدىغان جايدا چارۋا–قۇش توپ سېتىش بازىرى قۇرۇشقا مەدەت بېرىدۇ. 

چارۋا–قۇش توپ سېتىش بازىرىنىڭ ئورنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە شەرتىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە نەسىللىك چارۋا–قۇش فېرمىسى ۋە چوڭ چارۋا–قۇش فېرمىلىرىدىن ئۈچ كىلومېتىر يىراق بولۇشى كېرەك. 

52–ماددا سېتىلىدىغان چارۋا–قۇش دۆلەتنىڭ تېخنىك قائىدىسىدىكى مەجبۇلاش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. 

گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئەن سېلىشنى بەلگىلىگەن بولسىمۇ ئەن سېلىنمىغان چارۋا–قۇشلارنى سېتىش ۋە سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ. 

53–ماددا چارۋا–قۇش توشۇش قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە شەرتىگە ئۇيغۇن بولۇشى؛ تەدبىر قوللىنىپ چارۋا–قۇشلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەمدە توشۇلۇۋاتقان چارۋا–قۇشلارغا زۆرۈر بوشلۇق ۋە يەم بېرىش، سۇغىرىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. 

ئالاقىدار تارماقلار توشۇلۇۋاتقان چارۋا–قۇشلارنى تەكشۈرۈشتە، قانۇن، نىزاملارغا ئاساسلىنىشى كېرەك.

6-باب سۈپەت بىخەتەرلىك كاپالىتى

54–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنى مۇشۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە، چارۋا–قۇش بېقىش مۇھىتىنى، نەسىللىك چارۋا–قۇش سۈپىتىنى، يەم–خەشەك، ھايۋانات دورىسى قاتارلىقلارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى، شۇنىڭدەك چارۋا–قۇش سودىسىنى ۋە ئۇنى توشۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك. 

55–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چارۋا–قۇشقا سالىدىغان ئەننى ۋە بەقمىچىلىق ئارخىپىنى باشقۇرۇش چارىسىنى چىقىرىپ، تەدبىر قوللىنىپ، چارۋا–قۇش مەھسۇلات سۈپىتى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. 

56–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چارۋا–قۇش سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ، نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پىلان بويىچە ئىشلىشى كېرەك.

57–ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش قائىدىسىنى تۈزۈپ، چارۋا–قۇش بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. 

7–باب قانۇن جاۋابكارلىقى 

58–ماددا ئاسرىلىدىغان چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 13–ماددىسىنىڭ 2–تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى زىيانغا ئۇچراتقانلارغا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 

59–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، چارۋا قۇش ئىرسىيەت بايلىقى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. قۇشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ: 

(1) تەستىقلانماي تۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىن چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى كىرگۈزۈش؛

(2) ئاسراش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن چارۋا–قۇشنى تەستىقلاتماي تۇرۇپ، چېگېرا سىرتىدىكى ئاپپارات ۋە شەخسلەر بىلەن چېگرا ئىچىدە ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش؛ 

(3) دۆلەت چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى كومىتېتىنىڭ بېكىتىشىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن، يېڭىدىن بايقالغان چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى چېگرا ئىچىدە ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش. 

60–ماددا گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى چېگرا سىرتىغا چىقارغانلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تامۇژنا قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. تامۇژنا تۇتۇپ قالغان چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقىنى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

61–ماددا بېكىتىلمىگەن ياكى باھالانمىغان چارۋا–قۇش نەسلىنى مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا ساتقان، كېڭەيتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، چارۋا–قۇشنى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلار ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغانلارغا قوشۇمچە 5000مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 

62–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ ياكى نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىگە ئائىت بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ نەسىللىك چارۋا–قۇشنى ئىشلەپ چىقارغان، تىجارەت قىلغان، نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئىجارە بەرگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلار ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 30 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغانلارغا قوشۇمچە 3000يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئىجارە بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى قوشۇمچە بىكار قىلىدۇ. 

63–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 28–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. 

64–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلەتكەن نەسىللىك چارۋا–قۇش ئۇرۇقلاندۇرۇش ئۆلچىمىگە توشمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000يۈەندىن ئاشقانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلار ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەنگە يەتمەيدىغانلارغا قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 

65–ماددا نەسىللىك چارۋا–قۇش ساتقانلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 30–ماددىسىنڭ 1-، 2-، 3–ۋە 4–تارماقچىلىرىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ ساتقان چارۋا–قۇشنى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلار ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ياكى تىجارەت قىلىش كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ. 

66–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 41–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چارۋا–قۇش فېرمىسىدا باقمىچىلىق ئارخىپى تۇرغۇزمىغان ياكى باقمىچىلىق ئارخىپىنى ساقلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى سۈرۈل ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

67–ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 43–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چارۋا–قۇش باققانلارغا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 

68–ماددا بۇبەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ساتقان نەسىللىك چارۋا-قۇشنىڭ نەسىللىك چارۋا–قۇش لاياقەت ئىسپاتى، كارانتىن لاياقەت ئىسپاتى ۋە چارۋا نەسەبنامىسى بولمىغان، گوۋۇيۈەننىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئەن سېلىشنى بەلگىلىگەن بولسىمۇ، ئەن سېلىنمىغان چارۋا–قۇشنى ساتقان، سېتىۋالغان ياكى چارۋا–قۇشقا سالىدىغان ئەننى تەكرار ئىشلەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، چارۋا–قۇشلارنىڭ ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان ئەنىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان چارۋا–قۇش ئەنىنى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 

69–ماددا دۆلەتنىڭ تېخنىكا قائىدىسىدىكى مەجبۇرلاش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان چارۋا–قۇشنى ساتقانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى سودا–دانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى توختىتىشقا بويرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ ساتقان چارۋا–قۇشى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قوشۇمچە بىكار قىلىدۇ. 

70–ماددا چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلاردىن پۇل، مال ئالغان ياكى نەپ ئالغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە ئىجازەتنامە ياكى ئالاقىدار تەستىق ھۆججەتلىرىنى بەرگەن، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سېزىپ تۇرۇپ، بىر تەرەپ قىلمىغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

71–ماددا نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىلەپچىقىرىشى، تىجارەت قىلغۇچىلاردىن نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلغانلىرىنى چارۋىچىلىق–مال دوختۇرلۇق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە سودا–سانائەت مەمۇرىي بامەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلغان كۈندىن باشلاپ ئون كۈن ئىچىدە سودا-سانائەت لغان ياكى نەپ ئالغان، شقۇرۇش تارمىقىغا ئۇقتۇرىدۇ. نەسىللىك چارۋا–قۇش ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتى قىلغۇچىلار سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا بېرىپ تىزىم ئۆزگەرتىشى ياكى ئۆچۈرتۈشى كېرەك. 

72–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. 

8-باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

73–ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان چارۋا–قۇش ئىرسىيەت بايلىقى چارۋا–قۇش ۋە ئۇنىڭ تۇخۇمى، تۆرەلمىسى، ئىسپىرمىسى، گېن ماددىسى قاتارلىق ئىرسىيەت ماتېرىياللىرىنى كۆرسىتىدۇ. 

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان نەسىللىك چارۋا–قۇش تاللاپ يېتىشتۈرۈلگەن، ئۇرۇقلاندۇرۇش قىممىتىگە ئىگە، ئەۋلاد كۆپەيتىشكە باپ كېلىدىغان چارۋا–قۇش ۋە ئۇنىڭ تۇخۇمى، تۆرەلمىسى، ئىسپىرمىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. 

74–ماددا بۇقانۇن 2006–يىلى 7–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#