سىر دەرياسى
سىر دەرياسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ دەريا، دەريانىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3019 كىلومېتىر، دەريانىڭ ئايرىم بۆلەكلىرىدىلا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ دەريا. باش مەنبەسى پەرغانە ئويمانلىقىنىڭ شەرقىدىكى تىيانشاندىن باشلىنىدىغان نارېن قارا دەريالىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان. بۇ ئىككى دەريا قوشۇلغاندىن كېيىن پەرغانە ۋادىسىنىڭ شىمالىنى بويلاپ غەربكە قاراپ ئاقىدۇ. تاشكەنتنىڭ غەربىي جەنۇبىغا كەلگەندە چىرچىق دەرياسى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن، قىزىل قۇم چۆللۈكىنىڭ شەرقىنى بويلاپ ئېقىپ ئارال دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ. دەريا ئاغزىدا دېلتا تۈزلەڭلىك ھاسىل بولغان. دەريانىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3019 كىلومېتىر، باش ئېقىندىكى ئىككى دەريا قوشۇلغان يېرىدىن ھېسابلىنىغاندا 2212 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 219 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
دېلتا رايونىدىكى كازالىنسكى يېنىدىكى ئوتتۇرىچە يىللىق ئېقىن مىقدارى 446 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ، يىللىق ئومۇمىي ئېقىن مىقدارى 14.1 كۇب كىلومېتىر كېلىدۇ. دەريا سۈيىنىڭ مۇزلاش ۋاقتى تۆت ئايغا يېتىدۇ. دەريانىڭ ئايرىم بۆلەكلىرىدىلا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. غول، تارماق دەريالاردا نۇرغۇن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى بىلەن سۇ ئامبارلىرى قۇرۇلغان. دەريا ئەتراپىدا سۇغىرىلىدىغان يەر 2 مىليون 200 گېكتارغا يېتىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.