قارلىق ئويۇنى

قار

قارلىق ئويۇنى ئۇيغۇرلاردا ئالاھىدە خاراكتېرلىكتۇر. تۇنجى ياغقان قار خۇشاللىقىدا «قارلىق ئويۇنى» نى باشلايدۇ. بەزىلەر تۇنجى قار يېغىشتىن بۇرۇنلار «قارلىق» تاشلىنىدىغان ئۆينى نىشانلاپ قويىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى قارلىق ئويۇنى
خەنزۇچە ئىسمى 雪地游戏

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارقارلىق ئويۇنى ئۇيغۇرلاردا ئالاھىدە خاراكتېرلىكتۇر. بەزىلەر تۇنجى قار يېغىشتىن بۇرۇنلار «قارلىق» تاشلىنىدىغان ئۆينى نىشانلاپ قويىدۇ. تۇنجى يېغىۋاتقان ياكى تۇنجى قار يېغىپ توختىغان ھامان: 

قاردا قارلىق تاشلىدۇق،

بۇ ئويۇننى باشلىدۇق. 

يېڭى قارنىڭ خۇشلۇقىدا،

سىزگە قارلىق تاشلىدۇق. 

دەپ باشلانغان ۋە:

قارلىق ئاپارغان كىشىنى 

پەم بىلەن تۇتسىلا. 

يۈزلىرىگە قارا سۈكەپ. 

ئالدىمىزغا كەلسىلە.

دەپ ئاخىرلاشقان قارلىقنى يېزىپ، نىشانلانغان ئۆيگە يېقىن بولسا پىيادە، يىراق بولسا ئۇلاغلىق بېرىپ، قارلىقنى ئۆينىڭ بەلگىلىك بىر يېرىگە تىقىپ قويۇپ، ئۆيدىن چىقىۋېتىپ «پالان يەرگە قارلىق قويۇپ قويدۇم» دەپلا قاچىدۇ. قارلىق تاشلانغان ئۆيدىن بىر ئادەم ئۇنى قوغلايدۇ. ئەگەر ئۇنى تۇتۇۋالسا، ئۇنىڭ يۈز-كۆزىنى بوياپ، جۇۋىنى تەتۈر كىيىگۈزۈپ مەھەللىمۇ-مەھەللە ئايلاندۇرىدۇ. تۇتۇلۇپ قالغان تەرەپ ئالاھىدە مېھمان چاقىرىپ «قارلىق چېيى» ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئەگەر قارلىق ئەكەلگۈچى تۇتۇلماي قېچىپ كەتسە، قارلىق تاشلانغان ئۆي قارلىق چېيى بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەھەللىدە قىش بويى «قارلىق چېيى» ئۈزۈلمەيدۇ. 

«قارلىق ئويۇنى» ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەتكە سېغىنىشىدىن كېلىپ چىققان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    20%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    80%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#