خېجې مىللىتى

خېجې مىللىتى

خېجې مىللىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلاد جۇڭگونىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئۈچ دەريا ( سۇڭخۇاجياڭ دەرياسى، خېيلۇڭجياڭ دەرياسى ۋە ئۇسسۇرى دەرياسى) ۋادىلىرىدا ياشاپ كەلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى خېجې مىللىتى
خەنزۇچە نامى 赫哲族

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خېجې مىللىتىئۇلار «يىماكەن» دەپ ئاتىلىدىغان ئېيتىشىشقا بەكمۇ ئامراق بولۇپ، بىر بۆلەكنى ئېيتىپ بىر ناخشا ئېيتىدۇ، ساز تەڭكەش قىلمايدۇ. ئېيتىشىشنىڭ سۆز-جۈملىلىرى قاپىيىلىك بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك بەدىئىي تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە. 

ئۇسسۇرى دەرياسى ئۇزۇندىن-ئۇزۇن، كۈۋەجەر سۇلىرى دولقۇنلار ئۇرۇپ. 

خېجېلار تور يېيىپ دەريا يۈزىدە، تۇتار بېلىقنى كېمىنى توشقۇزۇپ. 

يۇقىرىقى ناخشىدا خېجېلارنىڭ جاپالىق ئەمگەك مەنزىرىسى جانلىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن.

خېجې مىللىتى ئەۋلادتىن-ئەۋلاد جۇڭگونىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئۈچ دەريا ( سۇڭخۇاجياڭ دەرياسى، خېيلۇڭجياڭ دەرياسى ۋە ئۇسسۇرى دەرياسى) ۋادىلىرىدا ياشاپ كەلگەن.

 ئۇلار ياشاۋاتقان جايلارنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل ۋە ھەيۋەتلىك، دەريا-ئېقىنلىرى كەڭ، سۈيى ئەۋەك بولۇپ، بېلىق مەھسۇلاتلىرى ئىنتايىن مول. تاغ-ئورمانلاردىن بۇغا مۈڭگۈزى، ئېيىقتاپىنى، ئىپار ۋە بۇلغۇن تېرىسى قاتارلىق داڭلىق ۋە ئەتىۋارلىق دورا ماتېرىياللىرى ۋە تېرىلەر كۆپ چىقىدۇ.

خېجې مىللىتى بېلىق تۇتۇش ۋە ئىت قاتىدىغان چانا ھەيدەش خېجېلارنىڭ ئىككى چوڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۇلار قەدىمدە «بېلىق قاسىرىقى قەبىلىسى» ۋە «تايغان قەبىلىسى» دەپ ئاتالغان. ئىلگىرى خېجېلارنىڭ ئارا ئىشلىتىش ماھارىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، بېلىق تۇتۇش ماھىرلىرىنىڭ ئۇرغان بېلىق ئارىسى بوش كەتمەيدىكەن. كېيىنچە ئۇلار يەنە قارماق، تور قاتارلىقلارنىمۇ ئىشلەتكەن. ھەر يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئاق شەبنەم چۈشكەندە، ئۇلار قېيىقچىلىرىغا ئولتۇرۇپ، دەرياغا تور تاشلاپ، داماخا بېلىقى تۇتقان. خېجېلار ئوۋچىلىققىمۇ ئىنتايىن ماھىر. ئۇلار پۇتلىرىغا پۇت چانىسى بېكىتىۋېلىپ، قار-مۇزلاردا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئىزىغا چۈشكەندە ئۇچقاندەك تېيىلىپ ماڭىدۇ. ئۇلار ئىلگىرى ئوۋ ئوۋلاشتا ئوقيا ۋە ئوۋ مىلتىقى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى بۇلغۇن ئوۋلايتتى. رىفا مىلتىقى ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، ئۇلار دائىم كوللېكتىپ بۇغا ئوۋلايدىغان بولغان. يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان ئۇلار تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، زىرائەت تېرىغان.

 خېجې مىللىتىنىڭ ئۆز تىلى بار، ئەمما يېزىقى يوق بولۇپ، ئۇلار خەنزۇ تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشكە ئادەتلەنگەن.

ئۇلار شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، شامانلارمۇ ئەمگەك قىلىدۇ، ئۇلارنى دىنىي مۇراسىمغا تەكلىپ قىلىشقا توغرا كەلسە، مېھمان قىلىپ قويۇشلا كۇپايە قىلىدۇ. 

خېجې مىللىتىئۇلارنىڭ كىيىملىرى ئىلگىرى تولاراق بېلىق، قاپلان ۋە بۇغا تېرىسىدىن تىكىلەتتى، ئاياغلىرىمۇ ھايۋان تېرىسىدىن تىكىلەتتى، رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر جۈپ ياش خېجې مىللىتىدىن بولغان ئەر-خوتۇن بولۇپ، ئۇستا تىككۈچى، ئېرى بېلىق تۇتۇش ماھىرى ئىكەن. خوتۇنى ئېرى تۇتۇپ كەلگەن بېلىقنىڭ تېرىسىدە تۆشۈك بار ئىكەن دەپ ئاغرىنىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئېرى ئارا بىلەن بېلىق تۇتۇش تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئارىسىنى بېلىقنىڭ ئۈزگۈچ پالىقىغا سانجىيدىغان بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن خوتۇنى بۇ بېلىقنىڭ تېرىسىدىن تېخىمۇ چىرايلىق كىيىملەرنى تىكىدىغان بوپتۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#