گرېنلاندىيە

دۇنيادا مىڭلىغان-ئون مىڭلىغان ئاراللار بار بۇلۇپ، دۇنيا بويىچە ھەممە ئېتىراپ قىلغان بىرىنچى چوڭ ئارال گرېنلاندىيە ئارىلىدۇر. گرېنلاندىيە ئارىلىنىڭ ئورنى يەر شارىنىڭ شىمالىي ئۇچىغا توغرا كېلىدۇ. گرېنلاندىيىنىڭ بەشتىن تۆت قىسمى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى ئىچىدە، يەر مەيدانى 22 مىليون 166 مىڭ 86 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، پۈتۈن ياۋروپا يەر كۆلىمىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىغا تەڭ كېلىدۇ.

نامى گرېنلاندىيە
ئىنگىلىسچە نامى Greenland
نوپۇسى 56,452 ئادەم (2010-يىل)
قاراشلىق قىتئە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى
خەنزۇچە نامى 格陵兰
كۈلىمى 2 مىليون 166 مىڭ 86 كۋادرات كىلومېتىر
پايتەختى نۇك شەھىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گرېنلاندىيە ئارىلىشىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ ئارال. يەر مەيدانى 2 مىليون 166 مىڭ 86 كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا بولغان ئۇزۇنلۇقى 2700 كىلومېتىر، غەربتىن شەرققە بولغان كەڭلىكى 1000 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ دانىيىدىن 50 ھەسسە چوڭ بولۇپ، دېڭىز قىرغاقلىرىدا نۇرغۇنلىغان قولتۇق، بوغۇزلار بار. گرېنلاندىيە يېرىنىڭ بەشتىن تۆت قىسمى شىمالىي قۇتۇپ دائىرىسىدە بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ھاۋاسى يىل بويى سوغۇق بولىدۇ.

گرېنلاندىيە ئاھالىسى 52 مىڭ 300 دىن ئاشىدۇ (1984-يىل)، بۇنىڭ%90 نى يەرلىك ئېسكىموسلار بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىگىلەيدۇ، دانىيىلىكلەر 8000 دىن ئاشىدۇ. ئاھالىنىڭ %90 غەربىي دېڭىز قىرغاق رايونلىرىغا، %7 شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرىغا، 500-600 دەك كىشى شىمالىي دېڭىز قىرغاقلىرىغا ئولتۇراقلاشقان. يەرلىك خەلق ئىسكىس تىلى بىلەن گرېنلاندىيە ۋە دانىيە تىللىرىنى قوللىنىدۇ. مەركىزى گودخوپ شەھرى. گرېنلاندىيە خەلقلىرى بېلىقچىلىق ھەم چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 

گرېنلاندىيە ئارىلىيىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃0 تىن تۆۋەن بولىدۇ. 1-ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃47 قا يېتىدۇ. ھۆل-يېغىنى قارنى ئاساس قىلىدۇ، يىللىق ھۆل-يېغىنى 300-400 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. گرېنلاندىنىيىگە قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈشى بەك يانتۇ بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ شىمالىي قىسىملىرىدا 6 ئايغا يېقىن قاراڭغۇ كېچە، 6 ئايغا يېقىن كۈندۈز بولىدۇ. ئۇنىڭ %84 نى قار-مۇزلار قاپلاپ تۇرىدۇ. مۇز قاتلىمىنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 1500 مېتىر، ئەڭ قېلىن جايى 3411 مېتىرغا يېتىدۇ. گرېنلاندىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇز قاپلاپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يىللىقراق ئىقلىملىق جەنۇب، غەربىي جەنۇب دېڭىز قىرغاق رايونلىرىغا كىشىلەر ئولتەۇراقلاشقان. بۇ جايلاردا مۇز توڭلىمايدىغان كۈنلەر 157 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. شۇڭا بۇ جايدا تايگا ئۆسۈملۈكلىرى، ئوت-چۆپلەر ئۆسىدۇ.

گرېنلاندىيە ئارىلىنىڭ كىلىماتى ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇق بولۇپ، دائىم قار-شىۋىرغان چىقىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى ئىچىدە بولغاچقا، ئۇ يەردە تېخى قۇتۇپ كېچىسى ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، يەنى ھەر يىلى 10-ئايدىن ئىككىنچى يىلى 3-ئايغىچە ئۇدا بەش ئاي ئاسماندا قۇياشنى كۆرگىلى بولمايدۇ، پەقەت ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىلا كۆرگىلى بولىدۇ، ھەقىقەتەن ئۇزاق كېچە بولىدۇ.

ئىنگلىز تىلىدا «گرېنلاندىيە» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «يېشىل يەر» دېگەنلىك بولىدۇ، لېكىن بۇ يەر ھەقىقەتەن چوڭ بىر مۇز ئامبىرى، ئارانىڭ 85 پىرسەنتىنى قېلىن قار-مۇز قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ مۇز قاتلاملىرىنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 1515 مېتىر كېلىدۇ، ئەڭ قېلىن جايلىرى 3410 مېتىرغا يېتىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەگەر بۇ يەردىكى مۇز پارچىلىرى پۈتۈنلەي ئېرىپ كەتسە، پۈتكۈل ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنى تلدۇرۇۋېتىدىكەن، ئەگەر ئېرىپ كەتكەن سۇ دېڭىز-ئوكيانغا قويۇلسا، پۈتۈن دۇنيادىكى دېڭىزنىڭ تەكشىلىكى 6.5 مېتىر كۆتۈرۈلىدىكەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گرېنلاندىيە ئارىلىدىكى مۇزلارنىڭ كۆپلۈكى ھەقىقەتەن كىشىنى چۆچۈتىدۇ. 

گرېنلاندىيە ئارىلىگرېنلاندىيىدە يەر ئاستى بايلىقى مول. نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، سىنك، ئوران، تورى، نىكېل، مولبىدىن، خروم، ۋانادىي، پلاتىنا قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار .

گرېنلاندىيە ئارىلىگرېنلاندىيە مەمۇرىي جەھەتتىن دانىيىگە قارايدۇ، بۇ جايغا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 3000-يىللاردىن باشلاپ ئېسكىس خەلقلىرى ئولتۇراقلاشقان. 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرى دانىيە بىلەن نورۋىگىيىلىك دېڭىزچىلار بۇ جايغا كەلگەن، 1894-يىلى ئالدى بىلەن دانىەي ئارالنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا مۇستەملىكىچىلىك پونكىت قۇرغان، 1953-يىلى دانىيىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئېلان قىلىنغان، 1979-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئىچكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئاساسەن دۆلەتلىك مۇداپىئە، تاشقى ئىشلاردىن باشقا، قالغان ئىچكى ئىشلارنى يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزى باشقۇرىدۇ.

گرېنلاندىيە ئارىلى گەرچە قار-مۇز دۇنياسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەردە يەنىلا 50 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ياشايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېسكىموسلار ۋە شىمالىي ياۋروپالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى، ئارالدىكى ئاھالىلەر بېلىق تۇتۇپ ۋە ئوۋ ئوۋلاپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ، ھەر يىلى ياز پەسلى يېتىپ كەلگەندە، كىشىلەر ئىتلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، چانىلىرىغا ئولتۇرۇپ، ھەممىلا يەردە چېپىپ يۈرىدۇ، ئۇرلانىڭ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ جاپالىق پەسلى باشلىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#