ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى

ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى
ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ قىسمەن ئىپادىلىرى بولسا  ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي دىۋاىردا ، چەكلىمىلىككە ئىگە يۇمىلاق ياكى سوقىچاق شەكىللىك كەمتۈك بولۇش . بىماردا دەۋرىي خاراكتېرلىك  قورساق ئاغرىش ، سېرىق سۇ يېنىش، كېكىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ .

غەرب تېبابىتى نامى ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى
كېسەللىك سەۋەبى سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى
تەۋە بۆلۈم ھەزىم قىلىش ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى قورساق ئاغرىش، ئورۇقلاش
خەنزۇچە نامى 胃十二指肠溃疡

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسىئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ قىسمەن ئىپادىلىرى بولسا  ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي دىۋاىردا ، چەكلىمىلىككە ئىگە يۇمىلاق ياكى سوقىچاق شەكىللىك كەمتۈك بولۇش . بىماردا دەۋرىي خاراكتېرلىك  قورساق ئاغرىش ، سېرىق سۇ يېنىش، كېكىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ . بۇ كېسەللىك ئاسانلا قايتا قوزغىلىدۇ ، ئاستا خاراكتېرلىك بولىدۇ . ئاشقازان ۋە 12 بارماق ئۈچەي يارىسىنىڭ ئىككى خىل تۈرى بار . ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى  ئاشقازان يارىسىغا قارىغاندا بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ ، ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە ، ئالدىنقىسى تەخمىنەن % 70 نى ، كېيىنكىسى تەخمىنەن % 25 نى ، ئىككىسىنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان مۇرەككەپ خاراكتېرلىك يارا % 5 نى ئىگىلەيدۇ . 

سەۋەبى:

بۇ كېسەللىك، سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى:

دەۋر خاراكتېرلىك تەرتىپلىك قورساق ئاغرىش، ئورۇقلاش، بەزىدە تەرەتتىن قان كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

كېسەللىك سەۋەبى:

1. روھى-نېرۋا ئامىللىرى تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2.تاماكا چېكىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

3.نەزلە سۇيۇقلۇقى تەسىردىن كېلىپ چىقىدۇ.

4.تۈرلۈك فىزىكا-خىمىيەلىك ئامىللار تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

5. ئاشقازان دىۋارىدىكى قان تومۇرلارغا قان قېيىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.[0]

ئالامىتى:

1. ئاغرىش بولىدۇ.ئاغرىش خاراكتېرى رىتىملىق ئاغرىيدۇ. تاماق يېگەندىن كېيىن ئاغرىيدۇ.

2.قانلىق تەرەت كۆرىلىدۇ.

3.ھەزىم بۇزۇلۇش ئىپادىلىرى كۆرىلىدۇ.يەنى،قورساق كۆپۈش،ئېسىلىش،ئىشتىھا تۆۋەنلەش،ئاچچىقسۇ ياندۇرۇش بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ.

4.پەسىل خاراكتېرلىك قوزغىلىش بولىدۇ.

بەدەن بەلگىلىرى :

يۇقىرى قورساق ساھەسى ئاغرىش،بەسقاندا ئاغرىش تېخىمۇ كۈچىيىش،ئاشقازاننى تۇتقاندا سوغۇق بىلىنىش،ئېغىر بولغانلىرىدا ئورۇقلاش،قان ئازلىق كۆرىلىدۇ.[0]

1-رېتسېپ

تەركىبى: قىزىلگۈل بىر كىلوگرام، شېكەر تۆت كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: يېڭى ئېچىلغان قىزىلگۈلنى ئۈزۈپ، ئەخلەتلىرىنى ئىلغاپ، تاسقاپ، تۆۋەن تەرىپىدىن ئاق يېرىنى كېسىۋېتىپ، بىر ھەسسە گۈلگە تۆت ھەسسە شېكەر ياكى ھەسەلنى ئۆزىگە ئالغۇدەك ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن ئەينەك شېشىگە قاچىلاپ، ئاغزىنى مەھكەم بېكىتىپ، 40 كۈن ئاپتاپتا تۇرغۇزۇلىدۇ. ئەگەر دورا قۇرۇپ قېتىپ قالسا، ئەرىقى گۇلابتىن بىر ئاز قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 8 گىرام ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: ئېگىر، توم زەنجىۋىل 50 گىرامدىن، سۇ بىر كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: قاينىتىلغان سۇغا دورىلارنى چىلاپ، بىر سوتكىدىن كېيىن سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: بىخ مارجان، ئۇچقۇن پاقا، قانىسە، زەمچە، نوقۇت 12 گىرامدىن، موزا تۆت گىرام، كۆپۈكى دەريا ئالتە گىرام، بادام مېغىزى 18 گىرام، شېكەر 200 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

ئاشقازان 12 بارماق ئۈچـەي يارىسـى1.ئاغرىش بەك قاتتىق بولىدۇ.ھەزىم يولىنىڭ قانىشى قوشۇلۇپ كەلسە يېتىپ ئارام ئېلىش،بىمارغا روھى جەھەتتىكى پەرۋىشىنى يولغا قويۇپ،كېسەلنىڭ غەم-ئەندىشىنى چىقىرىپ تاشلاپ كېسەللىك ئالامىتىنى يەڭگىللىتىش.

2.ئوزۇقلۇق بىلەن پەرۋىش قىلىش:ئاز ھەم پات-پات تاماق يېيىش،ھەر قېتىملىق تاماقتا بەك تويۇنۇپ كەتمەسلىك،ھەر كۈنى 4قېتىمدىن 5 قېتىمغىچە غىزالىنىش،ئاشقازاننى زىيادە غىدىقلايدىغان يېمەك-ئىچمەكلەردىن،دورىلاردىن ساقلىنىش،تاماقتا ئۇن تامىقىنى ئاساس قىلىش،ئاچچىق-چۈچۈك تاماقلاردىن چەكلەش،قۇۋۋەتلىك،ئاسان سىڭىدىغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش لازىم.

3.كېسەللىك ئەھۋالىنى كۆزىتىش:ئەگەر بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقى بايقالسا،ۋاقتىدا دوختۇرغا مەلۇم قىلىش لازىم.

4.روھى جەھەتتىكى پەرۋىشنى كۈچەيتىپ،كېسەلگە تەسەللى بېرىش ئارقىلىق روھى-كەيپىياتنى تەڭشەش.ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە دىققەت قىلىش.كىرگەن-چىققان سۇيۇقلۇقنىڭ مىقدارىغا دىققەت قىلىش.چوڭ-كىچىك تەرەتنىڭ قېتىم سانى ۋە رەڭگىگە دىققەت قىلىش،ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلسە،ۋاقتىدا دوختۇرغا مەلۇم قىلىش.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تېببىي جەۋھەر تورىدىن ئېلىندى . 

http://www.tibbiyjawhar.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=64&id=4011

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

تېببىي جەۋھەر تورىدىن ئېلىندى .

http://www.tibbiyjawhar.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=64&id=4011

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#