چاسامېچىت يېزىسى

چاسامېچىت يېزىسى

چاسامېچىت يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى شەھەر ئەتراپى تۇتاشقان جايلار ۋە تاقىسىمان ناھىيە بازىرى بىلەن ئورالغان جايغا جايلاشقان. ناھىيە بويىچە يەتتە يېزا، ئىككى مەيدان بىلەن چېگرالىنىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى چاسامېچىت يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 19 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى ئىنتايىن قۇرغاق كىلىمات
خەنزۇچە ئاتىلىشى 恰斯米其提乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى
نوپۇسى 19536 ئادەم
جايلاشقان ئورنى شەھەر-شەھەر ئەتراپى تۇتاشقان جايلار

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چاسامېچىت يېزىسىچاسامېچىت يېزىسى قاغىلىق ناھىيەسى شەھەر ئەتراپى تۇتاشقان جايلار ۋە تاقىسىمان ناھىيە بازىرى بىلەن ئورالغان جايغا جايلاشقان بۇلۇپ، قاتنىشى قولاي، 315-دۆلەت يولى يېزىدىن كىسىپ ئۆتۈپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىن شىزاڭدىكى ئالى رايونىغىچە تۇتاشقان.

يېزىنىڭ قاتنىشى قولاي، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەر قۇرۇلۇش پىلانى، كوچا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئىچكى مۇھىتى گۈزەل، يولى كەڭ بولغان. يېزا بويىچە كۆلىمى 19 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، تاجىك، ئۆزبېك قاتارلىق مىللەتلەر گىرەلىشىپ ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان، 4631 ئائىلە، نوپۇسى 19536 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 15904 ئادەم؛ 2008-يىلىنىڭ ئاخىرىدا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 97 مىيون 60 مىڭ يۈەن، 2007-يىلدىكىدىن %34 ئاشقان، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى %5030 يۈەن، 2007-يىلدىكىدىن 1261 يۈەن كۆپىيىپ، %33 ئاشقان.

چاسامېچىت يېزىسى مەمۇرىي ئورگىنى بىناسى 2008-يىلى قۇرۇلغان، قۇرۇلۇش كۆلىمى ㎡1983.6؛  315-دۆلەت تاشيولى ناھىيە قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان.

چاسامېچىت يېزىسىجۇغراپىيەلىك مۇھىتى، ئىقلىم شارائىتى: بۇ يېزىنىڭ كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى ئىنتايىن قۇرغاق كىلىمات رايونى، ياز پەسلى قاتتىق ئىسسىق، مۇتلەق ماكسىمۇم ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃39.5، قىش پەسلى سوغۇق، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃22.7 بولىدۇ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ يىللىق، سوتكىلىق پەرقى چوڭ، يىللىق ئوتتۇرىچە سوتكىلىق پەرقى ℃30.7، سوتكىلىق پەرقى ℃13.3، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپىراتۇرىسى ℃11.3، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 54 مىللىمىتىر، يىللىق قۇياش نۇرى چۈشكەن سائەت سانى 2746 سائەت، قىروسىز مەزگىل 228 كۈن بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى بىردەك 1500-1300 مېتىر، ئىسسىقلىق بايلىقى مول، ئىسسىقنى خالايدىغان زىرائەتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تەلەپ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. ئىككى يىلدا ئۈچ ھوسۇل ئېلىش تۈزۈمى ۋە ستېرېئولۇق يېزا ئىگلىكى تەرەققىي قىلغان. يېقىنقى يىللاردا ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن قۇملۇققا جەڭ ئېلان قىلىپ، قۇملۇققا سۇ باشلاپ، كۆچەت تىكىپ ئورمان بەرپا قىلىپ تېرىلغۇ ئېتىزغا، يېشىل كۆلىمىگە كۆپەيگەن. قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان. سۇيى تېخىمۇ سۈزۈك، ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، يەرلەر تېخىمۇ يېشىللاشقان. پۈتۈن يېزىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت، يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئورتاق تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، راستچىل، مۇقىم، تىنچ-ئىتتىپاق بولغان، ئىجتمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادنىڭ گۈللەنگەن چوڭ ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن. 

مەمۇرىي كەنىتلەر 

چاسامېچىت يېزىسىپۈتۈن چاسامېچىت يېزىسى تەۋەسىدە 11 مەمۇرىي كەنت ئاھالە كومتېتى بار بۇلۇپ، بۇلار: 1-كەنت باش يارباغ كەنتى، 2-كەنت ئوتتۇرا قاچچى يارباغ كەنتى، 3-كەنت ئاياغ يارباغ كەنتى، 4-كەنت ۋەخپە كەنتى، 5-كەنت باش چاسامېچىت كەنتى، 6-كەنت ئاياغ چاسامېچىت كەنتى، 7-كەنت قاغابېغى كەنتى، 8-كەنت سىدەتۈۋى كەنتى، 9-كەنت شېخىبېغى كەنتى، 10-كەنت ياڭتىسەي كەنتى، 11-كەنت ئاچما كەنتى قاتارلىقلار.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#