شاھتەررە چىنى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ساقلىرى ئىلپىس شەكىللىك، ئالدى يۈزى يېشىل، ئارقا يۈزى سۇس يېشىل رەڭدە بولىدۇ. يوپۇرماق ساپىقى قىسقا كېىدۇ.
قىچىشقاق، تەمىرەتكە، جىگەر، تال توسۇلۇش سۈيدۈك تۇتۇلۇش، چىش مىلىكى بوشاپ كېتىش، ئىشتىھاسىزلىق، سېرلىق چۈشۈش (يەرقان) قان بۇزۇلۇشتىن بولغان ھەرخىل كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.
غەيرى تەبىئىي سەپرا، سەۋدا، بەلغەمنى پوشۇرۇش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش،قان تازىلاش، سۈيدۈك ھەيدەش، چىش مىلىكىنى چېڭىتىش، غەيرى تەبىئىي خىلىتلارنى سۈرۈش، ئىشتىھانى ئېچىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.
شاھتىرەنىڭ ھۆل ۋاقتىدىكى شىرىسى، قايناتمىسى ۋە سۇداقاينىتىپ ئىسپىرت بىلەن ئېلىنغان ماددىسى ھەرخىل كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەرنى كۆرىنەرلىك تۇرمۇزلاش رولىغا ئىگە.
1. شاھتەررەچننىڭ سۈيىگە ھەسەل، شېكەر ياكى تەمىرى ھىندى قوشۇپ ئىچىپ بەرسە غەيرى تەبىئىي خىلىتلارنى تازىلايدۇ.
2. شاھتەررە چىننىڭ ئۇساىسىنى چىقىرىپ كۆزگە تىمىتسا ياكى سۈرسە (سۈرمە ئورنىدا كۆزگە تارتسا) كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ ۋە كۆز ياشاڭغۇراشنى يوقىتىدۇ. چاچ چۈشۈشنى توسىيدۇ. ئېغىز جاراھىتىگە ئېغىز يۇيۇپ بېرىلىدۇ.
3. شاھتەررە چىننى خېنە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سىرتتىن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە قىچىشقاق، قوتۇر كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. شاھتىرە، ئەفىتىمون، قىزىل سەندەل قاتارلىقلاردىن10 گرامدىن ئېلىپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە قاننى تازىلايدۇ.
5. شاھتەررە 10 گرام، ھېلىلە سىيا 10 گرام، گۈڭگۈرت 2 گرام دورىلارنى قاينىتىپ بەدەننى يۇيسا ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ.
كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىندۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.