شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا تاش يولىنى باشقۇرۇش چارىسى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا يوللىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» ئۇ 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. 

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا تاش يولىنى باشقۇرۇش چارىسى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2012–يىلى 12–ئاينىڭ 7–كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2013–يىلى 3–ئاينىڭ 1–كۈنى
خەنزۇچە نامى 新疆维吾尔自治区农村公路管理办法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2012–يىلى 12–ئاينىڭ 7–كۈنى
ھۆججەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 181–نومۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 181–نومۇرلۇق پەرمانى

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش چارىسى» 2012–يىلى 12–ئاينىڭ 7–كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 35–قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى،ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013–يىلى 3–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

2012–يىلى 19–دېكابىر

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1–ماددا بۇ چارە يېزا تاشيولىنى ياساش، ئاسراش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا تاشيولىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن–نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.

2–ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە يېزا تاشيولىنى پىلانلاش، ياساش، سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ۋە ئاسراشقا تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ چارىدە دېيىلگەن يېزا تاشيولى ناھىيە يولى، يېزا يولى، كەنت يولى ۋە ئۇلارغا قاراشلىق كۆۋرۈك، تونېل، كېچىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3–ماددا يېزا تاشيولىنى ياساش، ئاسراش ۋە باشقۇرۇشقا كېتەرلىك مەبلەغدە ئوبلاست، شەھەر (ۋىلايەت)، ناھىيە (شەھەر) غەملەش، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ياردەم بېرىش، جەمئىيەت كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش، دېھقانلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەمگەك كۈچى چىقىرىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

يېزا تاشيولىنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئەرزان ئىشلىتىلىشچان بولۇش، مۇھىت ئاسراش ۋە قۇرۇش، باشقۇرۇش بىلەن ئاسراشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش لازىم.

4–ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا تاشيولى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يېزا تاشيولىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۆز مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى يېزا تاشيولىنى پىلانلاش، ياساش، سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، ئاسراش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. يېزا (بازار)لىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتكەن مەسئۇلىيەتكە ئاساسەن، يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

5–ماددا ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە (شەھەر) لىك قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرىغا قاراشلىق يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى يېزا تاشيولىنى ئاسراش ۋە يول مەمۇرىيىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

تەرەققىيات–ئىسلاھات، مالىيە، زېمىن بايلىقى، خ ج، مۇھىت ئاسراش، قۇرۇلۇش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىدا بېكىتلگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدە يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

6–ماددا يېزا تاشيولى قانۇن بويىچە قوغدىلىدۇ. ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يېزا تاشيولى، تاشيول يېرى ۋە تاشيول قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ۋە زىيانغا ئۇچرىتىشىغا، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشىغا بولمايدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يېزا تاشيولى، تاشيول يېرى ۋە تاشيول قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بولىدۇ؛ يېزا تاشيولى، تاشيول يېرى ۋە تاشيول قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋېتىش، زىيانغا ئۇچرىتىش ياكى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش قىلمىشىنى توسۇش، پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.

7–ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يېزا تاشيولىدا قانۇنسىز چازا قۇرۇشى ۋە ھەق ئېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

2–باب پىلانلاش ۋە ياساش

8–ماددا يېزا تاشيولىنى پىلانلاشنى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈش، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي يىرىك پىلانى، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە مۇھىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە باشقا ئۇسۇلىدىكى قاتناش–تىرانسپورت تەرەققىياتى بىلەن ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش ھەمدە شەھەر–يېزا يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك.

يېزا تاشيولىدىكى كېچىك ۋە يولۇچى–مال توشۇش نۇقتىسى، ئاپتوموبىل توختىتىش يان يولى قاتارلىق ئەسلىھەلەر يېزا تاشيولى بىلەن بىر تۇتاش پىلانلىنىشى، بىر تۇتاش ياسىلىشى كېرەك.

9–ماددا ناھىيە يولى يىرىك پىلانىنى ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

يېزا، كەنت يولى يىرىك پىلانىنى ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى يېزا، مىللىي يېزا، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

تەستىقلىتىپ بولغان يېزا تاشيولى يىرىك پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش ھەمدە ئەسلىي ئەنگە ئالدۇرغان ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

10–ماددا ناھىيە يولى، يېزا يولىغا نام بېرىش ۋە يول نومۇرى بېرىشنى ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن بېكىتىدۇ.

كەنت يولىغا نام بېرىش ۋە يول نومۇرى بېرىشنى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن بېكىتىدۇ.

11–ماددا ناھىيە يولى، يېزا يولى ئادەتتە دەرىجىلىك تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ياسىلىدۇ؛ كەنت يولىنى ياساش ئۆلچىمى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ.

ناھىيە، يېزا، كەنت يولىغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن قاتناش بەلگىسى، بەلگە سىزىقى، مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئاسراش بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلىدۇ.

12–ماددا ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى يېزا تاشيولىنىڭ يىللىق ياسىلىش پىلانىنى تۈزۈش تەكلىپىنى بېرىدۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قوشۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىغا يوللايدۇ؛ ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى تەرەققىيات–ئىسلاھات، مالىيە قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرگە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيولىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى، شۇنداقلا قۇرۇلۇش مەبلىغىنىڭ خاراكتېرى، كېلىش مەنبەسىگە ئاساسەن، يېزا تاشيولىنىڭ يىللىق قۇرۇلۇش پىلانىنى تەستىقلاپ چۈشۈرىدۇ.

13–ماددا يېزا تاشيولىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىنى مۇناسىپ سالاھىيىتى بار لايىھەلەش ئورنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن لايىھەلەيدۇ.

يېزا تاشيولىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىنى لايىھەلەشنى ناھىيە (شەھەر)دىن يۇقىرى قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى باشقۇرۇش ھوقۇق چېكىگە ئاساسەن تەكشۈرۈپ تەستىقلايدۇ.

14–ماددا يېزا تاشيولىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرىدە تۈر قانۇنىي ئىگە مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى، خېرىدار چاقىرىش– خېرىدار چىقىش تۈزۈمى، قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەت تۈزۈمى، قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى، توختام باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى قانۇن بويىچە يولغا قويۇلىدۇ.

15–ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى يېزا تاشيولىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، كونكرېت خىزمەتنى ئۇلارغا قاراشلىق يېزا تاشيولىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتى يولغا قويىدۇ.

ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) قاتناش – تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇش سىسىتېمىسىنى ئورنىتىشى، ئۇلارغا قاراشلىق يېزا تاشيولىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتى يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىگە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. يېزا تاشيولىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ئاپپاراتى تەسىس قىلمىغان ئورۇنلار بولسا قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا يېزا تاشيولىنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

16–ماددا يېزا تاشيول قۇرۇلۇش تۈرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نەق مەيدانغا سۈپەت مەسئۇلىيەت ئېلان تاختىسىنى ئورنىتىپ، ئالاقىدار مەسئۇل ئورۇنلار، مەسئۇل كىشىلەر، سۈپەتنى تىزگىنلەش ئاساسلىق كۆرسەتكۈچى ۋە سۈپەتنى پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلىش لازىم.

يېزا تاشيول قۇرۇلۇش تۈرىدە سۈپەت نۇقسانىغا مەسئۇل بولۇش ۋاقتى ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش پۇلى تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. سۈپەت نۇقسانىغا مەسئۇل بولۇش ۋاقتى قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن كېيىنكى بىر يىلدىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

17–ماددا يېزا تاشيولى پۈتكەندىن كېيىن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە قۇرۇلۇش تاپشۇرۇش، قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشقا بولىدۇ.

18–ماددا يېزا تاشيولىنى ياساتقۇچى ئورۇن ئارخىپ باشقۇرۇشتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قۇرۇلۇش ماتېرىيالىنى توپلاپ، رەتلەپ ۋە ساقلاپ قۇرۇلۇش ئاخىپىنى تۇرغۇزۇشى ھەمدە قۇرۇلۇش پۈتۈپ تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ناھىيەلىك (شەھەرلىك) يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

3–باب ئاسراش ۋە باشقۇرۇش

19–ماددا ناھىيەلىك (شەھەرلىك) قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى يېزا تاشيولىنى ئاسراش تۈرى ۋە يولنىڭ تېخنىكا ئەھۋالىغا ئاساسەن، يېزا تاشيولىنى يىللىق ئاسراش پىلانىغا دائىر تەكلىپنى تۈزۈپ، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) قاتناش–تىرانسپورت تارماقلىرىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇشى كېرەك.

20–ماددا ناھىيە يولىنى كۈندىلىك ئاسراشنى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش ئاپپااتى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ؛ كەنت تاشيولىنى كۈندىلىك ئاسراشنى يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. ناھىيەلىك (شەھەرلىك) يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك.

21–ماددا يېزا تاشيولىنى ئاسراشتا تېخنىكا قېلىپى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، يول ئۇلىنىڭ پۇختا، يول يۈزىنىڭ تەكشى، يول ياقىسى ۋە يول يانتۇلۇقىنىڭ تەكشى بولۇشىغا، ئالاقىدار ئەسلىھەلەرنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تاشيولنىڭ ياخشى تېخنىكا ھالىتىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

22–ماددا يېزا تاشيولىنى ئاسراش قۇرۇلۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ خاراكتېرى، كۆلىمى، تېخنىكا جەھەتتىكى قىيىن – ئاسانلىق دەرىجىسىگە ئاساسەن، كىچىك، ئوتتۇراھال ۋە چوڭ رېمونت دەپ ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ.

يېزا تاشيولىنى ئاسراش قۇرۇلۇشىغا قانۇن بويىچە ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش، ئەلا كەسىپلەشكەن قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلاردىن تاللاش ھەمدە قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش بويىچە رېمونت قىلىپ بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم. رېمونت قىلىپ بېرىش ۋاقتى بىر يىلدىن ئاز بولماسلىقى كېرەك.

يېزا تاشيولى بويىدىكى ئورۇنلارنىڭ مەبلەغ چىقىرىپ ياكى دېھقانلارنىڭ ئەمگەك كۈچى چىقىرىپ يېزا يولى، كەنت يولىنى كىچىك رېمونت قىلىشىغا ئىلھام بېرىش لازىم.

23–ماددا ناھىيەلىك (شەھەرلىك) يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا تاشيولىنى ئاسراش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاسراش بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، يول ئاسراش مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلار ۋە يول ئاسراش خادىملىرىنىڭ يول ئاسراش مەشغۇلاتىدا بىخەتەر مەشغۇلات قىلىش قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

24–ماددا يېزا تاشيولىنى ئاسراش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغاندا، ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسىنى ئورنىتىش؛ يول ئاسراش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقان خادىملار بىخەتەرلىك بەلگىسى بار كىيىملەرنى كىيىش؛ ئاپتوموبىل ۋە ماشىنا ئۈسكۈنە بىلەن مەشغۇلات قىلغاندا ئۇلارغا ئېنىق مەشغۇلات بەلگىسى ئورنىتىش كېرەك.

ناھىيە يولى، يېزا يولىدا يول ئاسراش مەشغۇلاتى قىلغاندا قاتناشنى توختىتىشقا توغرا كەلسە، ئايلىنىپ ئۆتۈش بەلگىسىنى ئورنىتىش؛ زۆرۈر دەپ قارىغاندا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش كېرەك.

25–ماددا تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېزا تاشيولى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتسە ناھىيەلىك ۋە يېزا–بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى تاشيولنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋاقتىدا تەشكىللىشى كېرەك.

26–ماددا ناھىيەلىك (شەھەرلىك) قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى يول ئاسراش قائىدىسىگە ئاساسەن، ئاسرايدىغان تاشيول ۋە كۆۋرۈكنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاشنى قەرەللىك تەشكىللىشى؛ ئۆلچەپ تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قارىغانلىرىنى سالاھىيىتى بار تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈپ چىقىشىغا ھاۋالە قىلىشى؛ تەكشۈرۈشتە يۈك كۆتۈرۈش دەرىجىسى ئەسلىدىكى لايىھەدىكى ئۆلچەمگە توشمىسا، يول ئاسرىغۇچى ئورۇنلار كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا چەكلىمە قويۇلغانلىق بەلگە ئورنىتىشى ھەمدە رېمونت ۋە پۇختىلاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشى يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان كۆۋرۈكلەرگە قارىتا قاتناشنى توسۇش ۋە ئايلىنىپ ئۆتۈش تەدبىرىنى قوللىنىپ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى ھەمدە ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

27–ماددا يېزا تاشيولىنى ئاسراش مەشغۇلاتىدا يەر ئىشلىتىش، قۇم – شېغىل مەيدانى تەييارلاش، شۇنداقلا ئاسراش ئېھتىياجىغا ئاساسەن قۇم، شېغىل، توپا، سۇ ئېلىشتا ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى قانۇن بويىچە بېجىرىش كېرەك.

يۇقىرىدا بەلگىلەنگەن پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرىدۇ، يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى قوللىشى ۋە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

4–باب يول مەمۇرىيىتىنى باشقۇرۇش

28–ماددا يېزا تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاشيولغا ئىشلىتىلگەن يەرنىڭ سىرتقى گىرۋىكىدىن باشلاپ، ناھىيە يولى ئون مېتىردىن، يېزا، كەنت يولى بەش مېتىردىن تۆۋەن بولماسلىق ئۆلچىمى بويىچە تاشيول بويىدىكى ئىمارەتلەرنى تىزگىنلەش رايونىغا ئايرىلىدۇ. كونكرېت دائىرىنى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە ئايرىيدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

29–ماددا يېزا تاشيولىنى ئاسراش ئېھتىياجىدىن باشقا، يېزا تاشيولى بويىدىكى ئىمارەتلەرنى تىزگىنلەش رايونى ئىچىگە ئىمارەت ۋە ئەسلىھەلەرنى يېڭىدىن سېلىش، كېڭەيتىپ سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئىمارەت تىزگىنلىنىدىغان رايونغا تۇرۇبا لىنىيەسى، ئېلېكتىر كابېلى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئورنىتىشقا توغرا كەلسە ناھىيە (شەھەر) دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن تەستىقلىشى كېرەك.

30–ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يېزا تاشيولىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، كولىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

قۇرۇلۇش قىلىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن يېزا تاشيولىنى ئىگىلەشكە، كولاشقا توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئاۋۋال ناھىيەلىك (شەھەرلىك) قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى؛ قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتىدىغان بولسا يەنە تەڭ دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك. يېزا تاشيولىنى ئىگىلىۋېلىش ۋە كولاش تۈپەيلىدىن يېزا تاشيولى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا ياكى لىنىيەسى ئۆزگەرسە قۇرلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئەسلىدىكى تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئۆزگەرتىپ ياسىشى ياكى مۇناسىپ ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىشى كېرەك.

31–ماددا يېزا تاشيولىدىن ئۆتكۈزۈپ كۆۋرۈك، نور ياساشقا توغرا كەلسە ياكى تۇرۇبا لىنىيەسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ياساشقا، كۆمۈشكە توغرا كەلسە، شۇنداقلا يېزا تاشيولىغا ئىشلىتىلگەن يەر دائىرىسىدىن تۇرۇبا لىنىيەسى، ئېلېكتىر كابېلى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ياساشقا، كۆمۈشكە توغرا كەلسە ئاۋۋال ناھىيەلىك (شەھەرلىك) قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ مەقۇللۇقىنى ئېلىش، قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتىدىغان بولسا يەنە تەڭ دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك. رېمونت قىلىنغان، ياسالغان ياكى كۆمۈلگەن ئەسلىھەلەر دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا تاشيولى تېخنىكا ئۆلچىمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىش، يېزا تاشيولى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىلسا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش دەرىجىسىگە قاراپ تۆلەم بېرىش كېرەك.

32–ماددا يېزا تاشيولىدا تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش مەنئى قىلىنىدۇ:

1) يايما يېيىش، بازار تەسىس قىلىش؛

2) ئاشلىق يېيىپ قۇرۇتۇش، نەرسە–كېرەك دۆۋىلەپ قويۇش ياكى پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان باشقا نەرسىلەرنى دۆۋىلەش؛

3) ئورەك قېزىپ سۇ باشلاش، يولغا ياكى يول لىۋىگە سۇ چىقىرىۋېتىش؛

4) قانۇن–نىزام، قائىدىدە بەلگىلەنگەن يولغا قويۇش مەنئى قىلىنغان باشقا قىلمىشلار.

33–ماددا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يۈك، ئېگىزلىك، كەڭلىك ۋە ئۇزۇنلۇققا چەك قويۇلغان يېزا تاشيولىدا چەكتىن ئاشۇرۇپ يول يۈرۈشكە بولمايدۇ.

يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيەلىك (شەھەرلىك) يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى يېقىن ئەتراپتىكى مۇقىم بولغان چەكتىن ئاشۇرۇپ يول يۈرگەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تەكشۈرۈش پونكىتىغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىنىشقا يېتەكلىشى؛ يېقىن ئەتراپتا مۇقىم بولغان چەكتىن ئاشۇرۇپ يول يۈرگەن ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش پونكىتىدا بولمىغاندا، مۇۋاپىق بولغان مال چۈشۈرۈش ئورنىنى تاللاپ مالنى چۈشۈرگۈزۈشى ياكى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

34–ماددا ناھىيەلىك (شەھەرلىك) يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار ئاپتوموبىلنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈرۈشىنى تەكشۈرگەندە تەكشۈرۈش ھەققى ئالماسلىقى؛ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلغان ئاپتوموبىللاردىن توختىتىش ھەققى ئالماسلىقى كېرەك.

35–ماددا ناھىيەلىك (شەھەرلىك) يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى يول مەمۇرىيىتى بويىچە چارلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، يېزا تاشيولىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش، ئىگىلىۋېلىش، بۇلغاش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى ۋاقتىدا بايقىشى، چەكلىشى ۋە تۈزىتىشى كېرەك.

5–باب مەبلەغ غەملەش بىلەن باشقۇرۇش

36–ماددا يېزا تاشيولىنى ياساش، ئاسراش ۋە باشقۇرۇش مەبلىغىنىڭ كېلىش مەنبەسى:

1) ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغ؛

2) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مەخسۇس تۈر قوشۇمچە ياردىمى؛

3) كەنت ئاھالە كومىتېتى توپلىغان كەنت يولى قۇرۇلۇشى، ئاسراش مەبلىغى؛

4) جەمئىيەتنىڭ كۆپ مەنبەلىك سېلىنمىسى، ئىئانىسى؛

5) يېزا تاشيولى، كۆۋرۈككە نام بېرىش ھوقۇقى، يول بايلىقىنى ئېچىش ھوقۇقى قاتارلىق ئۇسۇل بىلەن توپلىغان مەبلەغ؛

6) دېھقانلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن چىقارغان ئەمگەك ۋە ئەمگەك كۈچى؛

7) قانۇن–نىزام ۋە قائىدىلەردە بەلگىلەنگەن باشقا سېلىنمىلار.

37–ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا تاشيولىنى ياساش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن قۇرۇلۇش تۈرىگە ئورۇنلاشتۇرىدىغان مەبلەغگە ياردەم بېرىدۇ ھەمدە نامرات رايونلارنى يۆلەيدۇ. ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرغان قۇرۇلۇش مەبلىغى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان ياردەم مەبلىغى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئەمەلىيلىشىشى كېرەك.

38–ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزا تاشيولىنى ئاسراشقا مەبلەغ ياردىمى بېرىدۇ. ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرغان يول ئاسراش مەبلىغى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئورۇنلاشتۇرغان ياردەم مەبلىغى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئەمەلىيلىشىشى كېرەك.

39–ماددا يېزا تاشيولىنى ياساش، ئاسراش ۋە باشقۇرۇش مەبلىغىنى جايىغا ئىشلىتىش، ھەر قانداق ئورۇن ، شەخس تۇتۇپ قالماسلىقى، ئىگىلىۋالماسلىقى ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىۋالماسلىقى كېرەك.

40–ماددا قاتناش–تىرانسپورت، مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش قاتارلىق تارماقلار يېزا تاشيولىنى ياساش، ئاسراش، باشقۇرۇش مەبلىغىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك.

6–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

41–ماددا ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگان بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلسا ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بولغان باشقۇرغۇچىلار ۋە باشقا بىۋاسىتە مەسئۇللارغا ئۇلارنى باشقۇرغۇچى ئورگان ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى مەمۇرىي جازا بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛

1) يېزا تاشيولى قۇرۇلۇش تۈرىدە قانۇن بويىچە خېرىدار چاقىرىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئەمما خېرىدار چاقىرماسلىق؛

2) باشقۇرۇشتا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، يېزا تاشيولىدا ئېغىر سۈپەت مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛

3) نازارەت قىلىشى ياخشى بولماي، يېزا تاشيولىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛

4) يېزا تاشيولىنى ياساش، ئاسراش مەبلىغىنى قىسىۋېلىش، ئىگىلىۋېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش؛

5) باشقا خىزمىتىگە سەل قاراش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىش، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش قىلمىشلىرى.

42–ماددا بۇ چارىنىڭ 11–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلانغان يېزا تاشيولى ياساش ئۆلچىمىنى خالىغانچە ئۆزگەرتكەنلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش–تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى تەستىقلانغان تۈر بار جايدىكى ناھىيە (شەھەر)نىڭ كېيىنكى يىللىق يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشى تۈرىنى تەستىقلاشنى ۋاقتىنچە توختىتىدۇ.

43–ماددا بۇ چارىنىڭ 32–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە (شەھەر)لەرنىڭ يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسىمۇ بولىدۇ.

44–مادا بۇ چارىنىڭ 33–ماددىسىنىڭ 1–تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ يېزا تاشيولىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

45–ماددا بۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان باشقا قىلمىشلاردا قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش ئالاقىدار قانۇن–نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

7–باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

46–ماددا بۇ چارە 2013–يىلى 3–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#