بېگېموت
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بېگېموت قۇرۇقلۇقتىكى ئافرىقا پىلىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئاسىيا پىلى، ئافرىقا ئورمانلىق پىلى، ئاق كەركىدان، ھىندىستان كەركىدىنى قاتارلىقلار سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، گەۋدىسى چوڭ ھەم كېلەڭسىز، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 300-360 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 56 سانتىمېتىر، ئادەتتە بەدەن ئېغىرلىقى 0.9-1.8 توننا ئارىلىقىدا، لېكىن بىر ئاز پاكار، پۇت - قولى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى پەقەت 140-160 سانتىمېتىر، پىلنىڭ ئىگىزلىكىنىڭ يېرىمىچىلىكمۇ كەلمەيدۇ.
ئادەتتە دەريا، كۆل، سازلىق ئەتراپىدا سۇ ئوتلىرى باراقسان ئۆسكەن ۋە قومۇش بار جايلاردا، بەزىلىرى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2400 مېتىر ئېگىز بولغان رايونلاردا ياشايدۇ.
بېگېموت بىر خىل قوش ماكانلىق ھايۋان، توپلىشىپ ياشايدۇ، سۇ ئۈزۈشكە ماھىر، سوغۇقتىن قورقىدۇ، ئىللىق ھاۋانى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ تېرىسى ئۇزۇن ۋاقىت سۇدىن ئايرىلسا قۇرۇپ قالىدۇ، ھەمدە تۇرمۇشتا ئوزۇقلۇق ئىزدەش، چېتىشىش، بالا ئېمىتىشنىڭ ھەممىسى سۇدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بېگېموت جۈپ ياكى توپلىشىپ ھەركەت قىلىدۇ، ياشانغان ئەركەكلىرى دائىم يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇلار پۈتۈن كۈن ھەممىسى دېگۈدەك سۇ ئىچىدە ياكى دەريا ئېقىنى ئەتراپىدا ئۇخلايدۇ ياكى ئارام ئالىدۇ، كېچىسى چىقىپ ئوزۇق - تۈلۈك ئىزدەيدۇ، بەزىدە سۇنىڭ ئېقىشى بويىچە 30 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان رايونلارغا بېرىپ ئوزۇقلۇق ئىزدەيدۇ. ئاساسلىقى سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنى ئوزۇق قىلىدۇ؛ ئاندا-ساندا قۇرۇقلۇق زىرائەت، ئوت - چۆپنى ئاساس قىلىدۇ، بەزىدە زىرائەتلەرنى يەپ كېتىدۇ، ئوزۇقلۇق كەمچىل بولغاندا، ئۇلار گۆش يەيدۇ.
بېگېموت، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ياۋروپاغا كەڭ تارقالغان. بېگېموت سوغۇق كىلىماتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئانگولا، بېنىن، بوتسۋانا، بۇركىنا فاسو، بۇرۇندى، كامېرۇن، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ، چاد، كونگو، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، كوتى دى ئىۋۇئېر، ئېكۋاتور گۋىنىيىسى، ئېفىئوپىيە، گابون، گامبىيە، گانا، گۋىنىيە، گۋىنىيە بىسساۋ، كېنىيە، لىبىرىيە، مالاۋى، مالى، موزامبىك، نامىبىيە، نىگېر، نىگېرىيە، رۋاندا، سېنېگال، سېررالېئون، سۇمالى، جەنۇبىي ئافرىقا، سۇلتان، سۋېزىلاند، تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى، توگو، ئۇگاندا، زامبىيە، زىمبابۋې قاتارلىق رايونلارغا تارقالغان.
« دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى » سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى، قىزىل تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.