جىغىن يېزىسى
جىغىن يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جىغىن يېزىسىجىغىن يېزىسى ئۇلۇغچات ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا. جىغىن سۆزىنىڭ قىرغىز تىلىدىكى مەنىسى «يىغىلىش». 1950-يىلى جىغىن يېزىسى تەسىس قىلىنغان، 1962-يىلى شيۇجېڭجۇيىغا قارشى تۇرۇش گۇڭشېسى بۇلۇپ قۇرۇلغان، 1984-يىلى قايتا ئۆزگەرتىپ جىغىن يېزىسى قۇرۇلغان. ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 94.5 كىلومېتىر. جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىدىكى بىر يېزىسى. غەربىي شىمال قىرغىزىستان بىلەن چېگرالىنىدۇ. كۆلىمى 3270.3 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى 2000، قىرغىزلار %99.6 نى ئىگىلەيدۇ. قىزىلسۇ دەرياسى يېزىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. كەنت ئاھالە كومىتېتى تەسىس قىلىنمىغان، پەقەت ئۈچ كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار، ساپ چارۋىچىلىق يېزىسى، يېزا رايونى ھاۋاسى ئادەمگە ياقىدۇ، مەنزىرىسى گۈزەل، بايلىقى مول.
جىغىن يېزىسىقاراشلىق بىر كەنت ئاھالە كومىتېتى بار : ساز كەنتى. ئۈچ كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.