تامىللار

تامىللار

  تامىللار ھىندىستاننىڭ ئەڭ قەدىمقى يەرلىك ئاھالىسى ۋە ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ ئىگىسى بولغان دىراۋىدلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ 2010-يىلىدىكى نوپۇسى 82مىلىيۇن. ھىندىستاننىڭ جەنۇبى قىسمىغا تارقالغان.

ئۇيغۇرچە تامىللار
ئىنگىلىسچە tamil
دىنى ھىندى دىنى
تىلى تامىل تىلى
خەنزۇچە 泰米尔人
تارقىلىشى ھىندىستاننىڭ جەنۇبى قىسمى،مالايسىيا،سىرىلانكاكانادا
نوپۇسى 82مىليۇن(2010-يىلى)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تامىللار ھىندىستاننىڭ ئەڭ قەدىمقى يەرلىك ئاھالىسى ۋە ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ ئىگىسى بولغان دىراۋىدلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ 2010-يىلىدىكى نوپۇسى 82 مىلىيۇن. ھىندىستاننىڭ جەنۇبى قىسمىغا تارقالغان.

تامىللار  تامىللار ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تامىلنادو شىتاتى(56مىلىيۇن كىشى، شىتات ئاھالىسىنىڭ 86%نى ئىگەللەيدۇ) غا جايلاشقان ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، تامىلنادو شىتاتىدىن باشقا يەنە  ئاندرا شىتاتى، كراك شىتاتى، شۇنداقلا سېرىلانكىنىڭ شەرقى شىمالىي قىسىمى(3مىلىيۇن)، مالايسىيا(بىر يېرىم مىلىيۇن)، كانادا (400مىڭ)، سىنگاپور (300مىڭ)بىرما، تايلاند، شەرقىي ئافرىقا، جەنۇبىي ئافرىقا، فىجى ۋە غەربىي ھىندىستان تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان .

يىزىقىدىراۋىد تىللىرى تۈركۈمى، جەنۇ بى تىللار ئائىلىسى، تامىل-مالايالام تىل تۈركۈمىگە تەۋە  تامىل تىلىنى قوللىنىدۇ، 7-ئەسىردىن بۇيان سانسىكىرت ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى تامىل ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ.

   تامىل تىلى تامىل شىتاتى، بېندىچېرري ئالاھىدە رايونى، ئاندامان-نىكوبار ئالاھىدە رايونى، مالايسىيا، سىنگاپورلارنىڭ ھۆكۈمەت تىلى. شۇنداقلا ھىندىستاندىكى ئېتىراپ قىلىنغان27 دۆلەت تىلىنىڭ بىرى. 

تامىللار تامىللارنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ھىندى دىنى سىۋا مەزھىبىگە ئىشەنگەندىن باشقا، 6% ئاھالىسى خىرىستان دىنىغا يەنە 5.5% ئاھالىسى ئىسلام دىنى سغننى مەزھىبىگە ئىشىنىدۇ.  ھىندىستاننىڭ ئالدىنقى قارارلىق پىرىزدېنتى ئابدۇلكالام مۇسۇلمان تامىل پۇشتىدىن بولغان تۇنجى پىرىزدېنت بولۇپ تامىللار ھىندىستاندىكى ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققى قىلغان مىللەت ھىسابلىنىدۇ.

تامىللار ئاق تەنلىك ئەمەس، قارا تەنلىكمۇ ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىرقى ئالاھىدىلىكى ئوكىئانىيە قىتئەسىدىكى قوڭۇر تەنلىكلەرگە ئوخشاش بويى بىرقەدەر پاكار، تېرىسىنىڭ رەڭگى قوڭۇر، چېچى قارا ھەم قېلىن ۋە دولقۇنسىمان، بۇرنى كىچىك، لېۋى قېلىن كېلىدۇ. 

تامىللار تامىللارنىڭ ئەنئەنىسىدە ئەرلەر ئادەتتە ئۇچىسىغا شارپا ئوراپ،  ياقىسىز ئۇزۇن يەڭلىك يىپەك كىيىم كىيىدۇ. ئاياللىرى گۈللۈك جىيەك تۇتقان سارى كىيىشكە ئامراق. تامىللارنىڭ ئنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەرەققى قىلغان بولۇپ مىس نەققاشلىق، قۇرۇلۇش، قەدىمقى ئۇسۇللارنى ۋە خەلق ئارىسىدىكى دراممىلارنى ئويناشتا ئالاھىدىلىكى بار.  

   تامىللارنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق بىلەن، بەزىلىرى ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.  گۈرۈچنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىدۇ، ئاچچىق-چۈچۈك تەمگە ئامراق. تاغلىق رايونلاردا ھېلىمۇ يېقىن تۇققانلار ئارا توي قىلىدىغان ئادەت داۋاملىشىپ كەلگەن. ھازىر ئاھالىسىنىڭ يېرىمى شەھەرلىشىپ بولدى. تۇرمۇش ئادىتىمۇ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدىگە يېقىنلىشىۋاتىدۇ.

تارىخى تامىللارنىڭ تارىخى ئۇزۇن، مەدەنىيەت تارىخى ئۆزگىچە كۆرۈنەرلىك بولۇپ مىلادىدىن بۇرۇنقى ئىككىنچى ئەسىرگە تەۋە ساپال بۇيۇم ۋە تاش تۈۋرۈكلەردىن تامىللارنىڭ ئۇرۇن تارىخى دەۋردىكى دېڭىز سەپىرى، ماتىماتىكا، تىبابەتكە ئائىت مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى بىلگىلى بولىدۇ. تامىللار خېلى بۇرۇنلا دېڭىز قاتنىشىنى، شەھەرلەردە ياشاشنى ۋە سودا قىلىشنى تەرەققىي قىلدۇرغان. قەدىمقى يۇنانلىقلار ۋە قەدىم رىملىقلار بىلەن سودا ئالاقىسى ئېلىپ بارغان.

    مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدە تامىللار تامىل شەھەر دۆلەتلىرى ئىتىپاقىنى قۇرۇپ ھىندىستانننىڭ جەنۇبىدىكى كۆپ قىسىم زىمىنننى باشقۇرغان بولسىمۇ كېيىن باشقا مىللەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى بىلەن  پارچىلىنىپ كەتكەن ۋە مىلادى 6-ئەسىرگە قەدەر بىرلىككە كەلگەن دۆلەت قۇرۇپ باقمىغان. مىلادى 8-ئەسىردە تامىللار يەنە بىر قېتىم قۇدرەتلىك تامىل دۆلىتىنى قۇرۇپ ھىندىستان يېرىم ئارىلىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ۋە سىرىلانكا ئارىلىنىڭ شىمالىنى بويسۇندۇرغان، كېيىن گەرچە خانلىق ئاجىزلاشقان بولسىمۇ، ھىندىستان زىمىنىدىكى شىمالدىن كەلگەن موغۇل ئىمپىرىيىسىگە  باش ئەگمىگەن ئەڭ ئاخىرقى زىمىن بولۇپ قالغان ۋە ئەنگىلىيە ھىندىستانغا كەلگەنگە قەدەر ئۆزلىرىنىڭ ئاپتونومىيىسىنى ساقلاپ قالغان.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/174570.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#