خالدور كىليان لاكسىنىس

خالدور كىليان لاكسىنىس

خالدور كىليان لاكسىنىس ئىسلاندىيەنىڭ ھازىرقى زامان مەشھۇر يازغۇچىسى، درامماتورگى، ئۇ 1902-يىلى ئىسلاندىيە پايتەختى رېيكياۋك شەھىرى ئەتراپىدا بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1998-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. 1955-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى.

ئۇيغۇرچە ئىسمى خالدور كىليان لاكسىنىس
دۆلەت تەۋەلىكى ئىسلاندىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1902-يىلى
كەسپى يازغۇچى، درامماتورگ
خەنزۇچە ئاتىلىشى 赫尔多尔·奇里扬·拉克司内斯
يۇرتى رېيكياۋك شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1998-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

خالدور كىليان لاكسىنىسخالدور كىليان لاكسىنىس ئىسلاندىيەنىڭ ھازىرقى زامان مەشھۇر يازغۇچىسى، درامماتورگى، ئۇ 1902-يىلى ئىسلاندىيە پايتەختى رېيكياۋك شەھىرى ئەتراپىدا بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئائىلىسى بەك نامرات بولغانلىقتىن، مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. كىچىكىدىن تارتىپ كىشىلەرنىڭ سىيىرىنى سېغىپ بېرىش بەدىلىگە جېنىنى باققان. ئۆسمۈرلۈك چېغىدىن تارتىپلا ئەدەبىياتقا كۈچلۈك ئىشتىياق باغلاپ، ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن. 1955-يىللىق نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى.

خالدور كىليان لاكسىنىس17 يېشىدىن باشلاپ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. 19 يېشىدا تۇنجى ئەسىرى «تەبىئەت ئوغلى»نى ئېلان قىلىنغان. بۇ بىبلىئوگرافىيىلىك ھېكايىدە ئۇ بالىلىق دەۋرىدە ھېس قىلغان تەبىئەتنىڭو گۈزەللىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، لاكسىنىسنىڭ بەدىئي ماھارىتى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان قىلىنغان. ئۇ مۇشۇ ھېكايىسى بىلەن كەلگۈسىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئۈچۈن يول ئاچقان.

ئۇ مۇشۇ ئەسىرى ئېلان قىلىنىپ 10 يىلدىن كېيىن ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا بارغان. گىرمانىيە، فىرانىسيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىپادىچىلىك، ھالقىما رېئالىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىق ۋە جاھابگىرلىكنىڭ تەھدىتى ئۇنىڭ ئىدىيىسىدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان.

خالدور كىليان لاكسىنىسكۆپ مەھسۇلاتلىق يازغۇچى خالدور كىليان لاكسىنىس 30 دىن ئارتوق كىتاب يازغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىسلاندىيەنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى قەھرىمانلىق ئېپوسىنىڭ بەدىئىي ئەنئەنىسىگە تەنقىدىي ۋارسلىق قىلىش ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇلۇغۋار روھ، قىزغىن ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان. ئۇ ئەسەرلىرىدە لىرىك ھېسسىيات بىلەن يۇمۇرنى ئۆزئارا يۇغۇرغان، ئەسەرلىرى ئاچچىق مەسخىرە بىلەن تولغان، ئەسەرلىرىدىن ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى نامايان بولغان. ئەسەرلىرىدە ئېپوسلارغا خاس جۇشقۇن روھ ئىسلاندىيەنىڭ بۈيۈك بايانچىلىق سەنئىتىنى قايتا گۈللەندۈرگەنلىكى نامايەن قىلغان.

خالدور كىليان لاكسىنىسخالدور كىليان لاكسىنىس 1927-يىلى يازغان «كېسمىدىكى توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى» ناملىق ھېكايىسىدە بۇرژۇئا ئېتقادىغا بولغان ئۈمىدسىزلىكىنى ئىپادىلىگەن ۋە ئۇنى تەنقىد قىلغان. 30-يىللاردىن 40- يىللارغىچە بولغان ۋاقىت ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

1931-يىلىدىن 1932- يىلىغىچە بولغان بىر يىل ۋاقىت ئىچىدە ئىسلاندىيە بېلىقچىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رومان «سالكا ۋالكا» نى يېزىپ چىققان. 1934-، 1935-يىلىلىرى نامرات دېھقانلارنىڭ يەر ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن مەشھۇر رومانى «مۇستەقىل خەلق»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. 1937-، 1940- يىللىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەت بىلەن يىلدا بىر پارچە رومان يېزىپ چىققان.

زوراۋانلىققا قارشى تۇرغان بىر شائىرنىڭ ئەگرى- توقاي ھايات كەچۈرمىشى تەسۋىرلەنگەن تېترالوگىيە (تۆت قىسىملىق رومان) «دۇنيانىڭ نۇرى»، «سۇمرالانت قەلئەسى»، «شائىرنىڭ ئۆيى» ۋە «ئاسمان گۈزەللىكى» نى ئېلان قىلىغان.

بۇ ئەسەردە ئۇ كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ رەزىللىكىنى رەھىمسىزلەرچە ئېچىپ تاشلىغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇ تارىخىي رومان يېزىشقا باشلىغان.

ئۇ دانىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىسلاندىيەنى 17-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە ئىشغال قىلىۋالغانلىق تارىخىي پاكىتقا ئاساسەن «ئىسلاندىيە سېگنالى»(1943-يىلى)، «قىسقا چاچلىق ئايال»(1944-يىلى)، «كوپىنھاگىندىكى ئوت ئاپىتى خاتىرىسى»(1945-يىلى) قاتارلىق ئۈچ تارىخىي روماننى يېزىپ چىققان.

1948-يىلى ئۇنىڭ ساتېرىك رومانى «ئاتوم پونكىتى» ئېلان قىلىنغان. ئۇ بۇ روماندا ئۇگرا ئىسىملىك ئاددىي بىر ئايال خىزمەتكارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئىسلاندىيە خەلقىنى ئويغىنىشقا، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ دۇنيا تىنچىلىقىنى ۋە مىللىي مۇستەقىللىقنى قوغداش ئۈچۈن بوشاشماي جىڭ قىلىشقا چاقىرق قىلغان.

«بېلىقچى قىز»، «تەبىئەت ئوغلى»، «كېسمىدىكى توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى»، «سالكا ۋالكا»، «مۇستەقىل خەلق»، «دۇنيانىڭ نۇرى»، «سۇمرالانت قەلئەسى»، «شائىرنىڭ ئۆيى» ۋە «ئاسمان گۈزەللىكى»، «ئىسلاندىيە سېگنالى»، «كوپىنھاگىندىكى ئوت ئاپىتى خاتىرىسى»، «ئاتوم پونكىتى»... قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

خالدور كىليان لاكسىنىس1952-يىلى دۇنيا تىنچلىق كېڭىشى جەمئىيىتى تەرپىدىن خەلقئارا تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1955-يىلى «بېلىقچى قىز» دېگەن ئەسىرى شەرەپ بىلەن نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

پاساھەت چەت ئەل تىل ئەدەبىياتى، ئەدەبىي تەرجىمە بىلوگى 

http://www.pasahet.net/?p=10974

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#