تۇز كۆل
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۈرۈمچىدىكى تۇز كۆل ساياھەتچىلەرگە خۇددى ئۆلۈك دېڭىزدا لەيلەپ يۈرگەندەك تۇيغۇ بەرگەچكە، ‹‹جۇڭگودىكى ئۆلۈك دېڭىز›› دېگەن نامغا ئىگە. تۇز كۆلنىڭ سۈيى تۇزلۇق، رەڭگى سۈزۈك بولۇپ، 60 نەچچە كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان كۆل رايونىدا ئون نەچچە كىلومېتىر دائىرىدىكى يولنىڭ ئۈستىگە تۇز سېپىلغان. كۆل بويىدىكى قاتار – قاتار گۈمبەز، زاۋۇت رايونىغا تۇتاشقان كۆۋرۈكمۇ تۇزدىن قوپۇرۇلغان بولۇپ، ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق گۆھەر ماكان.
تۇزدا يۇيۇنۇش بۇ يەرنىڭ يېڭى بىر خىل ساياھەت تۈرى بولۇپ، بەدەننى تۇزدا يۇيۇش ئارقىلىق تېرە – مۇسكۇللار ئېھتىياجلىق بولغان ماددىلارنى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. تۇز تەركىبىدىكى مول مىنېرال ماددىلار ئادەم بەدىنىنىڭ لىمفا سىستېمىسى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ، جاراھەت ئورنى ۋە بوغۇم ياللۇغىنى داۋالايدۇ. تۇزدا يۇيۇنۇش يەنە تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۈچەينى تازىلاش، زەھەرنى قايتۇرۇش، بەدەندىكى ياغنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە. شۇنىڭدەك تېرىنى پارقىراق، يۇمشاق قىلىپ، يۈزدىكى دانىخورەكنى يوقىتىدۇ.
تۇز كۆلىنىڭ تۆت ئەتراپى قاقاسلىق بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. كۆلدىكى مىنېرال ماددىلار پەسىل ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە كرىستاللىشىش ھالىتىنى ئۆزگەرتىدۇ. شۇڭا بىر كۈن ئىچىدە نەچچە خىل رەڭگە ئۆزگىرەلەيدۇ. كۆل يۈزى قۇياش نۇرىدا بەزىدە كۈمۈش ئەينەككە ئوخشىسا، بەزىدە كۆك، ئاق، قىزىل رەڭلەرگە ئۆزگىرىپ، ئاجايىپ تۈسكە كىرىپ، كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئىلگىرىكى قاقاس، شورلۇق يەر بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ئۈرۈمچى ساياھەتچىلىكىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى بولۇپ قالدى.[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.