كېمە

بۇرۇنقى كېمىلەرنىڭ ئاپتوموبىلنىڭ بالونىغا ئوخشاش ئىككى چاقى بار ئىدى، ئۇلار كېمىنىڭ ئىككى يېقىدا ياكى قۇيرۇقىدا بولاتتى، چاق ئەتراپىدا بىرمۇنچە پالاقلار بولۇپ، چاقلار ئادەم كۈچى بىلەن ئايلاندۇرۇلغاندا، پالاقلار سۇنى كەينىگە ئىتتىرىپ، كېمىنى ئالدىغا ماڭدۇراتتى. شۇڭا، مۇنداق كېمىلەر «چاقلىق كېمە» دېيىلەتتى. 

ئۇيغۇرچە نامى كېمە
خەنزۇچە نامى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېمەبۇرۇنقى كېمىلەرنىڭ ئاپتوموبىلنىڭ بالونىغا ئوخشاش ئىككى چاقى بار ئىدى، ئۇلار كېمىنىڭ ئىككى يېقىدا ياكى قۇيرۇقىدا بولاتتى، چاق ئەتراپىدا بىرمۇنچە پالاقلار بولۇپ، چاقلار ئادەم كۈچى بىلەن ئايلاندۇرۇلغاندا، پالاقلار سۇنى كەينىگە ئىتتىرىپ، كېمىنى ئالدىغا ماڭدۇراتتى. شۇڭا، مۇنداق كېمىلەر «چاقلىق كېمە» دېيىلەتتى. 

ماتورلۇق كېمىنىڭ بارلىققا كىلىشى 

ھور ماشىنىسى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، بەزىلەر كېمىنىڭ چاقلىرىنى ھور ماشىنىسى بىلەن ئايلاندۇرۇپ كېمىنى ماڭدۇرۇش خىيالىغا كەلدى. 1802-يىلى ئەنگلىيىلىك شېرمىڭتون ۋات ئۆزگەرتىپ ياخشىلىغان ھور ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ، «چارلوت دۇنداس» ناملىق ماتورلۇق كېمىنى ياسىدى. ئەينى چاغلاردا كېمىلەر ئات كۈچى بىلەن سۆرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ماتورلۇق كېمىلەر ئات كۈچى بىلەن سۆرىلىدىغان كېمە خوجايىنلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ ئىشلىتىلمىدى. بۇ ئىشنى ئەنگلىيىدە زىيارەت قىلىپ يۈرگەن ئامېرىكىلىق ئالىم فولتون بىلىپ، «كلېمېنت» ناملىق كېمە ياساپ، 1807-يىل 8-ئايدىن باشلاپ نيويورك بىلەن ئولبانى ئوتتۇرىسىدا قاتنىدى، كېمىنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 4.6 كىلومېتىرغا يەتتى. بۇ، تۇنجى ماتورلۇق كېمە بولۇپ قالدى. 

پىرقىرىغۇچلۇق كېمىنىڭ بارلىققا كىلىشى 

كېمەماتورلۇق كېمە بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، كىشىلەر شۋېتسارىيىلىك ئالىم بېرنۇللى ئوتتۇرىغا قويغان پىرقىرىغۇچلۇق(پىروپېللېرلىق) ئىتتىرگۈچكە بەكمۇ قىزىقتى. 1836-يىلى ئەنگلىيىنىڭ «ئارخىمېد» ناملىق كېمىسىگە پىرقىرىغۇچلۇق ئىتتىرگۈچ ئىشلىتىلدى، ئۇ ياغاچتىن ياسالغان ئۇزۇن بۇرمىسىمان خادا ئىدى. سىناق قىلغاندا، بۇ كېمە سائىتىگە 4 دېڭىز مىلى يۈردى. توساتتىن سۇ ئاستىدىكى توسالغۇغا سوقۇلۇپ بۇ بۇرمىسىمان خادا سۇنۇپ كېتىپ، ئۇنىڭ بىر بۆلىكىلا قالدى. كېمىنى ياسىغان ئىنژېنېر سىمىت ئالاقزادە بولۇپ نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغان چاغدا، كۈتمىگەن يەردىن بۇ كېمىنىڭ تېزلىكى ئېشىپ، سائەتلىك تېزلىكى 13 دېڭىز مىلىغا يەتتى. بۇ ئىش كېمە ئىنژېنېرلىرىنى ئىلھاملاندۇردى، ئۇلار ئۇزۇن بۇرمىسىمان خادىنى قىسقا بۇرمىسىمان خادىغا، ئاندىن قىسقا بۇرمىسىمان خادىنى يەنە قانات شەكلىدە قىلىپ ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن 1845-يىلى ياسالغان ئەنگلىيىنىڭ «بۈيۈك برىتانىيە» ناملىق كېمىسى دۇنيادا تۇنجى پىرقىرىغۇچلۇق كېمە بولۇپ قالدى. 1845-يىلى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى خېلى چوڭ بولغان «شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان» ناملىق پىرقىرىغۇچلۇق كېمە بىلەن «ئېرىكتو» ناملىق چاقلىق كېمە بىر قېتىم «ئارغامچا تارتىشىش» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى بۇ ئىككى كېمىنىڭ قۇيرۇقىنى يوغان ئارقان بىلەن چېتىپ، ئىككىسىنى قارىمۇقارشى يۆنىلىشتە ماڭدۇردى. «شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان» نىڭ پىرقىرىغۇچى تېز ئايلاندى، «ئېرىكتو» نىڭ چاقلىرىمۇ بار كۈچى بىلەن سۇنى كەينىگە ئىتتەردى. باشتا ئۇلار بىر-بىرىگە يول بېرىشمىدى، سەل ئۆتكەندىن كېيىن، «شالدىراق قۇيرۇقلۇق يىلان» «ئېرىكتو» نى سۆرەپ كەتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، پىرقىرىغۇچلۇق كېمە چاقلىق كېمىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى. 

قوش كېمە

قوش كېمەئىچكى دەريالاردا قاتنايدىغان يولۇچىلار كېمىلىرى ۋە كېچىك كېمىلىرى ئىچىدە بېشىمۇ، قۇيرۇقىمۇ ئىككى، خۇددى ئىككى كېمە ياندىشىپ ماڭغاندەك كۆرۈنىدىغان كېمىلەر بار، مانا بۇ قوش كېمىدۇر. 

ئېلىمىزدە قوش كېمە بارلىققا كەلگىنىگە 2000 يىلدىن ئاشتى. بۇرۇن كىشىلەر چوڭ كېمە ياساش ۋە كېمىنى سىلىق ماڭدۇرۇش ئۈچۈن، سالدىن ئىلھاملىنىپ، ئىككى كېمىنى يانداشتۇرۇپ، تاسما، چىۋىق ۋە ئارغامچىلار بىلەن چېتىپ، بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرغان، مۇنداق كېمىلەر كەڭ بولۇپ، يۈك سىغىمچانلىقى بىر ھەسسە ئاشقان ۋە ناھايىتى سىلىق ماڭغان. ئەجدادلىرىمىز مۇنداق كېمىلەرنى «چاتما كېمە» دەپ ئاتىغان. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە شياۋ خې مۇشۇنداق چاتما كېمىلەردىن پايدىلىنىپ، ليۇ باڭنىڭ ئالەمگە خوجا بولۇشىغا ياردەملەشكەن. 

ھازىرقى كۈندە قوش كېمە ئۆلچىمى ئوخشاش ئۇزۇنچاق ئىككى كېمە گەۋدىسىنى يانداشتۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ، ھەربىر كېمە گەۋدىسىدە بىردىن ماتور، قۇيرۇقىدا بىردىن پىرقىرىغۇچ(پىروپېللېر) بولۇپ، يۈرگەندە ئىككىسى تەڭ ھەرىكەتلىنىدۇ. ئىككى كېمىنىڭ ئۈستى بىر گەۋدە قىلىپ قوشۇلغان بولىدۇ، قوش كېمىنىڭ پالوبىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئۇنى يولۇچىلار كېمىسى ۋە كېچىك كېمىسى قىلىپ ئىشلەتسە، كۆپ يولۇچى سالغىلى ۋە كېچىك كېمىسىنىڭ سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇنداق كېمە كەڭ بولغاچقا سىلىق ماڭىدۇ. شۇڭا، يولۇچىلار كېمىسى قىلىپ ئىشلەتسە، بىرقەدەر ئىشەنچلىك بولىدۇ. 

قوش كېمە ئىككى كېمىنىڭ پىرقىرىغۇچى بىلەن ماڭىدۇ، ئۇلارنىڭ خالىغان بىرىنىڭ تېزلىكى ۋە يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتسە، پۈتۈن كېمىنىڭ تېزلىكى ۋە يۆنىلىشى ئۆزگىرىدۇ، شۇڭا، مەشغۇلات ئىقتىدارى ياخشى. قوش كېمە يەككە كېمىگە قارىغاندا سوزۇقراق بولىدۇ، مۇناسىپ قارشىلىق كۈچى ئاجىز، تېزلىكىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.لېكىن، قوش كېمىنىڭ ئۈستىدىكى قۇرۇلۇش ئىككى كېمىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلغاچقا، كېمىنىڭ سىجىللىقى ئاجىزراق بولۇپ، چوڭ دولقۇنلارنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، يىراق ئوكيانلاردا يۈرۈشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن، مۇنداق كېمىلەر كۆپىنچە ئىچكى دەريالاردا قىسقا يوللۇق يولۇچىلار كېمىسى ۋە كېچىك كېمىسى قىلىپ ھەم ئالاھىدە كەسپىي كېمە، مەسىلەن، نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. 

قوش ماكانلىق كېمە

قوش ماكانلىق كېمەقوش ماكانلىق(ئامفىبىيە) كېمە ھەم كېمە، ھەم بىر ئايروپىلاندۇر. ئۇ سۇدا تېز ئۈزۈپلا قالماي، سۇدىن نەچچە مېتىردىن 30 ~40 مېتىرغىچە ئېگىز بولغان ئىنتايىن تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچالايدۇ. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى ھاۋا كېمىسى ياكى ئىنتايىن تۆۋەن بوشلۇق ئايروپىلانى دەپ ئاتىشىدۇ. 

قوش ماكانلىق كېمىنىڭ كەڭ قانىتى بولىدۇ. سۇدا يۇقىرى سۈرئەتتە ئۈزگەندە، قانات بىلەن سۇ يۈزى ئارىلىقىدىن ئۆتكەن ھاۋا ئېقىمى توساتتىن توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، قانات ئاستىدىكى بېسىم كۆتۈرۈلۈپ، ھاۋا تەگلىكى شەكىللىنىپ، كېمە گەۋدىسىنى سۇ يۈزىدىن كۆتۈرىدۇ؛ ئاندىن كېمە ھاۋا پىرقىرىغۇچى ياكى تۇربىنىلىق رېئاكتىپ ماتورغا تايىنىپ ئۇچىدۇ. ئەگەر كۆتۈرۈش كۈچى كېمە ئېغىرلىقىدىن ئېشىپ كەتسە، قوش ماكانلىق كېمە سۇ يۈزىدىن ئايرىلىدۇ. 

ئادەتتىكى ئايروپىلان ھاۋادا ئۇچقاندا، قانات ئاستىدىكى يۇقىرى بېسىملىق ھاۋا ئېقىمى قاناتنىڭ ئىككى يېقىغا كېڭىيىپ، قاناتنىڭ ئۇچىنى ئايلىنىپ، قانات ئۈستىدە قۇيۇن شەكىللەندۈرۈپ قارشىلىق كۈچى پەيدا قىلىدۇ. لېكىن، قاناتنى سۇ يۈزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ ئۇچقاندا، سۇ يۈزى ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئىككى يانغا كېڭىيىشىنى توسۇپ، قاناتتا پەيدا بولىدىغان قۇيۇننى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇپ، قارشىلىق كۈچىنى پەسەيتىدۇ. شۇڭلاشقا، قوش ماكانلىق كېمە سۇ يۈزى بويلاپ تېز ئۈزەلەيدۇ ھەم ئىنتايىن تۆۋەن بوشلۇقتا سىلىق ئۇچالايدۇ. sfs 

قوش ماكانلىق كېمىنىڭ شەكلى كۆپ، ئاساسەن ئايروپىلان شەكىللىك، ئۇچار قانات شەكىللىك ۋە قوش گەۋدە شەكىللىك دەپ ئۈچ خىلى بار. مەيلى قايسى خىلى بولمىسۇن، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قۇرۇلمىسى ئىككى يۈرۈش بولىدۇ: بىرى، سۇدىن كۆتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ، كۈچى زورراق بولىدۇ؛ يەنە بىرى، نورمال ئۇچۇشقا ئىشلىتىلىدۇ، ئىتتىرىش كۈچى كىچىكرەك بولىدۇ. مۇنداق ئۆزگىچە لايىھە ھەم تېجەشلىك، ھەم يېڭىچە ھېسابلىنىدۇ. 

نۇرغۇن دۆلەتلەر 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ قوش ماكانلىق كېمىنى ئۇدا سىناق قىلىپ، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكىنى 300 نەچچە كىلومېتىرغا يەتكۈزدى.

قوش ماكانلىق كېمىنىڭ سۈرئىتى يۇقىرى، ئۇچۇشى سىلىق بولۇپ، ئىنتايىن كۆڭۈلدىكىدەك يولۇچىلار كېمىسى ھېسابلىنىدۇ. ھەربىي ئىشلاردا مۇنداق كېمە ئىنتايىن تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ، قارشى تەرەپنىڭ رادارىدىن ئۆزىنى قاچۇرالايدۇ، سۇ ئاستى كېمىلىرىنىڭ ئىز قوغلىشىدىن قۇتۇلالايدۇ، يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارى ياخشى. قوش ماكانلىق كېمىگە مۇناسىپ كۆتۈرۈلۈش-پەسىيىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلسا، سۇ، قۇرۇقلۇق، قار-مۇز، قۇملۇق ۋە سازلىقلاردىمۇ ئۇچۇپ-قونالايدىغان، كۆپ تەرەپلىمە ئىشلەتكىلى بولىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك ترانسپورت قورالى بولۇپ قالىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#