جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى 1993-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1993-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 71-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان. 2000-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 16-يىغىنىنىڭ «‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى›غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن.


ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى
ماقۇللانغان ۋاقتى 1993-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1993-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى
ھۆججەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 71-نومۇرلۇق پەرمانى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国产品质量法
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 1993-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى
تۈزىتىلگەن ۋاقتى 2000-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ قانۇن مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، مەھسۇلات سۈپىتى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، مەھسۇلات سۈپىتى جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەرتىپنى ساقلاش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، سېتېشتا بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش شەرت.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مەھسۇلات پىششىقلانغان-ياسالغان ۋە سېتىلىدىغان مەھسۇلاتنى كۆرسىتىدۇ. 

بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر قۇرۇلۇشقا تەتبىقلانمايدۇ؛ لېكىن، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان بىناكارلىق ماتېرىياللىرى، بىناكارلىق قۇرۇلما-زاپچاسلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەھسۇلات دائىرىسىگە كىرىدىغانلىرىغا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ. 

3-ماددا ئىشلەپ چىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار ئىچكى قىسىمدا مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئىش ئورنى سۈپەت قائىدىسى، سۈپەت جاۋابكارلىقى ۋە مۇناسىپ سىناش چارىسىنى قاتتىق يولغا قويۇشى لازىم.

4-ماددا ئىشلەپ چىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مەھسۇلات سۈپىتى جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

5-ماددا گۇۋاھلىق بەلگىسى قاتارلىق سۈپەت بەلگىلىرىنى ياسىۋېلىش ياكى ئىشلىتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ مەھسۇلات ئىشلەنگەن جاينى ئويدۇرۇپ چىقىش، باشقىلارنىڭ زاۋۇت نامى، ئادرېسىنى ئويدۇرۇپ چىقىش ياكى ئىشلىتىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان، سېتىلىدىغان مەھسۇلاتقا باشقا نەرسىلەرنى، يالغان نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇش، يالغانلىرىنى راست قىلىپ، ناچارلىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

6-ماددا دۆلەت ئىلمىي سۈپەت باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇشقا، ئىلغار پەن-تېخنىكىنى قوللىنىشقا ئىلھام بېرىدۇ، كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى ساھە ئۆلچىمى، دۆلەت ئۆلچىمى ۋە خەلقئارا ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشىگە ھەمدە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋېتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ. 

مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇشتا ئىلغار بولغان ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيىگە يەتكۈزگەن، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.

7-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مەھسۇلات سۈپىتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ۋە بۇ خىزمەتكە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە، مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى قانۇن بويىچە تەدبىر قوللىنىپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش جەريانىدىكى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى توسۇشقا تەشكىللەپ، بۇ قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.

8-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

يەرلىكتىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلغۇچى تارماق ھەققىدە قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، ئالاقىدار قانۇندىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.

9-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خادىملىرى ۋە دۆلەتنىڭ باشقا ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋارلىق قىلىپ ياكى نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، شۇ جاي، شۇ سىستېمىدا يۈز بەرگەن مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىش جەريانىدىكى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى يېپىشىغا، مەيلىگە قويۇۋېتىشىگە ياكى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىش جەريانىدىكى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىشىغا، ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ھەر دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ باشقا ئورگانلىرى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىش جەريانىدىكى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ياپسا ۋە مەيلىگە قويۇۋەتسە، ئۇنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

10-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقىغا ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار پاش قىلغۇچىنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلىشى ھەمدە ئۇنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇكاپاتلىشى كېرەك.

11-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس باشقا رايون ياكى باشقا سىستېمىدىكى كارخانا ئىشلەپ چىقارغان سۈپىتى لاياقەتلىك مەھسۇلاتنىڭ ئۆز رايونى، ئۆز سسىتېمىسىغا كىرىشىنى چەتكە قاقسا بولمايدۇ. 

2-باب مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش

12-ماددا مەھسۇلات سۈپىتى پرىيومدا لاياقەتلىك بولۇشى كېرەك، لاياقەتسىز مەھسۇلاتنى لاياقەتلىك مەھسۇلات قىلىپ كۆرسىتىشكە بولمايدۇ.

13-ماددا كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ۋە جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سانائەت مەھسۇلاتلىرى كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ۋە جىسمانى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان دۆلەت ئۆلچىمىگە، ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت؛ دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى تۈزۈلمىگەن بولسا، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ۋە جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. 

كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ۋە جىسمانى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۆلچىمى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سانائەت مەھسۇلاتىنى ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ. كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

14-ماددا دۆلەت خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىدىغان سۈپەت باشقۇرۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، كارخانىلاردا سۈپەت سىستېمىسى گۇۋاھلىق تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. كارخانىلار ئىختىيارىيلىق پرىنسىپىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ئېتىراپ قىلغان ياكى ھوقۇق بەرگەن تارماق ئېتىراپ قىلغان گۇۋاھلىق ئاپپاراتىغا كارخانىنىڭ سۈپەت سىستېمىسىغا گۇۋاھلىق بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. گۇۋاھلىقتىن ئۆتەلىسە، گۇۋاھلىق ئاپپاراتى كارخانىغا سۈپەت سىستېمىسى گۇۋاھلىق كىنىشكىسى بېرىدۇ. 

دۆلەت خەلقئارا ئىلغار مەھسۇلات ئۆلچىمى ۋە تېخنىكا تەلىپىدىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلات سۈپىتى گۇۋاھلىق تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. كارخانىلار ئىختىيارىيلىق پرىنسىپىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ئېتىراپ قىلغان ياكى ھوقۇق بەرگەن تارماق ئېتىراپ قىلغان گۇۋاھلىق ئاپپاراتىغا مەھسۇلات سۈپىتىگە گۇۋاھلىق بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. گۇۋاھلىقتىن ئۆتەلىسە، گۇۋاھلىق ئاپپاراتى مەھسۇلات سۈپىتى گۇۋاھلىق كىنىشكىسى بېرىدۇ، كارخانىنىڭ مەھسۇلاتقا ياكى ئۇنىڭ ئورۇسىغا مەھسۇلات سۈپىتى گۇۋاھلىق بەلگىسىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ.

15-ماددا دۆلەت مەھسۇلات سۈپىتىگە قارىتا ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئاساس قىلىنغان نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ۋە جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان مەھسۇلاتلارنى، دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مۇھىم سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى، ئىستېمالچىلار، ئالاقىدار تەشكىلاتلار سۈپىتىدە چاتاق بارلىقىنى ئىنكاس قىلغان مەھسۇلاتلارنى ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ. ئارىلاپ تەكشۈرىدىغان ئەۋرىشكىنى بازاردىكى ياكى كارخانىنىڭ مەھسۇلات ئامبىرىدىكى سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلار ئىچىدىن خالىغاننى ئېلىش لازىم. نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى پىلانلايدۇ ۋە ئۇيۇشتۇرىدۇ. يەرلىكتىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىدا نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى ئۇيۇشتۇرسىمۇ بولىدۇ. مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ھەققىدە قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، ئالاقىدار قانۇندىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.

دۆلەت نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرگەن مەھسۇلاتنى يەرلىك باشقىدىن تەكرار ئارىلاپ تەكشۈرسە بولمايدۇ؛ يۇقىرى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرگەن مەھسۇلاتنى تۆۋەن باشقىدىن تەكرار ئارىلاپ تەكشۈرسە بولمايدۇ.

نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئېھتىياجىغا قاراپ، مەھسۇلات پرىيوم قىلىنسا بولىدۇ. پرىيوم قىلىشتا ئالىدىغان ئەۋرىشكە سانىنى پرىيومنىڭ مۇۋاپىق ئىتىياجىدىن ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ ھەمدە تەكشۈرۈلگۈچىدىن پرىيوم ھەققى ئېلىشقا بولمايدۇ. نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشكە كېتىدىغان پرىيوم ھەققى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە چىقىمغا كىرگۈزۈلىدۇ.

ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلاردىن ئارىلاپ تەكشۈرۈشتىكى پرىيوم نەتىجىسىگە باشقىچە پىكرى بولغانلىرى پرىيوم نەتىجىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرگەن مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقىغا ياكى ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقىغا قايتا پرىيوم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قايتا پرىيوم قىلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى قايتا پرىيوم يەكۈنى چىقىرىدۇ. 

16-ماددا مەھسۇلات سۈپىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار رەت قىلسا بولمايدۇ.

17-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى لاياقەتسىز بولسا، نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرگەن مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ئىشلەپ چىقارغۇچىنى، ساتقۇچىنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىسە، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ئېلان چىقىرىدۇ؛ ئېلان چىقارغاندىن كېيىن قايتا تەكشۈرگەندە يەنىلا لاياقەتسىز بولسا، ئىشنى توختىتىپ، سۈرۈك ئىچىدە تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ تەرتىپكە سېلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن قايتا تەكشۈرگەندە مەھسۇلات سۈپىتى يەنىلا لاياقەتسىز بولسا، تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ. 

نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن مەھسۇلات سۈپىتىدە ئېغىر چاتاق بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 5-بابىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

18-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى قانۇنغا خىلاپ دەپ گۇمان قىلىپ ئېرىشكەن دەلىل-ئىسپاتلارغا ياكى پاش قىلىش ماتېرىيالىغا ئاساسەن، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەپ گۇمان قىلغان قىلمىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ:

(1) ئالاقىدارلار مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ كېلىدىغان ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىش بىلەن شۇغۇللاندى دەپ گۇمان قىلىنغان سورۇننى تەكشۈرۈش؛

(2) ئالاقىدارلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، ئاساسىي مەسئۇلى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ كېلىدىغان ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىش بىلەن شۇغۇللاندى دەپ گۇمان قىلىنغان ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش، ئىگىلەش؛

(3) ئالاقىدارلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك توختام، تالون، ھېسابات دەپتىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى كۆرۈش ۋە كۆپەيتىۋېلىش؛

(4) كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ۋە جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان دۆلەت ئۆلچىمىگە، ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ قاراشقا ئاساس بار مەھسۇلاتلارنى ياكى سۈپىتىدە باشقا ئېغىر چاتاق بار مەھسۇلاتلارنى شۇنىڭدەك شۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىشقا بىۋاسىتە ئىشلىتىلىدىغان خام ئەشيا-ماتېرىيال، قوشۇمچە ماتېرىيال، ئورۇ، ئىشلەپ چىقىرىش قوراللىرىنى پېچەتلەش ياكى تۇتۇپ قېلىش.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسى بويىچە، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ دەپ گۇمان قىلىنغان قىلمىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ.

19-ماددا مەھسۇلات سۈپىتى پرىيوم ئاپپاراتى مۇناسىپ تەكشۈرۈش-سىناش شارائىتى ۋە ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى شەرت. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ياكى ئۇ ھوقۇق بەرگەن تارماقنىڭ سىنىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن مەھسۇلات سۈپىتىنى پرىيوم قىلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالسا بولىدۇ. مەھسۇلات سۈپىتى پرىيوم ئاپپاراتى ھەققىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.

20-ماددا مەھسۇلات سۈپىتىنى پرىيوم قىلىدىغان، مەھسۇلات سۈپىتىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان ئىجتىمائىي ۋاسىتىچى ئاپپارات قانۇن بويىچە قۇرۇلۇشى شەرت، ئۇلارنىڭ مەمۇرىي ئورگان ۋە دۆلەتنىڭ باشقا ئورگانلىرى بىلەن بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى ياكى باشقا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولسا بولمايدۇ.

21-ماددا مەھسۇلات سۈپىتى پرىيوم ئاپپاراتى، مەھسۇلات سۈپىتى گۇۋاھلىق ئاپپاراتى پرىيوم نەتىجىسى ياكى گۇۋاھلىق ئىسپاتىنى قانۇن بويىچە ئالاقىدار ئۆلچەمگە ئەمەل قىلىپ، ئوبيېكتىپ، ئادىل چىقىرىپ بېرىشى شەرت.

مەھسۇلات سۈپىتى گۇۋاھلىق ئاپپاراتى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، گۇۋاھلىق بەلگىسىنى ئىشلىتىش ئىجازىتى بېرىلگەن مەھسۇلاتنى گۇۋاھلىق بېرىلگەندىن كېيىنمۇ ئىز قوغلاپ تەكشۈرىدۇ؛ گۇۋاھلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ گۇۋاھلىق بەلگىسىنى ئىشلەتكەنلەردىن تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بەلگىسىنى ئىشلىتىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ.

22-ماددا ئىستېمالچىلار مەھسۇلات سۈپىتىدىكى چاتاقنى شۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقارغۇچىدىن، ساتقۇچىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق؛ مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماققا ئەرز قىلسا، ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.

23-ماددا ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىستېمالچىلار ئىنكاس قىلغان مەھسۇلات سۈپىتىدىكى چاتاقنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ئالاقىدار تارماقلارغا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان زىيان توغرىسىدا خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىشنى قوللىسا بولىدۇ.

24-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ئۆزى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرگەن مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت ئەھۋالىنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. 

25-ماددا مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارماقلىرى ياكى دۆلەتنىڭ باشقا ئورگانلىرى ۋە مەھسۇلات سۈپىتى پرىيوم ئاپپاراتلىرى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەھسۇلاتىنى جەمئىيەتكە تونۇشتۇرسا بولمايدۇ؛ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى سېتىشنى نازارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مەھسۇلات تىجارىتىگە قاتناشسا بولمايدۇ.

3-باب ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى جاۋابكارلىقى ۋە مەجبۇرىيىتى

1-پاراگراف ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى جاۋابكارلىقى ۋە مەجبۇرىيىتى

26-ماددا ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە جاۋابكار بولۇشى لازىم.

مەھسۇلات سۈپىتى تۆۋەندىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك: 

(1) كىشىلەرنىڭ جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان نامۇۋاپىق خەۋپ بولماسلىق، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ۋە جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى بولسا، شۇ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇش؛

(2) مەھسۇلاتتا بولۇشقا تېگىشلىك ئىستېمال ئىقتىدارى بولغان بولۇشى، لېكىن ئىستېمال ئىقتىدارىدا يېتەرسىزلىك بارلىقى چۈشەندۈرۈلگەن مەھسۇلاتلار بۇنىڭ سىرتىدا؛

(3) مەھسۇلاتقا ياكى ئۇنىڭ ئورۇسىغا يېزىلغان مەھسۇلات ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇش، مەھسۇلات چۈشەندۈرمىسى، ئەۋرىشكىسى قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئىپادىلەنگەن سۈپەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن بولۇش.

27-ماددا مەھسۇلات ياكى ئۇنىڭ ئورۇسىدىكى كۆرسەتمە راست بولۇشى ھەمدە تۆۋەندىكى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت:

(1) مەھسۇلات سۈپىتى پرىيومىدا لاياقەتلىك بولغانلىق ئىسپاتى بولۇش؛

(2) مەھسۇلات نامى، زاۋۇت نامى ۋە ئادرېسى جۇڭگو يېزىقىدا يېزىلغان بولۇش؛

(3) مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىستېمال تەلىپىگە ئاساسەن، مەھسۇلاتنىڭ ئۆلچىمى، دەرىجىسى، ئاساسىي تەركىبىنىڭ نامى ۋە مىقدارىنى يېزىشقا توغرا كەلسە، جۇڭگو يېزىقىدا يېزىش؛ ئىستېمالچىلارغا ئالدىن بىلدۈرۈپ قويۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تاشقى ئورۇغا يېزىپ قويۇش ياكى ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئىستېمالچىلارغا ئالدىن بېرىش؛

(4) ئىستېمال مۇددىتى بەلگىلەنگەن مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلغان ۋاقتى ۋە بىخەتەر ئىشلىتىش مۇددىتى ياكى كۈچىدىن قېلىش ۋاقتى كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئېنىق يېزىلغان بولۇش؛

(5) مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىنمىسا، ئاسان بۇزۇلىدىغان ياكى جىسمانىي بىخەتەرلىككە، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان مەھسۇلاتلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويۇلغان ياكى جۇڭگو يېزىقىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئەسكەرتمىسى بېرىلگەن بولۇش.

ئورۇسىز يېمەكلىكلەرگە ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن كۆرسەتمە بېرىش تەس بولغان ئورۇسىز باشقا مەھسۇلاتلارغا مەھسۇلات كۆرسەتمىسى بېرىلمىسىمۇ بولىدۇ.

28-ماددا ئاسان سۇنىدىغان، ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان، زەھەرلەيدىغان، چىرىتىدىغان ۋە رادىئوئاكتىپلىق خەتەرلىك بۇيۇملار شۇنىڭدەك ساقلاش، توشۇش جەريانىدا دۈم قويغىلى بولمايدىغان بۇيۇملار ۋە باشقا ئالاھىدە تەلەپ قويۇلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئورۇ سۈپىتى مۇناسىپ تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويۇلۇشى ياكى جۇڭگو يېزىقىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئەسكەرتمىسى بېرىلىشى، ساقلاش، توشۇش جەريانىدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار يېزىلىشى شەرت.

29-ماددا ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ دۆلەت شاللىۋەتكەن مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

30-ماددا ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ مەھسۇلات ئىشلەنگەن جاينى ئويدۇرۇپ چىقىشىغا يول قويۇلمايدۇ، باشقىلارنىڭ زاۋۇت نامى، ئادرېسىنى ئويدۇرۇپ چىقىشىغا ياكى ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

31-ماددا ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ گۇۋاھلىق بەلگىسى قاتارلىق سۈپەت بەلگىلىرىنى ياسىۋېلىشىغا ياكى ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

32-ماددا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتا باشقا نەرسىلەرنى، يالغان نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، يالغانلىرىنى راست قىلىپ، ناچارلىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، لاياقەتسىز مەھسۇلاتنى لاياقەتلىك مەھسۇلات قىلىپ كۆرسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

2-پاراگراف ساتقۇچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى جاۋابكارلىقى ۋە مەجبۇرىيىتى 

33-ماددا ساتقۇچىلار كىرگۈزىدىغان مالنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتلىك ئىسپاتى ۋە باشقا كۆرسەتمىسىنى تەكشۈرۈشى لازىم.

34-ماددا ساتقۇچىلار تەدبىر قوللىنىپ، ساتىدىغان مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى ساقلىشى كېرەك.

35-ماددا ساتقۇچىلارنىڭ دۆلەت شاللىۋەتكەن ھەمدە سېتىشنى توختىتىۋەتكەن مەھسۇلات ۋە كۈچىدىن قالغان، سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن مەھسۇلاتنى سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

36-ماددا ساتقۇچىلار ساتىدىغان مەھسۇلاتنىڭ كۆرسەتمىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 27-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. 

37-ماددا ساتقۇچىلارنىڭ مەھسۇلات ئىشلەنگەن جاينى ئويدۇرۇپ چىقىشىغا يول قويۇلمايدۇ، باشقىلارنىڭ زاۋۇت نامى، ئادرېسنى ئويدۇرۇپ چىقىشىغا ياكى ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

38-ماددا ساتقۇچىلارنىڭ گۇۋاھلىق بەلگىسى قاتارلىق سۈپەت بەلگىلىرىنى ياسىۋېلىشىغا ياكى ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

39-ماددا ساتقۇچىلارنىڭ مەھسۇلات سېتىشتا باشقا نەرسىلەرنى، يالغان نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، يالغانلىرىنى راست قىلىپ، ناچارلىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، لاياقەتسىز مەھسۇلاتنى لاياقەتلىك مەھسۇلات قىلىپ كۆرسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

4-باب زىياننى تۆلەش

40-ماددا سېتىلغان مەھسۇلاتتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ساتقۇچى رېمونت قىلىپ، ئالماشتۇرۇپ بېرىشى، قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك؛ مەھسۇلاتنى سېتىۋالغان ئىستېمالچىغا زىيان يەتكەن بولسا، ساتقۇچى زىياننى تۆلەپ بېرىشى لازىم:

(1) مەھسۇلاتتا بولۇشقا تېگىشلىك ئىستېمال ئىقتىدارى بولماي تۇرۇقلۇق، ئالدىن ئەسكەرتىپ قويۇلمىغان بولسا؛

(2) مەھسۇلاتقا ياكى ئۇنىڭ ئورۇسىغا يېزىلغان مەھسۇلات ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە؛

(3) مەھسۇلات چۈشەندۈرمىسى، ئەۋرىشكىسى قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئىپادىلەنگەن سۈپەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كەلمىسە.

ساتقۇچىلار ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە رېمونت قىلىپ، ئالماشتۇرۇپ بەرگەن، قايتۇرۇۋالغان، زىياننى تۆلىگەندىن كېيىن، جاۋابكارلىق ئىشلەپ چىقارغۇچىدا ياكى ساتقۇچىنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىگەن باشقا ساتقۇچى (تۆۋەندە مال بىلەن تەمىنلىگۈچى دېيىلىدۇ) دا بولسا، ساتقۇچى ئىشلەپ چىقارغۇچىدىن، مال بىلەن تەمىنلىگۈچىدىن زىياننى تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

ساتقۇچى 1-تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە رېمونت قىلىپ، ئالماشتۇرۇپ بەرمىسە، مالنى قايتۇرۋالمىسا ياكى زىياننى تۆلەپ بەرمىسە، مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ياكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ.

ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا، ساتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدا، ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن ساتقۇچىلار ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى، كاسىنا توختامىدا باشقىچە پۈتۈم بولسا، توختام تۈزۈشكۈچىلەر توختامدىكى پۈتۈمنى ئىجرا قىلىدۇ.

41-ماددا مەھسۇلاتتا نۇقسان بولغانلىقتىن جىسمانىي زىيان پەيدا بولسا، نۇقسانلىق مەھسۇلاتتىن باشقا مال-مۈلۈك (تۆۋەندە باشقىلارنىڭ مال-مۈلكى دېيىلىدۇ) زىيانغا ئۇچرىسا، ئىشلەپ چىقارغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

ئىشلەپ چىقارغۇچى تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ:

(1) مەھسۇلات ئوبوروتقا سېلىنمىغان بولسا؛

(2) مەھسۇلات ئوبوروتقا سېلىنغان چاغدا، زىيان پەيدا قىلىدىغان نۇقسان مەۋجۇت بولمىسا؛

(3) مەھسۇلات ئوبوروتقا سېلىنغان چاغدىكى پەن-تېخنىكا سەۋىيىسى نۇقسان بارلىقىنى سېزەلمەيدىغان بولسا.

42-ماددا ساتقۇچىنىڭ خاتالىقى تۈپەيلىدىن مەھسۇلاتتا نۇقسان پەيدا بولۇپ، جىسمانىي زىيان كېلىپ چىققان، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، ساتقۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

ساتقۇچى نۇقسانلىق مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقارغۇچىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىسە، نۇقسانلىق مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىگۈچىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلمىسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

43-ماددا مەھسۇلاتتىكى نۇقسان تۈپەيلىدىن جىسمانىي زىيان كېلىپ چىققان، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارغۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ، مەھسۇلات ساتقۇچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. جاۋابكارلىق مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارغۇچىدا تۇرۇقلۇق، تۆلەمنى مەھسۇلات ساتقۇچى تۆلىگەن بولسا، مەھسۇلات ساتقۇچى تۆلەمنى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارغۇچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. جاۋابكارلىق مەھسۇلات ساتقۇچىدا تۇرۇقلۇق، تۆلەمنى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارغۇچى تۆلىگەن بولسا، ئىشلەپ چىقارغۇچى تۆلەمنى مەھسۇلات ساتقۇچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

44-ماددا مەھسۇلاتتىكى نۇقسان تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىغۇچى جىسمانىي جەھەتتە زەخىملەنگەن بولسا، زىيانغا ئۇچراتقۇچى داۋالىنىش ھەققى، داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدىكى قاراش ھەققى، ئىشتىن قېلىپ كېمىيىپ كەتكەن كىرىم قاتارلىق خىراجەتلەرنى تۆلىشى لازىم؛ زىيانغا ئۇچرىغۇچى مېيىپ بولۇپ قالغان بولسا، مېيىپكە كېرەكلىك قورال-سايمان پۇلى، تۇرمۇش ياردەم پۇلى، مېيىپلىك تۆلەم پۇلى ۋە ئۇ باقىدىغانلارغا كېتىدىغان تۇرمۇش پۇلى قاتارلىق خىراجەتلەرنىمۇ بېرىشى كېرەك؛ زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان بولسا، دەپنە پۇلى، ئۆلۈم تۆلەم پۇلى ۋە ئۆلگۈچى ھايات ۋاقتىدا باقىدىغانلارغا كېتىدىغان تۇرمۇش پۇلى قاتارلىق خىراجەتلەرنىمۇ بېرىشى كېرەك.

مەھسۇلاتتىكى نۇقسان تۈپەيلىدىن زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ مال-مۈلكى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، زىيانغا ئۇچراتقۇچى ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بېرىشى ياكى باھاغا سۇندۇرۇپ تۆلىشى لازىم. زىيانغا ئۇچرىغۇچى مۇشۇ سەۋەبتىن باشقا زور زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، زىيانغا ئۇچراتقۇچى زىياننى تۆلەپ بېرىشى لازىم.

45-ماددا مەھسۇلاتتىكى نۇقسان تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىش داۋاسىنىڭ ۋاقىت چېكى 2 يىل بولىدۇ، ئۇ دەۋالاشقۇچىلار ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.

مەھسۇلاتتىكى نۇقسان تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى زىياننى كەلتۈرۈپ چىقارغان نۇقسانلىق مەھسۇلات دەسلەپتە ئىستېمال قىلغۇچىغا تاپشۇرۇلغىنىغا 10 يىل توشقاندا يوقايدۇ؛ لېكىن، كۆرسىتىلگەن بىخەتەر ئىشلىتىش مۇددىتىدىن تېخى ئېشىپ كەتمىگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

46-ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان نۇقسان مەھسۇلاتتا جىسمانىي بىخەتەرلىك، باشقىلارنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان نامۇۋاپىق خەۋپ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ۋە جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى بولغان مەھسۇلاتلاردا، مەھسۇلاتنىڭ شۇ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

47-ماددا مەھسۇلات سۈپىتى تۈپەيلىدىن ھەق-تەلەپ ماجىراسى تۇغۇلغاندا، ئالاقىدارلار ئۇنى كېڭىشىش ياكى مۇرەسسە يولى بىلەن ھەل قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار كېڭىشىش، مۇرەسسە يولى بىلەن ھەل قىلىشنى خالىمىسا ياكى بۇ يول بىلەن ھەل قىلالمىسا، ئۆزلىرىنىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن كېسىم ئاپپاراتىغا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئالاقىدارلار كېسىم كېلىشىمى ھاسىل قىلالمىغان ياكى كېسىم كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولمىغان بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

48-ماددا كېسىم ئاپپاراتى ياكى خەلق سوت مەھكىمىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 19-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەھسۇلات سۈپىتى پرىيوم ئاپپاراتىغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى پرىيوم قىلىشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

5-باب جازا پرىنسىپى

49-ماددا كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ۋە جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان دۆلەت ئۆلچىمىگە، ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار ئىشلەپ چىقىرىشنى، سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپ چىقارغان، ساتقان مەھسۇلاتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە ئۇلارغا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپ چىقارغان، ساتقان مەھسۇلات (جۈملىدىن سېتىلغان ۋە سېتىلمىغان مەھسۇلات، تۆۋەندە ئوخشاش) قىممىتى سوممىسىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

50-ماددا مەھسۇلاتقا باشقا نەرسىلەرنى، يالغان نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرغانلار، يالغانلىرىنى راست قىلىپ، ناچارلىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسەتكەنلەر ياكى لاياقەتسىز مەھسۇلاتنى لاياقەتلىك مەھسۇلات قىلىپ كۆرسەتكەنلەر ئىشلەپ چىقىرىشنى، سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپ چىقارغان، ساتقان مەھسۇلاتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە ئۇلارغا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان، ساتقان مەھسۇلات قىممىتى سوممىسىنىڭ %50 ىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

51-ماددا دۆلەت شاللىۋەتكەن مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقارغانلار، دۆلەت شاللىۋەتكەن ھەمدە سېتىشنى توختىتىۋەتكەن مەھسۇلاتنى ساتقانلار ئىشلەپ چىقىرىشنى، سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپ چىقارغان، ساتقان مەھسۇلاتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە ئۇلارغا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان، ساتقان مەھسۇلات قىممىتى سوممىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ.

52-ماددا كۈچىدىن قالغان، سۈپىتى ئۆزگەرگەن مەھسۇلاتنى ساتقانلار سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ساتقان مەھسۇلاتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە ئۇلارغا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ساتقان مەھسۇلات قىممىتى سوممىسىنىڭ 2 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

53-ماددا مەھسۇلات ئىشلەنگەن جاينى ئويدۇرۇپ چىققان، باشقىلارنىڭ زاۋۇت نامى، ئادرېسىنى ئويدۇرۇپ چىققان ياكى ئىشلىتىۋالغان، گۇۋاھلىق بەلگىسى قاتارلىق سۈپەت بەلگىلىرىنى ياسىۋالغان ياكى ئىشلىتىۋالغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپ چىقارغان، ساتقان مەھسۇلاتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە ئۇلارغا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپ چىقارغان، ساتقان مەھسۇلات قىممىتى سوممىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ. 

54-ماددا مەھسۇلات كۆرسەتمىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 27-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ ئورۇلۇق مەھسۇلاتنىڭ كۆرسەتمىسى مۇشۇ قانۇننىڭ 27-ماددىسىنىڭ (4)، (5) تارماقچىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىرلىرى ئىشلەپ چىقىرىشنى، سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە ئۇلارغا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپ چىقارغان، ساتقان مەھسۇلات قىممىتى سوممىسىنىڭ %30 ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

55-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 49-ماددىسىدىن 53-ماددىسىغىچە بولغان ماددىلىرىدا سېتىش مەنئى قىلىنغان مەھسۇلاتنى ساتقۇچىلاردىن شۇ مەھسۇلاتنىڭ سېتىش مەنئى قىلىنغان مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان تولۇق دەلىل-ئىسپاتى بارلىرىغا ھەمدە ئۇنى نەدىن كىرگۈزگەنلىكىنى ئەينەن ئېيتىپ بېرەلىگەنلىرىگە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ.

56-ماددا مەھسۇلات سۈپىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلار ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ تۈزەتمىگەنلەر ئىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ.

57-ماددا مەھسۇلات سۈپىتى پرىيوم ئاپپاراتى، مەھسۇلات سۈپىتى گۇۋاھلىق ئاپپاراتى پرىيوم نەتىجىسىنى ئويدۇرۇپ چىقسا ياكى يالغان ئىسپات بەرسە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئورۇنغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ پرىيوم قىلىش سالاھىيىتى، گۇۋاھلىق بېرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

مەھسۇلات سۈپىتى پرىيوم ئاپپاراتى، مەھسۇلات سۈپىتى گۇۋاھلىق ئاپپاراتى چىقىرىپ بەرگەن پرىيوم نەتىجىسى ياكى ئىسپات ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولماي، زىيان كېلىپ چىقسا، مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم؛ زور زىيان كېلىپ چىقسا، ئۇلارنىڭ پرىيوم قىلىش سالاھىيىتى، گۇۋاھلىق بېرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

مەھسۇلات سۈپىتى پرىيوم ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇننىڭ 21-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇۋاھلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسىمۇ مەھسۇلاتىغا گۇۋاھلىق بەلگىسىنى ئىشلەتكەنلەردىن قانۇن بويىچە تۈزىتىشنى تەلەپ قىلمىسا ياكى ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق بەلگىسىنى ئىشلىتىش سالاھىيىتىنى بىكار قىلمىسا، مەھسۇلات گۇۋاھلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكتىن ئىستېمالچىلارغا زىيان يەتسە، مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقارغۇچى، ساتقۇچى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

58-ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلات، ئىجتىمائىي ۋاسىتىچى ئاپپارات مەھسۇلات سۈپىتىگە ۋەدە، كاپالەت بەرگەن بولسىمۇ، شۇ مەھسۇلات ئۇ ۋەدە، كاپالەت بەرگەن سۈپەت تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەي، ئىستېمالچىلارغا زىيان يەتكەن بولسا، مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقارغۇچى، ساتقۇچى بىلەن بىرلىكتە چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

59-ماددا ئېلاندا مەھسۇلات سۈپىتىنى يالغان تەشۋىق قىلىپ، ئىستېمالچىلارنى ئالدىغان ۋە ئازدۇرغانلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

60-ماددا ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 49-ماددىسى، 51-ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن مەھسۇلاتنى ئىشلەپ چىقىرىشقىلا ياكى يالغانلىرىنى راست قىلىپ كۆرسىتىشكىلا ئىشلىتىدىغان خام ئەشيا-ماتېرىيالى، قوشۇمچە ماتېرىيالى، ئورۇسى، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلىش لازىم.

61-ماددا مۇشۇ قانۇندا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مەنئى قىلىنغان مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق ياكى بىلىشكە تېگىشلىك تۇرۇقلۇق، ئۇنى توشۇش، ساقلاش، زاپاس ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەر ياكى يالغانلىرىنى راست قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ساختا مەھسۇلات ئىشلەش تېخنىكىسى بىلەن تەمىن ئەتكەنلەرنىڭ توشۇش، ساقلاش، زاپاس ساقلاش ياكى ساختا مەھسۇلات ئىشلەش تېخنىكىسى بىلەن تەمىن ئېتىش ئارقىلىق تاپقان كىرىمىنىڭ ھەممىسى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە ئۇلارغا قانۇنغا خىلاپ كىرىمىنىڭ %50 ىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

62-ماددا مۇلازىمەت ساھەسىدىكى تىجارەتچىلەردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 49-ماددىسىدىن 52-ماددىسىغىچە بولغان ماددىلىرىدا سېتىش مەنئى قىلىنغان مەھسۇلاتنى تىجارەتلىك مۇلازىمەتتە ئىشلەتكەنلىرى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ؛ ئىشلەتكەن مەھسۇلاتنىڭ مۇشۇ قانۇندا سېتىش مەنئى قىلىنغان مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىغا قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەتكەن مەھسۇلات (جۈملىدىن ئىشلىتىلگەن ۋە تېخى ئىشلىتىلمىگەن مەھسۇلات) قىممىتىنىڭ سوممىسى بويىچە، مۇشۇ قانۇندىكى ساتقۇچىلارنى جازالاش ھەققىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جازا بېرىلىدۇ.

63-ماددا مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ياكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى پېچەتلىۋەتكەن، تۇتۇپ قالغان بۇيۇملارنى يوشۇرۇپ قويغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن، بۇزۇپ قويغانلارغا يوشۇرۇپ قويغان، يۆتكىۋەتكەن، سېتىۋەتكەن، بۇزۇپ قويغان بۇيۇم قىممىتى سوممىسىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

64-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن ھەق تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلار ۋە جەرىمانە، شتراف تاپشۇرىدىغانلارنىڭ مال-مۈلكى ئۇنى بىرلا ۋاقىتتا تاپشۇرۇشقا يەتمىگەندە، ئۇلار ئالدى بىلەن ھەق-تەلەپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

65-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خادىملىرى ۋە دۆلەتنىڭ باشقا ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛

(1) مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىش جەريانىدىكى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى ياپقان، مەيلىگە قويۇۋەتكەنلەر؛

(2) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش بىلەن شۇغۇللانغانلارغا خەۋەر يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشىغا ياردەم بەرگەنلەر؛

(3) مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ياكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىش جەريانىدىكى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ ۋە ئارىلىشىۋېلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلار.

66-ماددا مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە بەلگىلەنگەن ساندىن ئارتۇق ئەۋرىشكە ئالسا ياكى تەكشۈرۈلگۈچىدىن پرىيوم ھەققى ئالسا، يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

67-ماددا مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ياكى دۆلەتنىڭ باشقا ئورگانلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنىڭ مەھسۇلاتىنى جەمئىيەتكە تونۇشتۇرسا ياكى ئىشلەپ چىقىرىشنى، سېتىشنى نازارەت قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مەھسۇلات تىجارىتىگە قاتناشسا، ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ياكى مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە، تەسىرىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ كىرىمى بولسا مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

مەھسۇلات سۈپىتى پرىيوم ئاپپاراتى ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلسا، مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى تۈزىتىشكە، تەسىرىنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ كىرىمى بولسا مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە ئۇلارغا قانۇنغا خىلاپ كىرىمىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ سۈپىتىنى پرىيوم قىلىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

68-ماددا مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ياكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى خادىملىرىدىن خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

69-ماددا مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ياكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ رەت قىلىش، توسقۇنلۇق قىلىشتا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللانمىغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جازا بېرىدۇ.

70-ماددا بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىش مەمۇرىي جازاسىنى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قارار قىلىدۇ، مۇشۇ قانۇننىڭ 49-ماددىسىدىن 57-ماددىسىغىچە، 60-ماددىسىدىن 63-ماددىسىغىچە بولغان ماددىلاردا بەلگىلەنگەن مەمۇرىي  جازانى مەھسۇلات سۈپىتى نازارەتچىلىك تارمىقى ياكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدە قارار قىلىدۇ. مەمۇرىي جازا ھوقۇقىنى يۈرگۈزگۈچى ئورگان ھەققىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.

71-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇسادىرە قىلىنغان مەھسۇلات دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە كۆيدۈرۈلىدۇ ياكى باشقا يوللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

72-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 49-ماددىسىدىن 54-ماددىسىغىچە بولغان ماددىلىرىدا، 62-، 63-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن قىممەت سوممىسى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئىشلەپ چىقىرىلغان، سېتىلغان مەھسۇلاتقا قويۇلغان باھا بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ باھا قويۇلمىغان بولسا، شۇ خىلدىكى مەھسۇلاتنىڭ بازار باھاسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.

6-باب قوشۇمچە پرىنسىپ

73-ماددا ھەربىي سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئايرىم تۈزىدۇ.

يادرو ئەسلىھەلىرى، يادرو مەھسۇلاتلىرى پەيدا قىلغان زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقى ھەققىدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

74-ماددا بۇ قانۇن 1993-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#