ئۇيغۇرچە ئىسمى بىچوك

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فىلىپىننىڭ بويىدىكى سۇلۇن ئارىلىنىڭ دەريا ۋە كۆللىرىدە بىچوك دەيدىغان بىر خىل كىچىك بېلىق بار. ئۇلار بەكمۇ كىچىك بولۇپ، يېتىلگەنلىرىنىڭ بېشىدىن قۇيرۇقىغىچە ئۇزۇنلۇقى ئاران 0.71-097 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. ئېغىرلىقى 4-5 مىللىگراملا كېلىدۇ. كىچىك بىچوك بېلىقلار ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك بېلىق بولۇپ، بېلىقلار پەتىكى دېيىشكە بولىدۇ. شۇنىڭدىن ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك ئومۇرتقىلىق ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى سۈپ-سۈزۈك بولۇپ، ئىچىكى ئەزالىرى ئۈچۈن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. بۇ خىل بېلىقنىڭ جۇغى كىچىك بولغىنى بىلەن كۆپىيىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك. شۇڭا ئۇلارنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ. يەرلىك ئاھالە ئۇلارنى تۇتۇپ مۇھىم ئۇزۇقلۇق قىلىدۇ. بۇ خىل بېلىقنى بېقىشقىمۇ بولىدۇ. بېلىق قاچىسىدا مىتاڭ بىلەن باقسا، بىر نەچچە ئاي ياشىيالايدۇ. 

بىچوڭنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇلار دېڭىز سۈيى ۋە تاتلىق سۇدا ياشىيالايدۇ. دېڭىزدىكى بىچوكلارنىڭ ئەڭ كىچىكلىرى مارشال ئارىلىدا ياشايدىغان بىچوكلار بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 1.19-1.59 سانتېمېتىر كېلىدۇ. ساموئا ئارىلىدا ياشايدىغان بىر خىل كىچىك بىچوكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.19-1.88 سانتىمېتىر كېلىدۇ. بۇ ئىككى خىل بىچوكلار تېنچ ئوكياندا ياشايدۇ. كېيىنكىسى ئەڭ دەسلەپتە 1940-يىلى تېپىلغان، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئاران ئىككى مىللىيگرام كىلىدۇ. بۇنداق بېلىقتىن 17756 نى قوشۇپ تارتقاندا ئېغىرلىقى ئاران بىر سەر كېلىدۇ. بىچوكلارنىڭ ھەممىسى كىچىك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جۇغى كىچىك بولغانلىقتىن ھەركەت قىلىش دائىرىسى كەڭ، مارجانلار ئارىسى، تاش يېرىقلىرى تاغ ئېرىقلىرى. . . . ئۇلارنىڭ ياشايدىغان ماكانى سانىلىدۇ. ھەتتا بەزى بىچوكلار بۇلۇتسىمان جانۋارلار «قورسىقى» غا كىرىۋالىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ سۇ چىقىرىدىغان تۆشۈكلىرىدىن ئەركىن كىرىپ چىقالايدۇ. بۇ خىل بېلىقلارنىڭ قاسىرىقى تەرەققىي تاپىمىغان، ئارقا تەرىپىدىكى يان سىزىقىدا ئايرىلىپ تۇرغان ئىككى قۇر چوڭ قاسراقلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ چېتىدە بىر نەچچە ئۇزۇن تىكىنى بار. بەزىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بىچوكلار ئاشۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقتىن، بۇلۇتلارنىڭ ئاشقازان سۈيى بوشلۇقىدا يۇقۇرىغا ئۆرلىيەلەيدۇ. (چېن چۈنفۇ) 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#