كوسمولوگىيە

كوسمولوگىيە

كوسمولوگىيە (Cosmology) «ئالەم نەزىرىيەسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاستىرونومىيەنىڭ بىر تارمىقىدۇر. 

ئۇيغۇرچە نامى كوسمولوگىيە
ئۇيغۇرچە باشقا نامى ئالەم نەزىرىيەسى
چەتئەلچە نامى cosmology
تەتقىقات ۋاسىتىسى ماتېماتىكا، ھازىرقى زامان ئاسترونومىيىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 宇宙论
خەنزۇچە باشقا نامى 宇宙学
ئاساسى ئالەمنىڭ بىر پۈتۈن تەتقىقاتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كوسمولوگىيەكوسمولوگىيە Cosmology «ئالەم نەزىرىيەسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاستىرونومىيەنىڭ بىر تارمىقىدۇر. ئاستىرونومىيەلىك كۆزىتىش-ئۆلچەش ماتېرىياللىرى ۋە تەبىئىي پەنلەر نەزىرىيەسىگە ئاساسەن، ماددىنىڭ ئالەمدىكى تەقسىملىنىشىنى ۋە ھەرىكىتىنى، ئالەمنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە پەيدا بولۇشى ۋە ئۆزگىرىشىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئومۇمىي تۈزۈلۈشى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

ھازىر دۇنيادا ئەڭ كەڭ تارقالغىنى چوڭ پارتىلاش كوسمولوگىيىسى بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇقىم ھالەت كوسمولوگىيەسى ۋە نىسپىيلىك كوسمولوگىيەسى قاتارلىقلار بار. 

چوڭ پارتىلاش كوسمولوگىيەسى

كوسمولوگىيەچوڭ پارتىلاش كوسمولوگىيەسى يەنە ئولتۇرا زىچلىق كوسمولوگىيەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ نەزىرىيە شۇنداق قارايدۇكى، مۇندىن X 109 50 ~ 5 يىللار ئىلگىرى ئالەمدىكى بارلىق ماددىلار ئولتىرا زىچلىقتىكى بىر پارچە كىچىك جىسىمغا توپلاشقان، بىر قېتىملىق غايەت زور پارتىلاشتىن كېيىن ماددىلار ناھايىتى يۇقىرى تېزلىكتە ئەتراپقا ئېتىلغان. بۇ جىسىم پارچىلىرىنىڭ تېزلىكى تەدرىجىي ئاستىلىغاندىن كېيىن يۇلتۇز ۋە يۇلتۇز سىستېمىلىرى شەكىللەنگەن. بۇ يۇلتۇز ۋە يۇلتۇز سىستېمىلىرىنىڭ ئارىلىقى ھازىرمۇ بىر-بىرىدىن يىراقلاپ بارماقتا.

بۇ نەزىرىيەنى قۇۋۋەتلەيدىغان مۇنداق كۆزىتىش-ئۆلچەش پاكىتلىرى بار: 

1. سامانيولى سىرتىدىكى ئاسمان جىسىملىرىنىڭ سىزىقلىق سىپىكتىرىدا قىزىلغا سىلجىش بولىدۇ ھەمدە قىزىلغا سىلجىش ئارىلىققا ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. ئەگەر بۇ دوپلېر ئېففىكتى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلسە، مۇنداق قىزىلغا سىلجىش ئالەمنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. قىزىلغا سىلجىشنىڭ ئارىلىققا ئوڭ تاناسىپ بولۇشى دەسلەپكى دەۋردىكى ئالەمنىڭ چېكىنىش تېزلىكىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. 

2. بۇ نەزىرىيەگە ئاساسلانغاندا، بارلىق يۇلتۇزلار ئالەمنىڭ تىمپىراتورىسى تۆۋەنلەپ بىر نەچچە مىڭ گىرادوسقا چۈشكەندىن كېيىن شەكىللەنگەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ تارىخى 20 مىليارد يىلدىن كىچىك بولۇشى لازىم. بۇ ھۆكۈم شارسىمان يۇلتۇزلارنى ئىزوتوپلۇق ئۆلچىگەندىكى چىققان نەتىجىگە ئۇيغۇن. 

3. كۆپلىگەن ئاسمان جىسىملىرىدىكى گېلىينىڭ موللۇقىنى (تەخمىنەن %30) يۇلتۇزلارنىڭ ئىچكە قىسىمىدىكى يادرو رىئاكسىيەسى ئارقىلىق چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ ئالەمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋردىكى تىمپىراتورىسىنىڭ يۇقىرىلىقىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. 

4. ئالەمنىڭ كېڭىيىش تېزلىكى ۋە گېلىينىڭ موللىقى بويىچە ھېسابلاپ چىقىرىلغان ھازىرقى ئالەمنىڭ تىمپىراتورىسى تەخمىنەن بىر نەچچە K  بولۇپ، 1965-يىلى مىكرو دولقۇن دائىرىسىدە ئۆلچەنگەن ئارقا كۆرۈنۈش رادىئاتسىيەسىگە ماس كېلىدىغان تىمپىراتورا (K 3) غا ئۇيغۇن. لېكىن چوڭ پارتىلاش نەزىرىيەسى يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ پەيدا بولۇشى، ئىزوتىروپىكلىقنىڭ تەقسىملىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قىيىنچىققا دۇچ كەلدى.

مۇقىم ھالەت كوسمولوگىيەسى

كوسمولوگىيەمۇقىم ھالەت كوسمولوگىيەسىنى 1948-يىلى ئەنگىلىيەلىك ئاستىرونوم بوندى قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭدا شۇنداق قارىلىدۇكى، ئالەم چوڭ دائىرە ئىچىدە ئۆزگەرمەي مۇقىم تۇرىدۇ. ماددىلارنىڭ بوشلۇقتا تەقسىملىنىش تەكشى، ئىزوتىروپىكلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئالەمنىڭ ۋاقىت جەھەتتىكى ھالىتىمۇ ئۆزگەرمەي مۇقىم تۇرىدۇ. ئالەم زىچلىقىنىڭ كېڭىيىشتىن بولىدىغان كېمىيىشىنى تولۇقلاش ئۈچۈن، بۇ نەزىرىيە تەرەپدارلىرى: بوشلۇق  (1043kg/m3.s) تېزلىك بويىچە ماددا ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك دەپ قارايدۇ (ھەر 500 مىليارد يىلدا ھەربىر لتېر بوشلۇقتىن بىر ھېدروگىن ئاتومى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ). لېكىن بۇ نەزىرىيەدە ئالدىن ھۆكۈم قىلىنغان يۇلتۇزلار سىستېمىسىنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە رادىئو مەنبەلىرىنىڭ سانى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇ نەزىرىيە ئارقىلىق مىكرو دولقۇننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشتىكى رادىئاتسىيەسىنىمۇ چۈشەندۈرۈش تەس.

بۇنىڭدىن باشقا 1917-يىلى ئېينىشتين ئوتتۇرىغا قويغان تېنچ ھالەت ئالەم مودىلى (كوسمولوگىيەدىكى تۇنجى ئالەم مودىلى) مۇ بار. بۇنىڭدا ئالەم چەكلىك، ئەمما چىگرىسى يوق، ئالەم بوشلۇقىنىڭ ھەجمى 2π2R3، ئومۇمىي ماسسىسى 2π2R3ρ (ρ بولسا ئوتتۇرىچە زىچلىق) بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بۇ مودىلدىكى كۆپلىگەن قاراشلار ھازىرمۇ يەنىلا ھاياتىي كۈچكە ئىگە.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/88563.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#