قاراماي شەھىرى

قاراماي شەھىرى

قاراماي شەھىرى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان. ئەتراپى تارباغاتاي ۋىلايىتى بىلەن، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمى كۈيتۈن شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، قاراماي شەھىرىگە مايتاغ رايونى، قاراماي رايونى، جەرەنبۇلاق رايونى ۋە ئۇرخۇ رايونى قارايدۇ، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاراماي شەھىرىدە. 

نامى قاراماي شەھىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر
چەتئەلچە نامى Karamay
جۇغراپىيەلىك ئورنى شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسىمى ،جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال
خەنزۇچە نامى 克拉玛依市
ئۆلكىسى شىنجاڭ
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ قۇملۇق كىلىماتى
باشقا نامى نېفىت شەھىرى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قاراماي شەھىرى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان. شەرقتە ساۋەن ناھىيەسى بىلەن، شەرقىي شىمالدا قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى بىلەن، غەربتە تولى ناھىيەسى بىلە، غەربىي جەنۇبتا شىخۇ شەھىرى بىلەن تۇتۇشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇق 240 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 23-46 كىومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر. 

قاراماي شەھىرىگە مايتاغ، قاراماي، جەرەنبۇلاق، ئورقۇ قاتارلىق تۆت رايون قارايدۇ، شەھەر تەۋەسىدە شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئورگىنى، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 7-شىسى، 8-شىنىڭ بە ش تۇەن-مەيدانى(زاۋۇتى) بار. شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 313 كىلومېتىر.

1995-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 249 مىڭ 900 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %14.11 نى، خەنزۇرلار 79.25% نى، باشقا مىللەتلەر %6.64 ئىگىلەيدۇ.

قاراماي ئۇيغۇر تىلىدا قارا-ماي دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ ئىسىم بىر تەبىئىي قاراماي تۆپىلىكى-قاراماي تېغىدىن كەلگەن. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۇنىڭ 23-يىلى(1897-يىلى) چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بۇ يەردە نىفىت قازغان. شۈەنتوڭنىڭ 1-يىلى(1909-يىلى) مايتاغدا چوڭقۇرلۇقى 20 مېتىر، مەھسۇلاتنى ناھايىتى تۆۋەن تېيىز بر نېفىت قۇدۇقى قېزىلغان. 1949-يىلىغا كەلگەندە، بۇ يەردە نېفىت چىقىدىغان قۇدۇقتىن ئاران ئىككىسى بولۇپ، كۈنىگە 2-3 توننا نېفىت چىقاتتى. 1954-يىلى، يېڭى جۇڭگونىڭ نېفىت گېئولوگىيە-قىدىرىپ تەكشۈرۈش قوشۇنى قاراماي تېغى ئېتىكىگە كەلدى، كېيىنكى يىلى تۇنجى سانائەت نېفىت قۇدۇقىدىن نېفىت چىقتى. ئۇنىڭ نامى قاراماي نېفىتلىكى دەپ ئاتالدى. 1958-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن قاراماي شەھىرى رەسمىي تەسىس قىلىنىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بىۋاسىتە قارايدىغان بولدى. 

يەر تۈزۈلۈشىدە جەنۇب-شىمال ئارىلىقى ئۇزۇن. شەرق-غەرب كەڭلىكى تار بولۇپ، سوزۇنچاق شەكىلنى ھاسىل قىلغان. يېرىنىڭ كۆپ قىسمى قاقاسلىق بولۇپ، تاغلىق %5.7 نى، تۈزلەڭلىك %56.8 نى، قۇملۇق 37.5% نى ئىگىلەيدۇ. يەر ئۈستى سۈيى دەم دەرياسى سۈيىنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇ ئېقىن سۇ قاتارىغا كىرىدۇ.

 يىللىق ئېقىن مىقدارى 109 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەر ئاستى سۈيىنىڭ تولۇقلىنىش مىقدارى 155 مىليون كۇب مېتىر، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان سۈيىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئومۇمىي سېغىمچانلىقى 113 مىليون كۇب مېتىر بولغان ئۈچ سۇ ئامبىرى ۋە 140 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سۇ يوللاش تۇرۇبىسى(ئۆستەڭ) ياسالدى. شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى مايتاغ سانائەت رايونى ئاساسلىقى كۈيتۈن دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىشلىتىلىدۇ.

سۇ بايلىقى 

دەم دەرياسى، ئەيرىك كۆلى قاتارلىقلار بار.

قىزىلما بايلىقى

 نېفىت، تەبىئىي گاز قاراماي شەھىرىنىڭ ئاساسلىق قېزىلما بايلىقى بولۇپ، نېفىت قاتلىمى نېپىز، زاپىسى مول، زاپىسى مول، نېفىت سۈپىتى مول،نېفىت –گاز ھەممە يەرگە تارقالغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئاساسلىق نېفىتلىكلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش رايونى ھېسابلىنىدۇ.

 ئۇنىڭدىن باشقا ھازىرغىچە بايقالغان ۋە زاپىسى ئېنىقلانغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن تەبىئىي ئاسفالت،كۆمۈر، تۇز، گەج، گلاۋبېر تۇزى، تاش پاختا، خرۇستال قاتارلىقلار بار.

ھايۋاناتلار

 ياۋايى ھايۋانلار بايلىقىدىن جەرەن، ياۋا توشقان، ياۋا توڭگۇز، تۈلكە، يىلان، قىرغاۋۇل قاتارلىقلار بار.

دورا ئۈسۈملۈكلەر

ياۋا دورا ئۆسۈملۈكلىرىدىن يەر مەدىكى، توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، ئاق بۇيا، ئادراسمان، قومۇش يىلتىزى، پەربۇن قاتارلىق 230 خىلدىن ئارتۇقى بار.

قاراماي شەھىرى مەملىكىتىمىزدىكى مۇھىم نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا يېڭىدىن گۈللەنگەن زامانىۋى نېفىت سانائىتى شەھىرى، بۇ شەھەردە ‹‹چوڭ نېفىت، چوڭ نېفىت–خىمىيە، چوڭ يېزا ئىگىلىك، چوڭ بازار ››دىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىستراتېگىيە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغان بولۇپ، چارلاش، ئېچىش، نېفىت ئايرىش، خىمىيە سانائىتى، نېفىت–گاز توپلاپ يوللاش، مەھسۇلات يوللاش، نېفىتلىك قۇرۇلۇشى، پەن – تەتقىقات لايىھىلەش، رېمونت، ماشىنىسازلىق، توك تارقىتىش، سۇ تەمىنلەش قاتارلىق تۈرى بىر قەدەر تولۇق بولغان نېفىت–خېميە سانائىتى سىستېمىسى ۋە داۋالاش–ساقلىقنى ساقلاش، مەدەنىيەت–مائارىپ، سودا، شەھەر قۇرۇلۇشى، مالىيە، پۇل–مۇئامىلىسى، جامائەت ئىشلىرى ئاساسەن يۈرۈشلەشكەن زامانىۋى نېفىت سانائىتى شەھىرى شەكىللەنگەن.

 سانائەت مەھسۇلاتلىرىدىن نېفىت، نېفىت مەھسۇلاتى ۋە نېفىت–خىمىيە مەھسۇلاتى بار، بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت مىقدارى ئاپتونوم رايون بويىچە ئېلىنىدىغان نېفىت مىقدارىنىڭ 2/1ىنى تەشكىل قىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئېكولوگىيىلىك چوڭ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساس قىلىنغان بولۇپ، سەپلىمە كەسىپ ۋە يېڭى تۈۋرۈك كەسىپ شەكىللەنگەن.

قارامايقاراماي شەھىرى مۆتىدىل بەلۋاغدىكى قۇرغاق كىلىمات رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 8.0، ئەڭ تۆۋەن تېمېپراتۇراىسى-35.9، يىلىغا ئوتتۇا ھېساب بىلەن 79.8 كۈن 30 تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا بولىدۇ.

 قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2734.6 سائەت، 10 لۇق جۇغلانما تېمپېراتۇرا 3968.1، قىروسىز مەزگىلى 224 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 105.3 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنشى مىقدارى 3545.2 مىللىمېتىر.

قاراماي شەھىرىبۇ شەھەر نېفىت قېزىش، پىششىقلاپ ئىشلەشنى ئاساسىيى كەسىپ قىلغان سانائەت شەھىرى. سانائەت تۈرلىرىدىن يەنە خىمىيە سانائىتى، سۇلياۋ بۇيۇملىرى، يېمەكلىك، بىناكارلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە باشقا مېتاللوئىد قېزىلما بۇيۇملىرى، مېتال بۇيۇملىرى، قاتناش-ترانسپورت ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلار بار.

 سانائەت مەھسۇلاتىدىن ئاساسلىقى خام نېفىت، نېفىت مەھسۇلاتلىرى ۋە نېفىت-خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى بار.

 مايتاغ 140 مىڭ توننىلىق ئېتلېن قۇرۇلۇشى 1995-يىل 8-ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. مەھسۇلات سۈپىتى مەملىكەت ئىچىدىكى ئوخشاش تۈردىكى قۇرۇلمىلار ئىچىدە ئالدىنقى سەۋىيىگە يەتتى. 

قاراماينىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر مۇكەممەل تاشيولى تورى دۆلەت تاشيولى، ئۆلكە تاشيولى ۋە نېفىتلىك ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان تاش يولدىن تەركىب تاپقان، «217» دۆلەت تاشيولى، «312» دۆلەت تاشيولى بۇ شەھەردىن كېسىپ ئۆتىدۇ. 1988-يىلى ياسالغان قۇتۇبى-قاراماي تاشيولى ئۈرۈمچى بىلەن بولغا ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە قىسقارتتى.

 پروگراممىلىق تېلېفون ئاپپاراتىنىڭ سىغىمچانلىقى 100 مىڭ توچكىغا يەتتى. ھەر 100 ئادەمگە تەخمىنەن 6.31 تېلېفون توغرا كېلىدۇ. يان تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ. سان-سېفىرلارنى گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ-ئالماشتۇرۇش ئالاقىسى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.

ئاساسلىق مەنزىرىلىك ساياھەت رايونلىرىدىن تەبىئىي ئاسفالىت كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان «قاراماي تېغى» ۋە شامالنىڭ يىمىرىشى تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن «ئالۋاستى شەھىرى» ( «شامال شەھىرى» ) قاتارلىقلار بار

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

2.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

http://uyghur.news.cn/20120427/c_131556220.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#