بۆرەك ياللۇغى

بۆرەك ياللۇغى

بۆرەك فىزىيولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى بولسا چىقىرىۋېتىش ۋە ماددا ئالمىشىشنى، ئېلېكتىرولىت ۋە كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭلۇقى تەڭشەش، كۆپ خىل ئاكتىپ ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدار ئورگانىزمنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش. 

غەرب تېبابىتى نامى بۆرەك ياللۇغى
كېسەللىك سەۋەبى ئومۇمىي بەدەن ياكى بۆرەك ساھەسىگە سوغۇق ئۆتۈش
تەۋە بۆلۈم بۆرەك بۆلۈمى
كېسەللىك ئورنى بۆرەك
ئىنگلىىزچە نامى Nephritis
ئاساسلىق ئالامىتى سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش، رەڭگى قېنىقلىشىش، يۈز، بەل ئاغرىش، قان بېسىمى ئۆرلەش، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش
خەنزۇچە نامى 肾炎
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە باشقا نامى 肾小球肾炎

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۆرەك ياللۇغىبۇ كېسەللىك ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى قاتارلىق ئىككى خىل بولىدۇ.

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئومۇمىي بەدەن ياكى بۆرەك ساھەسىگە سوغۇق ئۆتۈش ياكى باشقا قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرنىڭ قاننى يۇقۇملاندۇرۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

سوزۇلما بۆرەك ياللۇغىنىڭ سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ئومۇمىي بەدەن ياكى بۆرەك ساھەسىگە سوغۇق ئۆتۈش ياكى باشقا قىزىتمىلىق كېسەللىكلەرنىڭ قاننى يۇقۇملاندۇرۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.[0]

ئالامىتى: ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما قاتارلىق ئىككى خىل بولىدۇ. ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى جىددىي باشلىنىپ، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش، رەڭگى قېنىقلىشىش، يۈز، كۆز ۋە قاپاقلار ئىششىش، ئېغىرلاشقاندا پۇت ۋە ئومۇمىي بەدەن ئىششىش، بەل ئاغرىش، قان بېسىمى ئۆرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن؛ سۇزۇلما ھالەتكە ئۆزگەرگەندە بولسا، ئۇزاققا داۋاملاشقان بەل ئاغرىقى، پۈتۈن بەدەن ئىششىش، قان بېسىمى ئۆرلەش، سول يۈرەك قېرىنچىسى زورىيىش، سۈيدۈكتە ئاقسىل ۋە يوشۇرۇن قان بولۇش، ئېغىرلىرىدا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى ئالامىتى: ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما قاتارلىق ئىككى خىل بولىدۇ. ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى جىددىي باشلىنىپ، سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىش، رەڭگى قېنىقلىشىش، يۈز، كۆز ۋە قاپاقلار ئىششىش، ئېغىرلاشقاندا پۇت ۋە ئومۇمىي بەدەن ئىششىش، بەل ئاغرىش، قان بېسىمى ئۆرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن؛ سۇزۇلما ھالەتكە ئۆزگەرگەندە بولسا، ئۇزاققا داۋاملاشقان بەل ئاغرىقى، پۈتۈن بەدەن ئىششىش، قان بېسىمى ئۆرلەش، سول يۈرەك قېرىنچىسى زورىيىش، سۈيدۈكتە ئاقسىل ۋە يوشۇرۇن قان بولۇش، ئېغىرلىرىدا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.[0]

1-رېتسېپ

بۆرەك ياللۇغىتەركىبى: پۇرچاق مېيى 100 گىرام، باش سامساق بىر تال، چىلان 15 تال، خاسىڭ مېغىزى ئون تال، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: پۇرچاق مېيىنى چۈچۈتۈپ، پىيازنى چاناپ، چىلان، خاسىڭ مېغىزى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۈستىگە سۇنى قۇيۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىچىلىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: تاتلىق بادام مېغىزى، كىراخمال (نىشاستە) ، شېكەر تەڭ مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سۇقۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: پانۇسگۈل گۈلى، گىلمەختۇم، گىل ئەرمىندىن ئالتە گىرامدىن، كۆيدۈرۈلگەن بۇغا مۈڭگۈزى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، قورۇلغان مەرۋايىت ئىككى گىرامدىن، بۇغداي كىراخمىلى 10 گىرام، كاكنەچ، ئۈزۈم غوزىسى، ئەپتىمۇن ئالتە گىرامدىن، بادام مېغىزى 15 گىرام، رەۋەن تۆت گىرام، يەر باغرىئوتى، قوغۇن ئۇرۇقى 10 گىرامدىن، كۆكنار ئۇرۇقى ئالتە گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 


سوزۇلما بۆرەك ياللۇغىنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى

1-رېتسېپ

تەركىبى: پۇرچاق مېيى 100 گىرام، باش سامساق بىر تال، چىلان 15 تال، خاسىڭ مېغىزى ئون تال، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: پۇرچاق مېيىنى چۈچۈتۈپ، پىيازنى چاناپ، چىلان، خاسىڭ مېغىزى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۈستىگە سۇنى قۇيۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىچىلىدۇ.

2-رېتسېپ

بۆرەك ياللۇغىتەركىبى: تاتلىق بادام مېغىزى، كىراخمال (نىشاستە) ، شېكەر تەڭ مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سۇقۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 20 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: پانۇسگۈل گۈلى، گىلمەختۇم، گىل ئەرمىندىن ئالتە گىرامدىن، كۆيدۈرۈلگەن بۇغا مۈڭگۈزى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، قورۇلغان مەرۋايىت ئىككى گىرامدىن، بۇغداي كىراخمىلى 10 گىرام، كاكنەچ، ئۈزۈم غوزىسى، ئەپتىمۇن ئالتە گىرامدىن، بادام مېغىزى 15 گىرام، رەۋەن تۆت گىرام، يەر باغرىئوتى، قوغۇن ئۇرۇقى 10 گىرامدىن، كۆكنار ئۇرۇقى ئالتە گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تېبابەت تورىدىن ئېلىندى 

http://www.tebabat.cn/bencandy.php?fid=15&id=318

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#