مەن ھەقىقەتنى قانداق چۈشەندىم
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مەن ھەقىقەتنى قانداق چۈشەندىممەن تۆت-بەش يىل ئىلگىرى يېقىن ئۆتكەن بىر نەچچە خىزمەتدىشىمنىڭ تەرجىمھالىمنى يېزىش توغرىسىدا بەرگەن تەكلىپىگە ماقۇل بولغانىدىم. يېزىشنىغۇ ئاللىقاچان باشلىغانىدىم. لېكىن تۇنجى بەتنى يېزىپ بولا-بولمايلا بومباي قوزغىلىڭى پارتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشمۇ توختاپ قالدى. كېيىن يۈزبەرگەن بىرمۇنچە ئىشلار تۈپەيلى يېراۋدا (Yeravda) تۈرمىسىگە قامالدىم.
جرامداس (Jeramdas) ئەپەندى ئۇ چاغدا مەن بىلەن تۈرمىداش ئىدى. ئۇ مىنىڭ بارلىق ئىشلارنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، تەرجىمھالىمنى يېزىۋېتىشىمنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭڭغا ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ قويغانلىقىمنىم، بۇ پىلاننى ئۇرۇنلىماي تورۇپ ، باشقا ئىشلارغا باش قاتتۇرمايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.
ئەمەلىيەتتە يېراۋدا (Yeravda) تۈرمىسىدىكى جازا مۇددىتىم توشسىلا، تەرجىمھالىمنى راستىنلا يېزىپ بولالايتتىم، چۈنكى مەن قۇيۇپ بىرىلگەندىن كىيىن بۇنىڭڭغا يەنە بىر يىلچە ۋاقىت سەرىپ قىلساملا بولاتتى. بۇ چاغدا سۋامى (Swami) بۇ ئىشنى يەنە تىلغا ئالدى. مەن بولسام ‹‹جەنۇبىي ئافرىقىدىكى زورلۇق كۈچى ئىشلەتمەسلىك ھەرىكىتى تارىخى››تاماملاپ بولغانىدىم.
مەن يەنە ‹‹يىڭى ھايات ›› ژورنىلىغا تەرجىمھالىمنى يېزىپ بىرىشكە تەرەددۇتلىنىۋاتاتتىم، سۋامى ماڭا بۇنى ئايرىم بىر كىتاب قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇشۇمنى ئېيتتى، لېكىن بۇنىڭغا مىنىڭ ۋاقتىم يار بەرمەيتتى. مەن ھەر ھەپتىسى بىر بابلا يازالايتتىم. ھەر ھەپتىسى ‹‹يىڭى ھايات››قا ئازدۇر-كۆپتۇر بىر نەرسىلەرنى يېزىپ تۇرۇشۇم كىرەك ئىدى.
شۇنداق ئىكەن مەن تەرجىمھال يازسام تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن باش چۆكۈرۈپ يېزىشقا كىرىشىپ كەتتىم.
گەندى (1869 − 1948-يىللار) دەسلەپتە ئەنگلىيىدە ئوقۇپ، قانۇن ئۆگەنگەن، كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۇزاق مۇددەت ئادۋوكاتلىق قىلغان، شۇ يەردىكى ھىندىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مۇئەييەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، كاتتا شۆھرەت قازانغان.
گەندى (1869 − 1948-يىللار) دەسلەپتە ئەنگلىيەدە ئوقۇپ، قانۇن ئۆگەنگەن، كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىدا ئۇزاق مۇددەت ئادۋوكاتلىق قىلغان، شۇ يەردىكى ھىندىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مۇئەييەن مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، كاتتا شۆھرەت قازانغان. 1915-يىلى، ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، مىللىي ئازادلىق ئىشلىرى يولىدا كۈرەش قىلغان ھەمدە بۇ كۈرەشنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئىزدە قامۇسى
كىتابخانا تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.