مەدەستان

مەدەستان

بۇ تازلانمىغان قوغۇشۇن ئوكسىد بولۇپ، جاراھەت ۋە زەخمىلەرنى پۈتتۈرۈش، يەل تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، بۇزۇق گۆشلەرنى يوقىتىش، يېڭى گۆش ئۈندۈرۈش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، قان توختىتىش، ئۈچەيدىكى قۇرتنى ئۆلتۈرۈش، بەلغەم بوشىتىش، قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.

دورا نامى مەدەستان
خەنزۇچە ئاتىلىشى 宻陀僧

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ تازلانمىغان قوغۇشۇن ئوكسىد بولۇپ، بۇ تۆمۈردىن باشقا مەدەنلەردىن ياسىلىدۇ، كۆپرەك قوغۇشۇن ۋە قەلەيدىن ياسىلىدۇ، كۈمۈشتىن تەييارلانغىنىنىڭ رەڭگى بىنەپشە رەڭ، قوغۇشۇندىن ياسالغىنىنىڭ رەڭگى قىزىل سېرىققا مايىل بولىدۇ، ئالتۇندىن ياسالغىنىنىڭ رەڭگى قىزىل بولىدۇ، بۇنىڭ ياخشىراقى ساپ، رەڭگى سېرىق، پارقىراق، ئېغىر كەلگىنىدۇر.

مەدەستاننىڭ تەركىبىدە ئاساسلىق قوغۇشۇن ئوكسىد بار.

باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، جاراسىملارنى يوقىتىش تەسىرى بار.

تۆتىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

جاراھەت ۋە زەخمىلەرنى پۈتتۈرۈش، يەل تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، بۇزۇق گۆشلەرنى يوقىتىش، يېڭى گۆش ئۈندۈرۈش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، قان توختىتىش، ئۈچەيدىكى قۇرتنى ئۆلتۈرۈش، بەلغەم بوشىتىش، قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش.

ھەر خىل يىرىڭلىق ھۆل چاقىلار، قارا داغ، قوتۇر، قىچىشقاق، كۆپ تەرلەش، تېرە يېرىلىش، سۆزنەك، ھەر خىل جاراھەت، سىفلىس قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

1. مۇۋاپىق مىقداردىكى مەدەستاننى سوقۇپ، ئاچچىق بادام يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ يۈزگە چاپسا يۈزدىكى داغنى چۈشۈرىدۇ.

2. مۇۋاپىق مىقداردىكى مەدەستاننى سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سەپسە زەخىمنى پۈتتۈرىدۇ، گۆش ئۈندۈرىدۇ.

3. مەدەستان كۈشتىسىدىن 0.3 گىرام ئېلىپ ئەرەقى شاھتەررە ۋە ئىترفىل چۆپچىن بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قائىدە بويىچە ئىچىپ بەرسە سۆزنەك، سىفلىسقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

سىرتتىن ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ، ئىچىدىن كۈشتە قىلماي ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

ئىچى تەرەپتىن ئىشلىتىلسە، سەللا ئېھتىيات قىلمىسا ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ، ئۇنىڭ ئىككى گىرامى ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ، سۈيدۈكنى توختىتىدۇ، قورساقنى ئېسىدۇ، نەپەسنى توختىتىدۇ، تىلنى تارتىشتۇرۇپ قويىدۇ، گالنى بوغىدۇ، ھەتتا ئۈچەينى تېشىۋېتىدۇ.

زەھەرلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، قۇستۇرۇش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىش، بەدەننى سېرىق چېچەك، ئەنجۈرنىڭ سۇلىرى بىلەن يۇيۇش، 3 گىرام مۇر مەككىنى ئىلمان سۇ بىلەن ئىچكۈزۈش، گۆشلەرنى يېگۈزۈش، قوزا ۋە قېرى خورازنىڭ شورپىسىنى بېرىش، ھەر خىل مۇناسىپ شاراب سىركىسىنى بېرىش، تەرلىتىدىغان دورىلارنى بەدەنگە چېپىش، ياغلار بىلەن ياغلاش، قەۋزىيەت بولسا تەرەتنى يۇمشاتقۇچى دورىلارنى بېرىش ياكى ھەمەل قىلىش چارىلىرى قوللىنىلىدۇ.

ئالتۇن، كۈمۈش كۈشتىسى.

ئېلىمىزنىڭ خۇنەن، چاڭشا، جياڭسۇ قاتارلىق جايلىرىدىن چىقىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#