گۆشگىردە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قاشتېشى دىيارى خوتەن نىڭ قاشتېشى، گىلەم، ئەتلەس، ياڭاق لىرى داڭلىق بولۇپلا قالماي يەنە نۇرغۇن داڭلىق مەھسۇلاتلىرى بار، ئەلۋەتتە ئېسىل تائام بولغان گۆش گىردىسىمۇ ناھايىتى داڭلىق. خوتەننىڭ گۆشگىردىسى تەملىكلىكى بىلەن مەملىكەت ئىچىدىلا ئەمەس دۇنياغىمۇ داڭلىق. گۆشگىردە ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.[0]
1. گۆشگىردىنىڭ خېمىرىنى قاتتىق، تۇزلۇقراق پېتىر خېمىر قىلىپ يۇغۇرۇپ، ياخشى ئىشلەپ، خېمىرنى يېرىم بولدۇرغاندىن كېيىن، بىر سەرلىكتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، 2015 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن، ھەربىر زوۋۇلىنى جىلتا ئېچىلىدۇ.
2. قوي ياكى كالا گۆشىنى نېپىز ۋە قوناقتەك چوڭلۇقتا توغراپ، ئازراق سۇ يېدۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا نېپىز يالپاقلانغان پىياز، تۇز، قارىمۇچ سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ. دۈمبە ياغنى يالپاقلاپ نېپىز توغرىلىدۇ.
3. تەييارلانغان جىلتقا قىيما ۋە بىر تالدىن دۈمبە ياغ سېلىپ، خۇددى بولاق مانتا تۈگكەندەك تۈگۈپ، ئۈستىگە سۇ ئۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
4. قىزىتىلغان تونۇر(ئەڭ ياخشىسى يۇلغۇن قالاپ قىزىتىلسا ياخشى) ، ئوتلىرىنى تونۇرنىڭ ئوتتۇرىسىغا يىغىپ، داپخاننى چىڭ ئېتىپ، تونۇر يۈزىگە تۇز سۈيى چېچىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، تەييارلانغان گۆشگىردىنى تونۇرغا يېقىپ بولۇپ، يۈزىگە يەنە سۇ ئۇرۇپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى ھور چىقمايدىغان قىلىپ مەھكەم ئېتىپ، 15-20 مىنۇت خۇيلىنىدۇ.
5. گۆشگىردە خۇي يېگەندىن كېيىن تونۇرنىڭ ئاغزىنى ۋە داپخاننى بوش ئېچىپ، ئوتنى يەلپۇپ يالقۇنجىتىپ پىشۇرۇلىدۇ. گۆشگىردىنىڭ يۈزى قولغا چاپلاشماي قېتىشقان بولسا خۇي يېگەن بولىدۇ.
گۆشگىردە پىشقاندىن كېيىن ئۇنى قومۇرۇپ، داستىخانغا سوغۇق سۇ بىلەن قويۇلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.