سايرام كۆلى

 سايرام كۆلى

شىنجاڭدىكى سايرام كۆلى ئوخشىمغان پەسىل، ئوخشىمىغان نۇقتىدا كىشىگە ھەر خىل گۈزەل تۇيغۇ ئاتا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ توختىماي ئىزىدىنىش ئىستىكىنى قوزغايدۇ.



ئۇيغۇرچە نامى سايرام كۆلى
خەنزۇچە نامى 赛里木湖
جۇغراپىيەلىك ئورنى شىنجاڭ بورتالا ئوبلاستى
چەتئەلچە نامى Sayram Lake
ئىقلىمى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سايرام كۆلى سايرام كۆلى قەدىمدە «پاكىز دېڭىز» دەپمۇ ئاتىلاتتى، بۇ كۆل شىنجاڭ بورتالا ئوبلاستى بورتالا شەھىرىدىكى شىمالىي تەڭرىتېغىنىڭ تاغ تىزمىلىرى ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىلى ئوبلاستى قورغاس ناھىيەسى بىلەن يېقىن قوشنا. سايرام كۆلى تەڭرىتاغنىڭ باغرىغا قويۇلغان غايەت زور يېشىل ياقۇتقا ئوخشايدۇ، سايرام كۆلى قەدىمدە ‹‹ پاكىز دېڭىز ›› دەپمۇ ئاتالغان. ئۇ بورتالا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 90 كىلومېتىر يىراقلىققا، ئۈرۈمچى - غۇلجا تاشيولىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان، سايرامنىڭ قارغايلىرى ئىلى ۋىلايىتىگە تەۋە كەڭساي <تەلكە داۋىنى> بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ. كۆلنىڭ شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتىرغا، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 30 كىلومېتىرغا، سۇ يۈزىنىڭ كۆلىمى 457 كۋادرات كىلومېتىرغا، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 5.90 مېتىرغا، ئومۇمىي سۇ سىغىمچانلىقى 21 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، كۆل يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 2073 مېتىر ئېگىز بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئورنى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئېگىز تاغ كۆلى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن تەخمىنەن 70 مىليون يىللار ئىلگىرى ھىمالايا تاغ ياساش ھەرىكىتى دەۋرىدە تەڭرىتاغنىڭ مۇشۇ بۆلىكى بىراقلا ئولتۇرۇشۇپ، گېئولوگىيە ساھەسىدىكىلەر «ھاڭ كۆل» دەپ ئاتايدىغان سايرام كۆلىنى ھاسىل قىلغان. سايرام كۆلى شىمالىي يىپەك يولىغا جايلاشقان، كۆل بويى ۋە كۆل ئوتتۇرىسىدىكى ئارالغا سۇ ئىلاھ ئىبادەتخانىلىرى ياسالغان بولسىمۇ، ھازىر ئۇنىڭ ئىزنالىرى قالمىغان. تارىختا ئۆتكەن شائىر-ئەدىپلەرنىڭ كۆپىنچىسى سايرام كۆلى توغرىسىدا شېئىر يازغان.

 سايرام كۆلى ‹‹تەڭرىتاغدىكى سىرلىق كۆل›› دېگەن نامى بار. سايرام كۆلى تەڭرىتېغىنىڭ غەربىدىكى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان بولۇپ، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل.  

سايرام كۆلىبورتالا ئوبلاستى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ئاپتونوم رايون ئىچى– سىرتىدىكى تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلاردا سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئاشۇردى. ھەر يىلى 5–، 6–ئايلار شىنجاڭ سايرام كۆلىنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەسلى بولۇپ، بۇ پەسىلدە كۆلنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى ياۋا گۈللەر بەس–بەستە ئېچىلىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ.

ياز پەسلىدە 

گۈزەل تۈسكە كىرگەن سايرام كۆلى ياز پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەن، سايرامنىڭ سۈپسۈزۈك كۆل سۈيى، ھۆپپىدە ئېچىلغان تاغ گۈللىرى، كۆل ئەتراپىدىكى ئارغىماق ئاتلار كىشىنى ئاجايىپ گۈزەل تۇيغۇغا باشلاپ كىردۇ.

 مۇز مەنزىرىسى

سايرام كۆلىنويابىردا سايرام كۆلىنىڭ يۈزى نېپىز مۇز تۇتقان بولۇپ، كۆل بويىدا كېتىۋاتقان كىشىنىڭ يۈزلىرىنى كەچ كۈزدىكى سوغۇق شامال سۆيۈپ، ئاپئاق ئاققۇلار كۆل بويىدا ئويناقشىپ كىشىنى مەست قىلدۇ. سايرام كۆلىدىكى كىشىنى مەپتۈن قىلىدىغان مۇز مەنزىرىسى فېۋرال كىرىشى بىلەن، دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز بولغان سايرام كۆلىنىڭ يۈزى مۇز تۇتتى، كۆل بويىدىكى بىر قانچە بۇلاق كۆزىدە سۇ ئاستىدىن ئۆرلىگەن كۆپۈكچىلەر سوغۇق ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىپ مۇز ھالىتىگە ئۆتۈپ، كىشىلەرنى ئىختىيارسىز جەلپ قىلدى.

«ئالماس نۇرى» مەنزىرسى 

سايرام كۆلىسايرام كۆلىدىكى «ئالماس نۇرى» قىش ئايلىرىدا سايرام كۆلىگە كەلسىڭىز بۇ جايدا خۇددىي بىر كىم ياساپ قويغاندەك ئىنتايىن نەپىس قار-مۇز مەنزىرىسىنى كۆرىسىز، تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈرگەن بۇ خىلۋەت ماكاندا قار گۈللىرى ئىزغىرىن شامالدا ئۇيان-بۇيان ئۇچۇپ، ئالماس دانىچىلىرىدەك چاقناپ كۆزىڭىزنى قاماشتۇرىدۇ. سۈزۈك مۇزلارنىڭ قۇياش نۇرىنى سۇندۇرۇشىدىن ھاسىل بولغان رەڭدار نۇلار ئاپئاق قارلىق دالىغا ئۆزگىچە ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىپ تۇرىدۇ.  

ئوت-چۆپ مەنزىرسى

سايرام كۆلىسايرام كۆلى بويىدىكى ئوت-چۆپلەر مول بولغاچقا، سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەيدانى ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى قىش پەسلىدە بۇ يەر جىمجىتلىق قوينىغا كىرىدۇ، ياز يېتىپ كېلىشى بىلەن كۆل بويىدا يېڭىچە ھاياتلىق ھۆكۈم سۈرۈپ، گۈللەر ئېچىلىپ، كەڭ كەتكەن گۈزەل يايلاققا تىكىلگەن چېدىر مورىلىرىدىن چىققان ئىس لەرزان تولغىنىپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، ئات-كالا قاتارلىق چارۋا ماللىرى ئويناقشىپ،  غايىۋى دۇنيارىڭىزىدىكى تەۋىرلىگۈسىز گۈزەل يايلاق كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.

گۈل مەنزىرسى 

سايرام كۆلىسايرام كۆلىدە ئېچىلىدىغان كۈركۈم گۈللىرى يەنە ئىلى كۈركۈم گۈلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۈركۈم گۈلى باش باھاردا ئېچىلىدىغان بولۇپ، كۆپ يىللىق ئۆمرى قىسقا ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ، كۈركۈم گۈلى ھەر يىلى ماي ئايلىرى كېلىشى بىلەنلا ئېچىلىدى. بۇ گۈل ئۆزىنىڭ سەرخىل رەڭگى ۋە گۈزەللىكى بىلەن كىشىنى مەستخۇش قىلىدۇ.

ماي ئايلىردىكى سايرام كۆلىنىڭ ھاۋارايى بىر قەدەر تۇراقسىز، بىردەم قار ياقسا كەينىدىنلا يامغۇر ياغىدۇ، بىردەم شامال چىقىسا، بىردىنلا ئوتقاشتەك قۇياش پارلاپ، زېمىنغا نۇرىنى سېخىيلىك بىلەن چاچىدۇ، بىردە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان تۇمان دېڭىزى ھەممە جاينى قاپلايدۇ، بىراق ھاۋارايىدا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشتىن قەتئىينەزەر بۇ سىرلىق ماكاندىكى گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىپ، تىلسىملىققا تولغان بۇ كەڭ تەبىئەتكە گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ.

ئاققۇلار 

سايرام كۆلىسايرام كۆلىنىڭ يۈزى بەئەينى بىر ئەينەككە ئوخشايدۇ. كۆل سۈيى گاھىدا لەرزان ئېقىپ، ئاققۇلار بۇ گۈزەل ماكاندا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرىشىدۇ. تۇمانلىق سايرام كۆلىدىكى ئاققۇلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ پاكىز ۋە ئالىيجانابلىقى بىلەن ئۈستۈنلىكىنى ئىگەللەپ كەلمەكتە. كۆل يۈزىدىكى قويۇق تۇمان ئارىسىدا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرگەن نازاكەتلىك  ئاققۇلار گاھ كۆرۈنۈپ گاھ غايىپ بولۇپ، سايرام كۆلى مەنزىرىسىگە باشقىچە گۈزەل تۈس ئاتا قىلدى.

سايرام كۆلىسايرام كۆلى مەنزىرە رايونى 2010–يىلى دۆلەت AAAA دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى قاتارىغا كىرگەن بولۇپ، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى 9–نۆۋەتلىك شىنجاڭ ساياھەت يەرمەنكىسى، 8–نۆۋەتلىك ئوتتۇرا جۇڭگو ساياھەت يەرمەنكىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، 50 نەچچە ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، يەتتە ساياھەتچىلىك كوپىراتىپى بىلەن ساياھەتچىلىك كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇنىڭ بىلەن سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى–سىرتىدىكى تەسىرى زورىيىپ، ساياھەتچىلىك كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇلتۇر مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتى كىرىمى 14 مىليون 310 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2014 – يىلىدىكىدىن %117.52 ئاشتى.

سايرام كۆلى دېڭىز يۈزىدىن 2073 مېتىر ئېگىز بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز سوغۇق سۇ كۆلى، شۇنداقلا دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق سەيلىگاھ. ھەر يىلى يازدا دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلىدۇ. ئەمما يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، چارۋىچىلارنىڭ نورمىدىن ئاشۇرۇپ چارۋا مال بېقىشى سەۋەبىدىن، ئوتلاقلار ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرى ۋە ساياھەت ئەخلەتلىرىنىڭ كۆپىيىشى سايرام كۆلىنىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. سايرام كۆلىنى باشقۇرۇش كومىتېتى سايرام كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل 126 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تېمىتىپ سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىپ، چېكىنىپ كەتكەن ئوت – چۆپ ۋە يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سايرام كۆلى سەيلىگاھ رايونىنى قاشالاپ، چارۋا مال بېقىشنى چەكلەپ، تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇردى. بۇنىڭ بىلەن ھازىر سايرام كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش تۈرى تاماملىنىپ، 164 مىڭ 500 مو ئوتلاق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. كۆل ئەتراپىدا 80 كىلومېتىر دائىرىدىكى يەر قاشالاندى، 50 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا تۇرۇبا ئورنىتىلدى، 15 ئورۇندا قوغداش پونكىتى تەسىس قىلىندى.

مۇخبىرنىڭ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونلىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى 29-ئاپرېلدىن 21-ئىيۇلغىچە، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى ئىشىك بېلىتىدىن قىلىنغان كىرىم 5 مىليون 449 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، 2014-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %74.4 ئاشقان، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 161 مىڭ(ئادەم/ قېتىم)غا يېتىپ، 2014-يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %75 ئاشقان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى زور كۈچ بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداپ، ساياھەتچىلىك ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنزىرە رايون مۇھىتىنى ياخشىلىغانلىقتىن سايرام كۆلىگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى يىلدىن-يىلغا كۆپەيگەن.

سايرام كۆلىسايرام كۆلى نەم يەر باغچىسى شىنجاڭدىكى تۇنجى دۆلەت نەم يەر باغچىسى سىناق ئورنى بولۇپ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان.

دۆلەت نەم يەر باغچىسى سىناق ئورنىنى ئاشكارىلاش خىزمىتى ئاياغلاشقان بولۇپ، شىنجاڭدىكى 9 نەم يەر باغچىسى ئوڭۇشلۇق ھالدا دۆلەت نەم يەر باغچىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سايرام كۆلى نەم يەر باغچىسى سىناق ئورنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، رەسمىي تۈردە دۆلەت نەم يەر باغچىسى نامى بېرىلدى.

يېڭىدىن تاللانغان 9 سىناق نەم يەر باغچىسى ئايرىم ھالدا: نىلقا قاش دەرياسى دۆلەت نەم يەر باغچىسى، بۇرچىن توقىمتى دۆلەت نەم يەر باغچىسى، مەكىت تاڭۋاڭچاۋ دۆلەت نەم يەر باغچىسى، موڭغۇلكۈرە تېكەس دەرياسى دۆلەت نەم يەر باغچىسى، جىمىسار بېيتىڭ دۆلەت نەم يەر باغچىسى، يېڭىشەھەر ئىپارخان كۆلى دۆلەت نەم يەر باغچىسى، يەكەننىڭ يەكەن دەرياسى دۆلەت نەم يەر باغچىسى، پامىر ئېگىزلىكى ئالار دۆلەت نەم يەر باغچىسى، كۆكتوقايدىكى كۆكتوقاي دۆلەت نەم يەر باغچىسى ئىكەن.

    سىناق قىلىنغان دۆلەت نەم يەر باغچىلىرى 5 يىلدىن كېيىن رەسمىي تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىكەن، شىنجاڭدا ھازىر يېڭىدىن ئاشكارىلانغان 9 نەم يەر باغچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت نەم يەر باغچىسى 33 كە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سايرام كۆلى نەم يەر باغچىسى رەسمىي نام بېرىلگەن بىردىنبىر دۆلەت نەم يەر باغچىسى ئىكەن.

سايرام كۆلىسايرام كۆلى مەملىكەت بويىچە 15 كۆل دۆلەتنىڭ مەبلەغ جەھەتتىن نۇقتىلىق مەدەت بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. سايرام كۆلى ئاپتونوم رايونىمىزدىن دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق مەدەت بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن كۆل بولۇپ تاللانغان.

 2003–يىلدىن بۇيان بورتالا ئوبلاستى سايرام كۆلى يايلاق ئېكولوگىيەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجابىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يايلاقتىكى چارۋا–مال تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، چارۋىچىلارنى يايلاقتىن چېكىندۈرۈپ، مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەچكە، سايرام كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى دەسلەپكى قەدەمدە ئەسلىگە كەلگەن.

 سايرام كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىنى يولغا قويۇش ئومۇمىي لايىھەسى يېقىندا دۆلەت تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، سايرام كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىدە، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قوغداش، بۇلغىما مەنبەسىنى تۈپتىن تۈزەش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ تۈرگە 7 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدى.

دەريا–كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى يېقىندا 2013 –يىللىق دەريا–كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش خىزمىتى بويىچە باھالاش ئېلىپ بارغان. ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ كۆرسىتىشى، دەسلەپكى تەكشۈرۈش ۋە نەق مەيداندا باھالاش قاتارلىق ئۈچ مۇھىم ھالقىدا كەسكىن رىقابەتلىشىش ئارقىلىق سايرام كۆلى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق مەدەت بېرىدىغان مەخسۇس تۈر دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

سايرام كۆلىبورتالا ئوبلاستلىق چارۋىچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىكىم ئاسىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بورتالا ئوبلاستى 2012 – يىلىدىن ئېتىبارەن 22 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، سايرام كۆلى ئەتراپىدىكى 160 مىڭ مودىن كۆپرەك يايلاقتا چارۋا بېقىشنى چەكلەپ، بۇ يايلاقلارنى پۈتۈنلەي ‹‹دەم ئېلىش››قا چىقارغان.

سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى دۆلەتنىڭ 4A دەرىجىلىك نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ، سۇلۇق يەر باغچىسى ھەمدە مەنزىرە رايونىدىكى ئومۇمىي يايلاق كۆلىمى 2 مىليون 200 مىڭ مو كېلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسلىق مەنزىرە رايونىدىكى يايلاق كۆلىمى 504 مىڭ مو ئىكەن. سايرام كۆلى شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ كىلىمات ۋە مۇھىتىنى تەڭشەپ ساپلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن. شۇڭا، سايرام كۆلىنىڭ ئاساسلىق مەنزىرىلىك رايونلىرى قاشالىنىپ، چارۋا بېقىش چەكلەنگەن، سۇلۇق يەرلەرنىڭ ئېكولوگىيەسى قاتتىق قوغدالغان.

ئابلىكىم ئاسىم مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈستىگە ئالغان بورتالا ئوبلاستىدىكى يايلاق بايلىقىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش تۈرىنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ چارۋا بېقىش تۈپەيلىدىن بۇ جايدىكى يايلاقلار ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. 1982–يىلى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى ھەر مو يايلاقنىڭ ئوت–چۆپ مىقدارى 683 كىلوگىرام بولغان بولسا، 1999–يىلىغا كەلگەندە 621 كىلوگىرامغا، 2007 – يىلىغا كەلگەندە 280 كىلوگىرامغا چۈشۈپ قالغان. مۆلچەرلىنىشىچە، سايرام كۆلى ئاساسلىق مەنزىرە رايونىدىكى 504 مىڭ مو يايلاقتا ئەسلىدە 78 مىڭ تۇياق چارۋا بېقىلسا ئاندىن مۇۋاپىق بولىدىكەن. ئەمما بۇ جايدا ھازىر 310 مىڭ تۇياق ئەتراپىدا چارۋا بېقىلغان بولۇپ، ئۆلچەمدىن %27.9 ئېشىپ كەتكەن. ھازىر سايرام كۆلى ئەتراپىدىكى چارۋا بېقىش چەكلەنگەن يايلاقلاردا ئوت – چۆپ تەدرىجىي ئۆسۈشكە باشلىغان.

بورتالا ئوبلاستى يايلاقلارنى قاشالاپ چارۋا بېقىشنى چەكلەش بىلەن بىللە، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى ئاق قۇ، تۇرنا قاتارلىق قۇشلار ياشايدىغان سۇلۇق جايلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشنى كۈچەيتكەن ھەم بۇ يەردە قىشنى ئۆتكۈزىدىغان ئۇچار قۇشلارنىڭ خەتەرگە ئۇچۇرماسلىقى ئۈچۈن، مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى خەتەرنىڭ، تۈرلۈك شاۋقۇننىڭ ئالدىنى ئالغان. بۇنىڭ بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەنزىرە رايونى ئەتراپىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان، ئىلگىرى باشقا جايلارغا ئۇچۇپ بېرىپ قىشنى ئۆتكۈزۈپ كېلىدىغان 2000 دىن كۆپرەك قۇش ھازىر سايرام كۆلىنى مۇقىم ماكان قىلىدىغان بولغان.

بورتالا ئوبلاستى يايلاقتىن پايدىلىنىش بىلەن يايلاق قۇرۇلۇشىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، بىر يېزىدا بىر سىياسەت بولۇش، بىر كەنتتە بىر لايىھە بولۇش، بىر ئائىلىدە بىر پىلان بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن، سايرام كۆلى ئەتراپىدا چارۋا باقىدىغان چارۋىچىلارغا يايلاق تولۇقلىمىسى بېرىش ئارقىلىق چارۋىسىنى ئازايتىشقا يېتەكلەپ، بۇ چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرغان. ھازىرغا قەدەر، چارۋا بېقىش چەكلەنگەن رايوندىكى 572 ئائىلىلىك چارۋىچى ۋە 127 مىڭ 600 تۇياق چوڭ – كىچىك چارۋا باشقا يەرگە كۆچۈرۈلۈپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئابلىكىم ئاسىم مۇنداق دېدى: بورتالا ئوبلاستى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ۋە ئېچىش قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى تەدرىجىي زورايتتى. بولۇپمۇ مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى ئاساسلىق مەنزىرە رايونىدىكى تۈرلۈك ئىمارەتلەرنى چېقىپ، كۆچۈرۈش ئىشلىرىنى تەرتىپلىك تاماملاپ، بۇ جايلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلەتتى؛ سايرام كۆلى بويىدىكى تاشيولنىڭ ئەتراپىدىكى ئېكولوگىيەسى ئاجىز رايونلارنى قاشالاپ، تەبىئىي يايلاقنى مۇھاپىزەت قىلىش تۈرىنى يولغا قويدى؛ چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان ئالتە كەنتتە ئوت – چۆپ مىقدارى بىلەن چارۋا مالنىڭ سانىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى سىناق قىلدى؛ سايرام كۆلىنى بويلاپ 75 كىلومېتىر يەر قاشالىنىپ، مەنزىرە رايونىدىكى 164 مىڭ 500 مو يايلاق قاشانىڭ ئىچىگە ئېلىندى؛ سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى سۇلۇق يەرنى مۇھاپىزەت قىلىش تۈرى يولغا قويۇلۇپ، كۆلنىڭ شەرقىدىكى 3000 مودىن كۆپرەك چېكىنگەن يايلاققا قايتىدىن ئوت – چۆپ تېرىلدى.

سايرام كۆلىسايرام كۆلىدە توي سۈرىتىگە چۈشۈش بۇ بىر جۈپ ياشلار شىنجاڭدىكى سايرام كۆلىدە تويلۇق سۈرەتكە چۈشتى. فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرى، گەرچە جەنۇب تەرەپتە باھار ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇرسىمۇ، ئەمما «ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە يېشى» دەپ ئاتالغان سايرام كۆلىنى يەنىلا قار-مۇز قاپلاپ تۇرىدۇ. سايرامنىڭ قىشلىق گۈزەل مەنزىرىسى نۇرغۇنلىغان توي سۈرىتىگە چۈشمەكچى بولغان ياشلارنى جەلپ قىلىدۇ.

بورتالا شەھىرى شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ سايرام كۆلىگە بېرىپ سەيلە - ساياھەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بورتالا شەھىرىدىن سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىغا قاتنايدىغان مەخسۇس لىنىيەلىك ئاپتوبۇس سېلىشنى قارار قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەخسۇس لىنىيەلىك ئاپتوبۇس ھەر شەنبە، يەكشەنبە ۋە ھېيت-بايرام كۈنلىرى بىر قېتىمدىن قاتنايدىغان بولۇپ، ئاپتوبۇس ئەتتىگەن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9:30 دا يولغا چىقىپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 6:30 دا قايتىدىكەن. بورتالا شەھىرىدىن سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىغا قاتنايدىغان مەخسۇس لىنىيەلىك ئاپتوبۇس قاتنىشى 9-ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن.

دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى تۇنجى تۈركۈمدىكى ‹‹مەملىكەت بويىچە ساياھەت باھاسىدىكى ئىشەنچلىك مەنزىرە رايونلىرى››نىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، بورتالا ئوبلاستىدىكى سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئېلىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە ساياھەت باھاسىدىكى ئىشەنچلىك مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى.

سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەتچىلىك قانۇنى››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداپ، مەنزىرە رايونىنىڭ باھاسىغا مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلدى، ساياھەتچىلەرگە ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ‹‹بىر بېلەت›› تۈزۈمىنى يولغا قويدى ھەم ياشانغانلار، ئوقۇغۇچىلار، ھەربىيلەر، مېيىپلەرگە ئىشىك بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشىك بېلىتى باھاسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئۈچ يىلغىچە ئىشىك بېلىتى باھاسىنى ئۆستۈرمەسلىك توغرىسىدا ۋەدە بەردى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (6 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#