تاشۋېلىق يېزىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تاشۋېلىق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قومۇل شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا، تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئېتىكىنىڭ ئالدىنقى بەلبېغىغا جايلاشقان. شەرقتە گەنسۇنىڭ سۇبېيدا ناھىيەسى بىلەن، شەرقىي شىمالى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرالىنىدۇ، چېگرا لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى26.17 كىلومېتىر، قۇمۇل شەھەرلىك چېگرا يېزىسىنىڭ بىرى.
ئومۇمىي كۆلىمى 19 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق ئۈچ مىللەت ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي ئائىلە سانى 3154، نوپۇسى9 مىڭ 761 ئادەم، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2.84 تۈمەن مو، ئوتلاق كۆلىمى 880 مىڭ مو. پۈتۈن يېزا قارمىقىدا سەككىز مەمۇرىي كەنت، 35 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، ئۈچ كەنت دەرىجىلىك تەرەققىيات رايونى، ئىككى چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانا، 4 باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، 16 مەسچىت بار.
تاشۋېلىق يېزىسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، سۇي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىلا « يۇمشاق بازىرى » ۋە « يۇمشاق يىراق ناھىيە » دەپ ئاتالغان، يىپەك يولىدىكى بىر مۇھىم ئۆتەڭ، ھازىرغىچە ساقلانغان قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزنالىرى بار. ئاقتاغ كەنتى، ئاق ئەرگۇڭ كەنتى، يىلان بەل جىلغىسى قاتارلىق رايۇنلىرىغا بۇنىڭدىن 1000 يىل ئىلگىرىكى قەدىمىي قىيا تاش رەسىملىرى جايلاشقان، 1000 نەچچە يىل ئىلگىرىكى ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، بىر قەدەر يۇقىرى بەدىئىيلىكى ۋە تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتى ئەكىس ئەتتۈرگەن.
تاشۋېلىق يېزىسىغا تەۋە رايونلار : شەھەرنىڭ شەرقى، شەھەرنىڭ غەربى، غەربىي يول، خوتۇنتام، نيۇماۋچۈەنزى، پادىشاھنىڭ دەرگاھى، ئاق تاغ، ئەرگۇڭ، شوپۇل، قوشماق قاتارلىق 10 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.
تاشۋېلىق يېزىسىدا ئۆزگىچە يورۇقلۇق، سۈيى، ئىقلىم بايلىقى بار. دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىقى، بۇغداي، سېرىق پۇرچاق، زىغىر، ئاق گازىر، ياڭيۇ، سەۋزە، پەمىدۇر، ئوت - چۆپ، كۆممىقوناق قاتارلىق ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بار، چارۋىلاردىن ئاساسلىقى قوي، كالا، ئات، تۆگە قاتارلىقلار بار.
2005- يىلى، بۇ يېزىنىڭ چاڭخې گورۇھىنىڭ 717.07 گېكتار ئوت - چۆپ، كۆممىقوناق تېرىلغان، مەھسۇلات مىقدارى 40 مىڭ توننا بولغان.
تاشۋېلىق يېزىسىنىڭ يېرى كەڭ، قېزىلما بايلىق بىر قەدەر مول، ئاساسلىقى ئالتۇن، مىس، نىكېل، ۋولفروم، سىنىك، مەرمەر تاش، كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار.
ياۋايى ھايۋانلاردىن ياۋا تۆگە، قۇلان، تاغ ئۆچكىسى، ياۋا توڭگۇز، موڭغۇل جەرىنى قاتارلىقلار بار.
چىگرا ئىچى ئاق تاغ، ئەرگۇڭ قىيا تاش سىزمىلىرى (ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقى قوغداش ئورنى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن) قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.