پاراگۋاي

پاراگۋاي دۆلەت بايرىقى

جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت .

ئۇيغۇرچە ئىسمى پاراگۋاي
چەتئەلچە ئىسمى The Republic of Paraguay
دۆلەت بايرىمى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى
نوپۇسى 692 تۈمەن (2014-يىل)
خەنزۇچە ئىسمى 巴拉圭
جايلاشقان ئورنى جەنۇبى ئامېرىكا
يەر مەيدانى 406 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتر

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇرۇش پاراخوتى

پاراگۋاي 1535-يىلىدىن باشلاپ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان. 1811-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىسپانىيە مۇستەملىكچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن.

دۆلەت گىرىبى

جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەت، يەر مەيدانى 406 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ، پاراگۋاي دەرياسى دۆلەتنى شەرق، غەرب دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. شەرقىي تەرىپىدە ئېدىرلىق، سازلىق، دولقۇنسىمان ھالەتتە جايلاشقان تۈزلەڭلىكلەر كۆپرەك بولۇپ، بۇ جايلارنىڭ ھاۋاسى ياخشى، تۇپرىقى مۇنبەت بولۇپ، پاراگۋاي ئاھالىسىنىڭ 90% تى مۇشۇ ئورۇنلارغا ئولتۇراقلاشقان. 

پاراگۋاينىڭ ئاھالىسى 6 مىليون 920 مىڭدىن ئاشىدۇ(2014 -يىل) ، بۇنىڭ % 95 تى ئىندىئانلار بىلەن ياۋروپالىقلاردىن بولغان ئارىلاش قان سىستېمىسىدىكىلەر تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلاردىن باشقا يەنە ئاق تەنلىكلەر، ئىندىئانلار(%5) بار. ئاھالىنىڭ % 95ى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، دۆلەت تىلى ئىسپان تىلى، پايتەختى ئاسۇنسىئون شەھىرى.

پاراگۋاي

پاراگۋاي دەرياسىنىڭ غەربىگە گراپخاكو چوڭ ئوتلىقىنىڭ بىر قىسمى جايلاشقان بولۇپ، قەدىمىي ئورمانلىق ۋە ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ.

پاراگۋاينىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىنىڭ ئىقلىمى تروپىك ئىقلىم تىپىغا، شىمالىي سۇبتروپىك ئوتلاق ئىقلىم تىپىغا، جەنۇبى سۇبتروپىك ئورمان ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يازلىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى(10-ئايدىن ئىككىنچى يىلى 3-ئايغىچە) ℃25 تىن ℃40 قا، قىشلىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى(3-ئايدىن 9-ئايغىچە) ℃20 تىن ℃20 قا يېتىدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى شەرقىي تەرەپتە 800 مىللىمېتردىن غەربىدە 1200 مىللىمېتر بولىدۇ. پۈتۈن دۆلەت يېرىنىڭ % 54 تىنى ھەرخىل قىممەتلىك ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ. 

دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ئورمانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. دېھقانچىلىقىدا شال، كۆممىقوناق، كېۋەز، دادۇر، بۇغداي، تاماكا، كوفې، شېكەر قومۇشى قاتارلىق زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاشلىق بىلەن ئۆز ئېھتىياجىنى تەمىنلىيەلەيدۇ. چارۋىچىلىقىدا ئاساسەن كالا، ئۇنىڭدىن قالسا قوي بېقىلىدۇ. 

سانائىتىدە گۆش ۋە ياغاچ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ياغاچ چىقىرىش، شېكەر، توقۇمىچىلىق، سېمونت، تاماكا، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى قاتارلىق سانائەت تارماقلىرى بار.

برازېلىيە بىلەن پاراگۋاي ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم بويىچە قۇرۇلۇۋاتقان 12 مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلوۋات سائەت توك تارقىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ سۇ ئېلېكتر ئىستانسى 1983-يىلى پۈتۈپ تارقىتىشقاباشلىغان .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/4929.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#