ئۇيغۇرچە نامى ئاقتۇ بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 136 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿克陶镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئاقتۇ ناھىيەسى
نوپۇسى 20840 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاقتۇ بازىرى ئاقتۇ بازىرى كۈسەن دەرياسى يەلپۈگۈچسىمان ئېقىن چۆكۈندىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، يەر شەكلى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا پەسىيىپ بارىدۇ، شىمالدا بەشكەنىت ئۆستىڭىنى پاسىل قىلىپ، پىلال يېزىسى بىلەن قوشنا، شەرقىي جەنۇبى ئۈجمە يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي بارىن يېزىسى بىلەن قوشنا. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 11 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 16 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 136 كۋادرات كىلومېتىر. ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، قاتناش مەركىزى. ناھىيىگە قاراشلىق توققۇز مەمۇرىي كەنت، 57 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار. ئاقتۇ بازىرىنىڭ نوپۇسى 5391 ئائىلە، 20840 ئادەم، ئۇيغۇر، قىزغىز، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق تۆت مىللەتتىن تەركىب تاپقان.

ئاقتۇ بازىرىئاقتۇ بازىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن دېڭىز يۈزىدىن 1400-1300 مېتىر ئېگىز، تىپىك مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا كىرىدۇ، تۆت پەسىل ئېنىق، قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 11.2 گىرادۇس، قىروسىز مەزگىلى 221 كۈن. ئېتىز-ئېرىق ناھىيە بازىرىنىڭ ئەتراپىدا، ئاھالىلەر تېرىلغان كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەر ناھىيە بازىرى خەلقنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرىدۇ.

ئاقتۇ بازىرى ئاقتۇ بازىرىغا قاراشلىق توققۇز مەمۇرىي كەنت، 57 كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى بار. قاراشلىق توققۇز كەنت ئاھالە كومىتېتى : ياغىچاق كەنتى، نوقۇتچى ئېرىق كەنتى، قايچا ئېرىق كەنتى، ئوردا ئېرىق كەنتى،بارىنئېرىق كەنتى، يىڭچىكە ئېرىق كەنتى، چېقىر تېرەك كەنتى، يانچىمەھەللە كەنتى، گۈمبەز ئېرىق كەنتى قاتارلىقلار.[0]

ئاقتۇ بازىرى

ئاقتۇ بازىرى

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#