ئوتلاق تاغىل مۈشۈكى

ئوتلاق تاغىل مۈشۈكى

 ئوتلاق تاغىل مۈشۈكىنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئوتلاقلار، ئورمانلىقلار، چۆل، يېرىم چۆل قاتارلىق كۆپ خىل مۇھىتتا ياشايدۇ. تېنى ئادەتتىكى ئۆي مۈشۈكلىرىنىڭكىدىن چوڭ، قارىماققا ئۆي مۈشۈكلىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئوتلاق تاغىل مۈشۈكى
لاتىنچە نامى Felis silvestris shawiana
ئائىلىسى مۈشۈك ئائىلىسى
تۈرى ياۋا مۈشۈك
چەتئەلچە نامى Shaw's Cat
خەنزۇچە ئىسمى 草原斑猫
تۈركۈمى گۆشخورلار ئەتىرىتى
ئۇرۇقدېشى مۈشۈك
سىنىپى سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئوتلاق تاغىل مۈشۈكى

تېنى ئادەتتىكى ئۆي مۈشۈكلىرىنىڭكىدىن چوڭ، قارىماققا ئۆي مۈشۈكلىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئەركىكى چىشىسىدىن چوڭراق، تەن ئۇزۇنلۇقى 50- 70 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20- 30 سانتىمېتىر بولۇپ، قۇيرۇقى ئىچىگە ئېگىلگەن ھالەتتە بولىدۇ.

 تەن ئېغىرلىقى 8 كىلوگرام ئەتراپىدا بولىدۇ. قىشلىق يۇڭى ئۇزۇن ھەم قويۇق، پۈتۈن تېنى كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، توپا رەڭ ئارىلاشقان بولىدۇ. تۈك ئاستى تىۋىتلىرى كۈل رەڭ بولىدۇ. باش ۋە دۈمبە قىسمىنىڭ رەڭگى قېنىقراق بولۇپ، سارغۇچ كۈل رەڭ ئارىلاشقان ھەم پارقىراق. دۈمبىسىنىڭ ئىككى يان تەرىپى سۇسراق بولىدۇ. پۈتۈن بەدىنىگە دىئامېتىرى 1.5-1 سانتىمېتىر ئەتراپىدا قارا ئالا داغلار تارقالغان بولىدۇ. ماڭلىيىدىن قۇيرۇقىغىچە3 - 4 قۇر ئۆزئارا ئۇلانمىغان يولچىلار بولىدۇ.

دۈمبىسىدىكى قارا ئالا داغلار ناھايىتى روشەن بولىدۇ ، تېنىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدىكى قارا ئالا داغلار روشەن بولمايدۇ. بۇ داغلار تۆۋەنلەپ قورساق قىسمىغا كەلگەندە يوقاپ كېتىدۇ. قۇلىقىنىڭ ئىچكى تۈكلىرى ئۇزۇن بولۇپ، ئاق رەڭدە، قۇلاق سىرتقى تۈكلىرى قىسقا بولۇپ، سۇس قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. قۇلاق ئۇچىدا روشەن ئۇزۇن قارا تۈكچىلەر بولىدۇ. كۆز ئەتراپى، ئېڭىكى، كالپۇكى ئاق رەڭدە بولىدۇ، بوغۇزى ۋە قورساق قىسمى بوز رەڭدە بولىدۇ، تۆت پۇتىنىڭ سىرتقى تەرىپى تېنىنىڭ ئىككىيان تەرىپى بىلەن ئوخشاش رەڭدە بولىدۇ.

 قۇيرۇق ئۈستىدە5–7 قۇر توغرا قوڭۇر ئالا داغلار بولۇپ، بۇ داغلارنىڭ يېرىمى ئېنىق، يېرىمى تۇتۇق. قۇيرۇق ئاستى ئاق رەڭدە، قۇيرۇق ئۇچى قارا رەڭدە بولىدۇ. يازلىق تۈكلىرى شالاڭ، تىۋىتلىرى بولمايدۇ. ياز پەسلىدە قۇيرۇقىدىكى ھالقىسىمان ئالا داغلار ئېنىق كۆرۈنمەيدۇ، چىشلىرى تەرەققىي قىلغان.

يايلاق تاغىل مۈشۈكىئوتلاق تاغىل مۈشۈكىنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئوتلاقلار، ئورمانلىقلار، چۆل، يېرىم چۆل قاتارلىق كۆپ خىل مۇھىتتا ياشايدۇ. ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چاتقال، يېرىم چاتقال چۆللۈكلىرى، قومۇشلۇق يايلاقلار ۋە توغراقلىقلاردا ياشايدۇ. قىشتا سوغۇق بولىدىغان، قار قاپلاپ كېتىدىغان رايونلارغا كىرمەيدۇ. بىرقەدەر قۇرغاق رايونلاردا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇ ئاساسەن يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ، ھەرىكىتى كېچىسى ۋە سەھەردە ناھايىتى جانلىق بولىدۇ، كۈندۈزى كۆپرەك دەرەخ كامارلىرى ۋە چاتقاللىقلار ئارىسىدا ئارام ئالىدۇ.

ئوتلاق تاغىل مۈشۈكى ئاساسلىقى غاجىلىغۇچىلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم قۇشلار، ئۆمىلىگۈچىلەر ۋە ھاشاراتلار بىلەنمۇ ئوزۇقلىنىدۇ، ھەركىتى چاققان بولۇپ، يامىشىشقا ماھىر كېلىدۇ.

 ئادەتتە ئوزۇق تۇتقاندا يوشۇرۇن ئۆمىلەپ بېرىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدۇ، ھەرىكەت قىلىش دائىرىسى ئېنىق بولۇپ، ئادەتتە بىر يېتىلگەن ئوتلاق تاغىل مۈشۈكى يېرىم كۋادرات كىلومېتىر ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، ئوزۇقلۇق كەمچىل بولغان مەزگىللەردە ۋە كۆپىيىش مەزگىلىدە ئىگىلەيدىغان دائىرىسى تېخىمۇ كەڭرى بولىدۇ.

ئۆزئارا چېتىشىش مەزگىلى تەخمىنەن 1~3–ئايلار بولۇپ، چىشىسىنىڭ بىر قېتىملىق كۈيلەش ۋاقتى 2-8 كۈنگىچە بولىدۇ. بۇ چاغدا نۇرغۇن ئەركەك ئوتلاق تاغىل مۈشۈكى كۈيلىگەن چىشى مۈشۈك ئەتراپىغا توپلىشىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئۆزئارا قاتتىق سوقۇشىدۇ.

يېڭىپ چىققىنى كۈيلىگەن چىشى مۈشۈك بىلەن چېتىشىدۇ . بىر يىلدا بىر قېتىم، بىر قېتىمدا 2-3 نى ئاسلانلايدۇ، بوغازلىق مەزگىلى تەخمىنەن 60 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. ئادەتتە 15 يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرىدۇ. ھايۋانات باغچىلىرىدىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا ، ئۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆتنى ئاسلانلايدىكەن . ئەمدىلا تۇغۇلغان ئاسلىنىنىڭ تەن ئېغىرلىقى 40 گرام ئەتراپىدا بولۇپ، تەخمىنەن 10 كۈندىن كېيىن كۆزىنى ئاچىدۇ. 

4–5 ھەپتىدىن كېيىن ئۇۋىسىدىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۈچ ئايدىن كېيىن ‹‹ئانا›› سى بىلەن بىللە سىرتقا چىقىپ ئوزۇق ئىزدەيدۇ. بەش ئايدىن كېيىن ئانىسىدىن ئايرىلىپ يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ، بىر ياشتىن كېيىن جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىدۇ، ئوتلاق تاغىل مۈشۈكىنىڭ بولۇپمۇ ئاسلانلىرىنىڭ رەڭگى يولۋاس بالىسىنىڭ رەڭگىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

ئوتلاق تاغىل مۈشۈكىنىڭ دۆلىتىمىزدە بىرلا كەنجى تۈرى بولۇپ، ئۇ پەقەت غەربىي شىمالغا تارقالغان. بۇ كەنجى تۈر شىنجاڭ كەنجى تۈرى ياكى ئاسىيا ياۋا مۈشۈكى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كەنجى تۈر ئاپتونوم رايونىمىزدا تارىم ئويمانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تاغ قاپتاللىرى، قەشقەر، يەكەن، كورلا، تارىم دەرياسى، چەرچەن، تۇرپان ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. ئىچكى ئۆلكىلەردە گەنسۇنىڭ دۇنخۇاڭ، ۋۇۋېي، نىڭشيانىڭ بىر قىسىم رايونلىرىغا تارقالغان . چەت ئەللەردە ياۋروپا، ئاسىيانىڭ غەربى ۋە ئافرىقىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىغا تارقالغان.

تېرىسى يۇمشاق، نېپىز، تىۋىتى قېلىن بولغاچقا، جۇۋا، باش كىيىم ۋە ياقىلىقلارنىڭ ئالىي دەرىجىلىك خام ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. ئۇ ئاساسەن غاجىلىغۇچىلار بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان بولغاچقا، ئورمانچىلىق، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئوتلاقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، چاشقان ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى ئۆزگىچە چىرايلىق بولۇپ، ھايۋانات باغچىلىرىدا بېقىلىپ كۆرگەزمە قىلىنسا ناھايىتى ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىدۇ. ئۇ دۆلىتىمىزدىكى ئەتىۋارلىق ھايۋان تۈرى ھېسابلىنىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

http://uyghur.news.cn/20120427/c_131556624.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#