پرژىۋالسكى ياۋا ئېتى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پرژىۋالسكى ياۋا ئېتى ياۋا ئاتنىڭ كەنجى تۈرى بولۇپ، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان، ئۇنىڭ 66 خروموسومى بولۇپ، ئۆي ئېتى(64 خروموسومى بار) بىلەن چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. ئۇ ھوشيار، يۈگۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، ئاساسەن تاغ ئوتلاقلىرى ۋە چۆللۈكلەردە ياشايدۇ. بىراق، ياۋا تۈرى ھازىر ئاللىقاچان يوقالغان.[1]
پرژىۋالسكى ياۋا ئېتىتېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 210 سانتېمتىر، مۈرە ئېگىزلىكى تەخمىنەن 110 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 90 سانتىمېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 350 كىلوگرام كېلىدۇ. بېشى چوڭ، بوينى توم، قۇلىقى ئېشەكنىڭكىگە قارىغاندا قىسقا، تۇيىقى كەڭ ھەم ياپىلاق. سىرتقى كۆرۈنۈشى ئاتقا ئوخشايدۇ، لېكىن پېشانىسىدە ئۇزۇن تۈكى يوق، يايىلى قىسقا ۋە تۈز. يازلىق يۇڭى سۇس قوڭۇر رەڭلىك، ئىككى تەرىپى ۋە تۆت پۇتىنىڭ ئىچكى يان تەرىپىنىڭ رەڭگى سۇسراق، قورساق قىسمىنىڭ ساغۇچ سۈت رەڭلىك بولىدۇ، قىشلىق يۇڭى سەل ئۇزۇن ھەم توم بولۇپ، سۇس رەڭلىك بولىدۇ، ئىككى مەڭزىدە ئۇزۇن قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك تۈكى بولىدۇ.
ياۋا پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى تاغ ئوتلىقى، كەڭ چۆل ۋە شارائىتى ياخشى بولغان قۇملۇق، جاڭگاللاردا ياشايدۇ.
بېلارۇسىيە، جۇڭگو، گېرمانىيە، قازاقىستان، لىتۋانىيە، بولان، رۇسىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق جايلاردا ياۋا تۈرىنىڭ نەسلى يوقالغان. موڭغۇليە، جۇڭگوغا قايتا كىرگۈزۈلگەن.
«دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى» 2015 ـ يىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر قىزىل تىزىملىك يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلار تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.
جۇڭگو دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.