جوزېف رۇديارد كىپلىڭ

جوزېف رۇديارد كىپلىڭ

ئەنگلىيەلىك يازغۇچى، شائىر، جوزېف رۇديارد كىپلىڭ 1865-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ھىندىستان نىڭ بومباي شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1907-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى جوزېف رۇديارد كىپلىڭ
دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگلىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1865-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى
كەسپى يازغۇچى، شائىر
ئىنگلىزچە نامى Rudyard Kipling
خەنزۇچە ئاتىلىشى 约瑟夫·鲁德亚德·吉卜林
يۇرتى بومباي شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1936-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى بىرلەشمە مۇلازىمەت ئىنستىتۇتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جوزېف رۇديارد كىپلىڭئەنگلىيە لىك يازغۇچى، شائىر، جوزېف رۇديارد كىپلىڭ 1865-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ھىندىستان نىڭ بومباي شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ۋاز كېچىپ، بالدۇرلا جەمئىيەتكە قەدەم قويغان. ئۇ «ئارمىيە-خەلق گېزىتى»، «ئاۋانگارتلار گېزىتى»دە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، كېيىن مەخسۇس ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق يازغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. ئۇ ئۈچ قېتىم شەرەپ ئوردېنىغا ئېرىشكەن ھەم 1907-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نائىل بولغان. 1926-يىلى ئەنگلىيە خانلىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1936-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.

كىپلىڭ 1865-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە تۇغۇلغان. دادىسى ئەنگلىيەگە قارام ھىندىستاندىكى لاھور مۇزېيىنىڭ باشلىقى. مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن كىتاب ئۇنىڭ ئەقىل دەرۋازىسىنى ئېچىپ، ئۇنىڭغا زور خۇشاللىق ئاتا قىلغان. كىپلىڭنىڭ قىسمەن بالىلىق مەزگىلى ھىندىستانلىق بالا باققۇچىنىڭ ساددا ناخشىلىرىنى ئاڭلاش بىلەن ئۆتكەن. دادىسى بىلەن ئانىسى پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، كىپلىڭ بىلەن سىڭلىسىنى ئەنگىلىيەدىكى ياتاقلىق مەكتەپكە ئەۋەتكەن. مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولغاچقا، ئۇلارغا قاراشقا مەسئۇل خورۋېي خانىم ئىككىسىگە كۆڭۈل بۆلەلمىگەن، كىپلىڭنىڭ يېشى كىچىك بولغاچقا، دائىم باشقا بالىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ تۇرغان.

ئۇنىڭ بالىلىق مەزگىلىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز كەچمىشلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازابلىق ئەسلىمە بولۇپ قالغان، ئۇ بۇ ئازابلىق كەچمىشلىرىنى «قارا قوزىچاق» دېگەن ئەسىرىگە كىرگۈزگەن، بۇ ئەسەر ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇ نۇرغۇن ئەسەرلىرىدە بالىلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىگەن.

كىپلىڭ 14 ياشقا كىرگەندە، ئەسكەر تەربىيەلەيدىغان ياتاقلىق مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان.

بۇ كەچۈرمىشى ئۇنىڭ كېيىن يازغان «سىتوگ شىركىتى» رومانىنىڭ خام ماتېرىيالى بولغان. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندە، ئۇ داۋاملىق بىلىم ئېلىش شارائىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئاتا-ئانىسىغا ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمەي، ئاتا-ئانىسى خىزمەت قىلغان لاھور (ھازىر پاكىستانغا تەۋە)غا قايتىپ كېلىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىغان. 

كىپلىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن خوشلاشمايلا ھىندىستانغا قايتقان ھەم ئاتا-ئانىسىغا ھىندىستانغا قايتىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتمىغان، ئۇ پەقەت دادىسىغا: مېنىڭمۇ سىزگە ئوخشاش ئۆز كۈچۈمگە تايىنىدىغان ئادەم بولغۇم بار، دېگەن. ئۇ ھىندىستانغا قايتىپ ئۇزاق ئۆتمەي، لاھوردىكى «ئارمىيە- خەلق گېزىتى»دە ياردەمچى مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن.

كەسىپتە زور ئوتۇق قازىنىشنى كۆڭلىگە پۈككەن كىپلىڭ قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن، نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇپ بىلىمىنى تولۇقلىغان، كۈنبويى ئۈستەلدىن نېرى كەتمەي يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. كىپلىڭ كەمتەرلىك بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ناھايىتى تېزلا گېزىتخانىنىڭ بارلىق ئىش ھالقىلىرىدا بىمالال ئىشلىيەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكەن. ئۇ ئۆتكۈر كۈزىتىش ئىقتىدارى ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ-ئادىتى جەھەتتىكى چوڭقۇر تەتقىقاتى بىلەن ئادەتتە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ فېليەتون ۋە ئىخچام شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان گېزىتتە ئېلان قېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. جاپالىق تەھىررلىك ھاياتى ئۇنىڭ ھېندىستان جەمئىيىتىگە تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكۈشىگە تۈرتكە بولغان.

بۇ كەچۈرمىشلەر ئۇنىڭ كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ مول خام ماتېرىيالىغا ئايلانغان. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇ «ئارمىيە-خەلق گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرلىكىگە ئۆستۈرۈلگەن.

جوزېف رۇديارد كىپلىڭ1884-يىلى ئۇ «ئارمىيە-خەلق گېزىتى» دە «غەم-ئەندىشە بوسۇغۇسىدا» ناملىق تۇنجى ھېكايىسىنى ئېلان قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ «ئورگان قوشاقلىرى»ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرغاندا 21 ياشتا بولۇپ، بۇ شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنىشى بىلەن ئويلىمىغان يەردىن ياخشى باھاغا ئېرىشىپ، شۇ چاغدىكى ئەڭ بازارلىق كىتاب بولۇپ قالغان.

1887-يىلى، ئۇ گېزىتلەردە ئېلان قىلغان قىسمەن ئەسەرلىرىنى رەتلەپ، «دالىدىكى ئاددىي ھېكايىلەر» دېگەن كىتابچە قىلىپ باستۇرۇپ، خېلى زور ئىنكاس قوزغىغان.

ئۇ ھىندىستاندا تۇرۇۋاتقان مەزگىلىدە، شەرق مەدەنىيىتى بىلەن تۇنۇشۇپ چىققان. ئۇ غەرب-شەرق مەدەنىيىتى ئارىسىدىكى پەرقنى تەسۋىرلىگەندە، ئاددىي ۋە تەسىرلىك ۋەقەلىكلەرنى ئاممىباب تىل ئارقىلىق ماھىرلىق بىلەن بايان قىلىپ، قويۇق شەرق پۇرىقىغا ئىگە ئۇسلۇبنى تولۇق ئىپادىلەپ، ئوقۇرمەنلەرنى يېڭىچە مۇھىتقا باشلاپ كىرىپ، ئەنگلىيە ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىدە ئۆزگىچىلىك يارىتىپ، بالىلار ۋە ئاۋامنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن. كىپلىڭ 22 ياشقا كىرگەندە، جۇڭگۇنىڭ قەدىمىي مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ تۈرتكىسىدە جۇڭگۇغا ئىككى قېتىم كەلگەن. كېيىن ئۇ ياپونىيەدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، ئەسەرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كەڭ تارقالغانلىقىنى بايقىغان.

1892-يىلى كىپلىڭ ئەنگلىيەگە قايتىپ كەلگەندە، ئەنگلىيەلىكلەر پىرىستاندا ئۆچرەت تۇرۇپ ئۇنى قىزغىن قارشى ئالغان. ئىككىنچى يىلى، ئۇ «غايىب بولغان نۇر»، «گازارما قوشاقلىرى» دېگەن ھېكايىلەرنى ئېلان قىلغان.

كىپلىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، ئامېرىكىلىق يازغۇچى، قۇشۇمچە نەشر سودىگىرى ۋولك بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان ھەم 1892-يىلى، ۋولك بارشتىنىڭ سىڭلىسى كىسارىن ستا بارشتى بىلەن توي قىلغان. كىپلىڭ ئايالىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن ئەنگلىيەگە قاراپ جەنۇبىي ئافرىقىغا بېرىپ، ئۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، ئىدىيەسىدە زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان. كېيىن ئۇ ئايالى بىلەن ۋېرمونتتا بىر نەچچە يىل تۇرۇپ قالغان، ئۇ مەزگىلدە، بالىلار ئوقۇشلۇقى «ئورمان ھەققىدە ھېكايە» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلغان.

19-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنى كىپلىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىنىڭ مول ھوسوللۇق مەزگىلى بولغان. كىپلىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇسلۇبى ئاددىي، ئۆزگىچە، سۆز-جۈملىلىرى مەردانە ۋە قىزىقارلىق، ئۇ تەسۋىرگە ماھىر بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قوزغاشقا ماھىر يازغۇچى. ئۇ ھەربىيلەرنىڭ ئېسىل ئەخلاق-پەزىلىتى توغرىسىدىكى چوڭقۇر چۈشەنچىسىگە ئاساسەن، ئەسەرلىرىدە ئەسكەر ۋە ماتروسلارنىڭ سۆزلىرىنى ئۆز پېتى ئىشلىتىپ، ھەربىيلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ماھىرلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بەرگەن.

1896-يىلى، «يەتتە دېڭىز» دېگەن شېئىرىنى ئېلان قىلىپ، «ئىمپېرىيە شائىرى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. 1901-يىلى كىپلىڭ ھىندىستان باش تېما قىلىنغان رومانى «جېمو»نى ئېلان قىلدۇرغان. بۇ رومان كېيىن كىپلىڭنىڭ ئەڭ داڭلىق رومانى بولۇپ قالغان. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە تارىخىي ھېكايىلەر توپلىمى «پورك تېغىدىكى پارك» ۋە داڭلىق چۆچەكلەر توپلىمى «بالىلار ئۈچۈن ئاددىي چۆچەكلەر» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدۇرغان.

1886-يىلى: «ئورگان قوشاقلىرى»

1887-يىلى: «دالىدىكى ئىشلار»

1888-يىلى: «قارا قوزىچاق»

1892-يىلى: «گازارما قوشاقلىرى»

1894-يىلى:«ئورمان ھەققىدە ھېكايە»

1896-يىلى:«يەتتە دېڭىز»

1897-يىلى: «باتۇر كاپىتان»

1899-يىلى: «سىتوگ شىركىتى»

1901-يىلى: «جىمۇ»

1902-يىلى: «بالىلار ئۈچۈن ئاددىي چۆچەكلەر»

1906-يىلى: «پورك تېغىدىكى پارك»

«يولۋاس! يولۋاس!»، «كېدىر قارىغىيى ئاستىدا»، «غايىب بولغان نۇر»، «ئورمان ھەققىدىكى كىتاب»، «دېڭىز -ئوكياندىن دېڭىز-ئوكيانغىچە: ساياھەت ئالاقىسى»، «دەل شۇنداق ھېكايە»، «بەش دۆلەت»، «مۇكاپات ۋە ئەۋلىيا»، «ئەسكەرنىڭ ھېكايىسى» قاتارلىقلار بار.

1907-يىلى، جوزېف رۇديارد كىپلىڭغا شىۋېتسىيە ئەدەبىيات ئىنستىتوتى تەرىپىدىن «ئۆزگىچە كۆزىتىش ئىقتىدارى، يېڭىچە تەسەۋۋۇرى، كۈچلۈك تەپەككۇرى ۋە قالتىس بايان قىلىش تالانتى نايامان قىلىنغان» لىقى بىلەن كىپلىڭغا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى بېرىلگەن.

ئۇ ئەنگلىيە بويىچە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى كىشى، شۇنداقلا ھازىرغىچە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەڭ ياش يازغۇچى ھېسابلىنىدۇ. كىپلىڭنىڭ ئەسەرلىرى ئاز بولسىمۇ، لېكىن بىر-بىرىدىن ئېسىل ئەسەرلەر بولۇپ، ئۇ ئۆتكۈر قەلىمى بىلەن پېرسۇناژلارنى جانلىق سۈرەتلەپ بەرگەن. ئۇ ئەسەرلىرىدە تۇرمۇشتىكى نورمال ئەھۋاللارنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، يەنە ھېسسىيات خاھىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەسۋىرلەش ماھارىتىگە تايىنىپ، كىشىلەرگە ئۆزگىچە خىيالىي بوشلۇقنى نايامان قىلغان.

كىپلىڭ: ھادىسىنى يورۇتۇش ئارقىلىق، ئىچكى ماھىيەتنى ئېچىپ بېرىش كېرەك، دەپ قارىغان. شۇڭا، ئۇ ئەسەرلىرىدە چىنلىققا، ئىخچام بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇزۇنغا سوزۇلغان تەسۋىرلەرنى قوللانماي، مەشھۇر سۆز-جۈملىلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان.

1916-،1921-،1924-يىللىرى ئۇ ئۈچ قېتىم شەرەپ ئوردېنىغا ئېرىشكەن.

1926-يىلى يەنە ئەنگلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالتون ئوردېنىغا ئېرىشكەن.

كىپلىڭ ئاجايىپ نەتىجىلىرى بىلەن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن. 

ئىلمىي فانتازىيە ھېكايىچىلىقى غەرب ئەللىرىدە بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەڭ ئاۋۋال مىلادىيەدىن ئىلگىرى 2000-يىلىدىكى «گېلگامېش ئېپوسى» مەنبە قىلىنغان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ قەھرىمانلىق ئېپوسىدا يېرىم تېنى ئادەم، يېرىم تېنى ھايۋان بولغان قەھرىمان شەخس گېلگامېش تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق، قەدىمىي دەۋردىكى خەلقلەرنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان كۈرىشى، تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى، ھايات-مامات سىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ ئېپوس كېيىن گىرېك ئەپسانلىرى ۋە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەلق رىۋايەتلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.

مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىلمى فانتازىيەلىك ھېكايىلەردە ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ئارىسىدىكى كۈرەش ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئىنسانلارنىڭ مەلۇم چەكلىمىدىن قۇتۇلۇش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئارزۇسى ئىپادىلەنگەن. ئۇ تۇرمۇشنى مەنبە قىلىدۇ ھەم تۇرمۇشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئەنئەنىۋى ئاجايىپ-غارايىب ھېكايىلەردە تاشقى ئامىل، ئىلاھىي كۈچ قاتارلىق نامەلۇم كۈچنىڭ كىشىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى تەسۋىرلىنىدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا ئىلمىي فانتازىيەنى كەلگۈسىنى سەھنە، ئىلمىي پىرىنسىپنى ئۆلچەم، تېخنىكىدىن پايدىلىنىشنى ۋاسىتە قىلىدىغان قىياس دېيىشكە بولىدۇ. بارلىق ئىلمىي فانتازىيەلىك ھېكايىلەردە ئېھتىماللىقتىن ئېھتىمالىسىزلىقنى ئىزدەش تەسۋىرلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى ياكى تېڭىرقاشلىرى تۇتقا قىلىنىدۇ. 

20-ئەسىردە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى، ئىلىم-پەن سەۋىيەسى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا يۈكسەلگەن بولۇپ، بۇ ئىلمىي فانتازىيە ھېكايىچىلارنى تېخىمۇ كۆپ مۇمكىنچىلىك بىلەن تەمىنلىگەن. نۇرغۇن ئىلمىي فانتازىيە ھېكايە يازغۇچىلىرى كەينى-كەينىدىن يېتىشىپ چىققان. كىپلىڭنىڭ قىسمەن سىياسىي تۈس ئالغان ئەسەرلىرى كىشىلەر ئارىسىدا تالاش-تارتىش قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پىشقان كۆزىتىش ئىقتىدارى بايان قىلىش ماھارىتى ۋە كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ، 20-ئەسىر دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. 

ئىلمىي فانتازىيە ھېكايە يازغۇچىسى جون ۋۇد كامبېل كىپلىڭنى «تۇنجى ھازىرقى زامان ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىسى» دېگەن. كىپلىڭ ئىلمىي فانتازىيە ھېكايچىلىق ساھەسىدە بولۇپمۇ ئىلمىي فانتازىيە ھېكايچىلىقىنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغان 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىن 50-يىللىرىغىچە زور ئۇتۇق قازانغان. مەسىلەن، خېين رېين ۋە نول ئاندېرسون ئۇنىڭغا يوقىرى باھا بەرگەن.

1912-يىلى كىپلىڭ «كېچىدىكى پوچتالىيۇن» ناملىق ھېكايىسىنى ئېلان قىلغان. ئەينى چاغدا خېين رېين بەش ياشتا بولۇپ، بۇ ھېكايە خېيىن رېيننىڭ ئىجادىىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. خېين رېيىن: «كىپلىڭنىڭ ئەسەرلىرىدىن يېزىقچىلىق ماھارىتىنى ئۆگەندىم» دېگەن. باش پېرسۇناژنىڭ كۆزى ۋە ئارقىلىق تەسەۋۋۇرىدىكى دۇنيانى تەسۋىرلەش يىرىك چۈشەنچە بېرىشتىن بەكرەك ئۈنۈم بېرەتتى. بۇنداق يېزىقچىلىق ماھارىتى كامبېلچە ئىلمى فانتازىيە ھېكايىچىلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالغان. كىپلىڭ ئەسەرلىرىدە ۋاستىلىك تەسۋىرلەش ماھارىتىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، يات مۇھىتنى تەسۋىرلىگەن. بۇنداق ئۇسۇل ئۇنىڭ «جىمۇ» دېگەن ئەسىرىدە تولۇق ئىپادىلەنگەن. بۇ ئەسەر نۇرغۇن ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيىتىگە ئىلھام بەخش ئەتكەن. 

نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىپلىڭنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ئۇرۇش، كېسەل ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىش ئازابى ئىچىدە ئۆتكەن. 1914-يىلى 8-ئايدا، 1-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلايدۇ. كىپلىڭنىڭ ئوغلى جون 1915-يىلى لۇس ئۇرۇشىدا قۇربان بولىدۇ. ئۇرۇش پارتىلىغاندا، ئۇ ئۇغلىنى ھەربىيلىككە ئەۋەتمەكچى بولىدۇ. لېكىن جوننىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بولغاچقا، كىپلىڭ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇنى ھەربىيلىككە قاتناشتۇرىدۇ. كىپلىڭ جوننىڭ ئۆلۈشىدە مېنىڭ زور مەسئۇلىيىتىم بار، دەپ قاراپ، ئۆزىنى ئەيىبلەپ: «كىشىلەر مەندىن <نېمە ئۈچۈن ئۆلىمىز> دەپ سورىسا، مەن ئۇلارغا <ئەجدادلار يالغان ئېيتقان> دەپ جاۋاب بېرىمەن» دەپ يازغان. ئۇ روھىي ئازابىنى يىنىكلىتىش ئۈچۈن، ئەنگلىيەنىڭ ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل تەشكىلات فابىئان ئىمپېرىيە دەپنە ئىشلىرى كومىتېتىغا قاتناشقان.

كىپلىڭ «ئىنجىل» دىن بىر جۈملە سۆزنى نەقىل ئېلىپ، ئۇنى ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلار قەبرىستانلىقىدىكى بىر نەچچە چوڭ خاتىرە تاشقا ئويغان ھەم ئوغلى تۇرۇشلۇق ئىرېلاندىيە مۇھاپىزەت قىسمىنىڭ تارىخىنى خاتىرىلىگەن. ئوغلىدىن ئايرىلىش ئازابى ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان ھەم ئۇرۇش ئازابى، مىسكىن روھى ھالەت، ئەسەبىيلىك ۋە ئۆلۈم مەزمۇن قىلىنغان ئەسەرلەرنى يېزىشقا باشلىغان. ئۇ بۇ مەزگىلدە «ھەرخىل كىشىلەر»، «قەرز ئالغۇچى ۋە قەرز بەرگۈچى» قاتارلىق پوۋىستلارنى يازغان.

كىپلىڭ ياشىغان دەۋر ياۋرۇپادىكى جاھانگىر مۇستەملىكىچى دۆلەت ھەدەپ كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقان مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، ئۇنىڭ سىياسىي تۈس ئالغان قىسمەن ئەسەرلىرى كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان. بەزىلەر: كىپلىڭ ئەسەرلىرىدە ھىندىستان مۇستەملىكىچىلىك تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەندە، مۇستەملىكچىلىكنى ئاز-تولا قوللاپ، ھىندىستان قاتارلىق مۇستەملىكە دۆلەتلىرى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ياردىمى بولمىسا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ دەپ قارىغان، بەزىلەر: ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدە ھىندىستاننىڭ غەرب دۆلەتلىرى بولمىسىمۇ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى قاراشلار ئىپادىلەنگەن، مەسىلەن، «بىپايان ئورمان ھەققىدەك چۆچەك» تە، ھىندىستانلىق بالا ماكېلىنىڭ تۈرلۈك خەتەرلەرنى يېڭىپ، باتۇرلارچە ياشىغانلىقى ھېكايە قىلىنغان مانا بۇ ئەڭ ياخشى ئىسپات بولالايدۇ، دېگەن.

ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەر ئۇنىڭغا تۈرلۈك باھالارنى بېرىپ كەلگەن، لېكىن مۇستەملىكچىلىك دەۋرىنىڭ تەدرىجىي ئۆتمۈشكە ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، كىپلىڭ ئەسەرلىرى يۈكسەك ئەدەبىيلىكى ۋە مۇرەككەپلىكى بىلەن بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#