چاكاندا
چاكاندا بولسا ئۆسۈملۈكنىڭ چۆپسىمان غولى تېبابىتىمىزدە «ئەمسۇخ»، «چاكاندا» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئاغرىق توختىتىش، نەزلە سۇيۇقلۇقىنى توختىتىش خۇسۇسىيىتى بار.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
چاكاندا بولسا چاكاندا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامانغوللۇق كىچىك چاتقان ئۆسۈملۈك چۆپسىمان چاكاندا، قىرىق بوغۇمسىمان چاكاندا ياكى ئوتتۇرا چاكاندىدىن ئىبارەت بولۇپ بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ چۆپسىمان غولى تېبابىتىمىزدە «ئەمسۇخ»، «چاكاندا» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ جىلىن، لياۋنىڭ خېبىي، خېنەن، سەنشى، جياڭشى، ئىچكى موڭغۇلىيە، گەنسۇ، سىچۈەن، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردىن، شىنجاڭ خوتەندىن چىقىدۇ.
توسالغۇلارنى ئېچىش، تەرلىتىش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئىچىكى ئەزالارنى كۈچلەندۈرۈش، ئاغرىق توختىتىش، نەزلە سۇيۇقلۇقىنى توختىتىش خۇسۇسىيىتى بار.
چاكاندا ئىشقارى
① يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: ئېفېدرىننىڭ قان – تومۇرلارنى تارايتىش تەسىرى نىسبەتەن ياخشى. قان – تومۇرلارنى تارايتىش تەسىرى ئاجىز،شۇڭا بۇرۇن شىللىق پەردىسىنىڭ ئىششىقىغا ئىشلىتىلىدۇ، تارايتىش تەسىرى بولسىمۇ، ئەمما ئىككىلەمچى قان تومۇرنى كېڭەيتىش تەسىرى يوق. ئۇ تاجسىمان قان تومۇرنى كېڭەيتىدۇ، تاجسىمان قان تومۇردىن ئۆتىدىغان قان مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ. باش مېڭە ئۈستۈنكى ئارقا ياپرىقى ئاجراتمىسى (پروگېسترون پوسېتىرىيور) بىلەن بىرلىشىپ قان تومۇر بېسىمىنى ئۆرلەتكەن چاغدا،كۆپ مىقداردىكى پىروگىستىرون پوستىرىيود كەلتۈرۈپ چىقارغان تاجىسىمان قان تومۇر قىسقىراش ۋە يۈرەك تورمۇزلىنىشنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ.
② مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: ئېفېدرىن ئەگەر يۇقىرىراق داۋالاش دوزىسىدا ئىشلىتىلسە، مېڭە پوستلاقى ۋە پوستلاق ئاستىدىكى مەركەزلەرنى دەرھال قوزغىتىدۇ، نەتىجىدە روھىي قوزغىلىش، ئۇيقۇسىزلىق، بىئاراملىق، تىترەش قاتارلىق ئالامەتلەر سادىر بولىدۇ. ھەمدە نەپەسلىنىش مەركىزىي ۋە قان تومۇرلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش مەركىزىنى قوزغىتىدۇ.
③ توغرا يوللۇق مۇسكۇللارغا بولغان تەسىرى: ئېفېدرىننىڭ كانايچىلار توغرا يوللۇق مۇسكۇللىرىنىڭ سپازمىسىنى بوشىتىش تەسىرى بار.
④ ئېفېدرىن ئىسكىلىت مۇسكۇللىرىغا نىسبەتەن چارچاشقا قارشى تۇرۇش تەسىرىنى بېرىدۇ.
⑤ باشقا تەسىرى: چاكاندا قان قەنتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، لېكىن تەسىرى ئاجىزراق.
1.چاكاندىدىن 10 گرام ئېلىپ، رەيھان شەربىتى بىلەن ئىچسە، چوقۇققا پايدا قىلىدۇ. ئىچكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
2. 5 گرام چاكاندىنى ئېزىپ، ئەنجۈر بىلەن ئىچسە، يۆتەل ۋە نەپەس سىقىشقا پايدا قىلىدۇ.
3. چاكاندىنىڭ قۇرۇقىدىن 15 گرام ئېلىپ، يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ ئىچسە، جىگەر ۋە يۈرەك ئاجىزلىقىغا پايدا قىلىدۇ.
10.4 گرام چاكاندا بىلەن 7 گرام سانانى قاينىتىپ، ئۈزۈم سۈيى بىلەن ئىچسە، رەڭگىرويىنى چىرايلىق قىلىدۇ. بەدەننى سەمرىتىدۇ، بالىياتقۇنى تازىلايدۇ. ئاز ئىچسە، ئىچىنى سۈرىدۇ.
5. قۇرۇتۇلغان چاكاندىدىن 7 گرامنى سوقۇپ تالقىنىنى سىرتىدىن سەپسە، قان توختىتىدۇ. جاراھەتكە گۆش ئۈندۈرىدۇ.
رەيھان شەربىتى، زۇفا شەربىتى.
چۆپسىمان سېرىق غوللۇق چاكاندا تەركىبىدە %2 – 1 كىچە ئالكالوئىد بار. بۇنىڭ ئىچىدە %90 ~ 40 ئېفېدرىن (Ephedrien) بار، يەنە ئۇچۇچان ماي بار. قىرىق بوغۇمسىمان چاكاندا تەركىبىدە تەخمىنەن %1.5 كىچە ئالكالوئىد بار. بۇنىڭ ئاساسلىقى ئېفدىرىن ۋە پىسېۋدو ئېفېدرىن (Pseudo Ephedrinum) دىن ئىبارەت. بۇ، يەنە تاننىن، فىلاۋون گلۇكوزىد، دىكىسترىن (desttin) كىراخمال، مېۋە يېلىمى، تالالىق ماددىلار. گلوكۇزا قاتارلىق بىرىكمىلەر ۋە چۆپ كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى، ئالماس كىسلاتاسى قاتارلىق ئورگانىك كىسلاتالار بار. ئوتتۇرا چاكاندا تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئېفېدرىن بار. ئازراق تاننىن فلاۋون گلۇكوزىد، دىكىستىرىن، كراخمال، مېۋە يېلىمى، تالالىق ماددىلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.