جۇڭگو بانكىسى

جۇڭگو بانكىسى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت تاشقى پېرېۋوت كەسپىنى بېجىرىدىغان مەخسۇس بانكا. ئۇ جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تاشقى پېرېۋوت كەسپىنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ ۋە تىجارەت قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭگو بانكىسى
چەتئەلچە نامى Bank of China
قۇرۇلغان ۋاقتى 1912-يىلى
تور بېكىتى http://www.boc.cn/
خەنزۇچە نامى 中国银行
باش ئورنى بېيجىڭ فۇشىڭمېن ئىچكى چوڭ كوچىسى 1 - نومۇر
شىركەت خاراكتېرى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مۇستەقىل سودا بانكىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭگو بانكىسىجۇڭگو خەلق بانكىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ تەكتى چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا قۇرۇلغان بۈيۈك چىڭ سۇلالىسى بانكىسى. 1912-يىلى جۇڭگو بانكىسىغا ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، ئەينى چاغدا ھۆكۈمەت بىلەن سودىگەرلەر بىرلىشىپ باشقۇرغان. 1928-يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا پۇل پېرېۋوت بانكىسىغا ئايلانغان. 1949-يىلى جۇڭگو بانكىسىنى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، باش ئورگىنىنى شاڭخەيدىن بېيجىڭغا كۆچۈرۈپ كەلگەن. 1953-يىلى گوۋۇيۈەن «جۇڭگو بانكىسى نىزامى» نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو بانكىسىنى دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت كەسپىي بانكىسى قىلىپ بەلگىلىدى. 1979-يىلى گوۋۇيۈەن جۇڭگو بانكىسىنى گوۋۇيۈەنگە بىۋاسىتە قاراشلىق بانكا قىلىپ تەستىقلىدى. 1983-يىلى گوۋۇيۈەنگە قاراشلىق ئىدارە دەرىجىلىك ئىقتىسادىي گەۋدە قىلىپ ئۆزگەرتىلدى ۋە كەسپىي جەھەتتە مەركىزىي بانكا بولغان جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىش بەلگىلەندى.

جۇڭگو بانكىسى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە مۇھىم پورت، شەھەرلەردە تارماق ئاپپارات تەسىس قىلغان، دۆلەت سىرتىدىكى سودا، پۇل مۇئامىلە مەركەزلىرىدىمۇ تارماق ئورگان ياكى ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلغان. ئۇنىڭ لوندون، نيۇ يورك، سىنگاپور، ليۇكسېمبورگ، شياڭگاڭ قاتارلىق خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركەزلىرىدە تارماق بانكىسى بار، توكيۇ، پارىژدا ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىش ئورنى بار. جۇڭگو بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى150 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوننىڭ نەچچە مىڭ بانكا ئاپپاراتى بىلەن كەسپىي ئالاقىسى بار.

جۇڭگو بانكىسىنىڭ باش بانكىسى بېيجىڭدا بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇدىرىيەت ۋە نازارەت ئورگىنى تەسىس قىلىنغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى: دۆلەت تاشقى پېرېۋوت مەبلىغىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت كىرىم-چىقىمىنى بىر تۇتاش بېجىرىش؛ بارلىق تاشقى پېرېۋوت كەسپى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك خەلق پۇلى كەسپىنى باشقۇرۇش؛ تاشقى سودا ۋە غەيرىي سودىغا ئائىت خەلقئارا راسچوتنى بېجىرىش؛ تاشقى سودا كرېدىتى، جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار كرېدىتى، ئېكسپورت كرېدىتى، خەلقئارا بانكا كرېدىتى، خەلقئارا ھاۋالە مەبلەغ ئىشلىرى، خەلقئارا ئىجارە ئىشلىرىنى بېجىرىش؛ دۆلەتنىڭ ھوقۇق بېرىشى ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، چەت ئەل ھۆكۈمىتى ۋە مەركىزىي بانكا بىلەن توختام تۈزۈش، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشتىن ئىبارەت.

جۇڭگو بانكىسى تاشقى پېرېۋوت كەسپى جەھەتتە دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت كەسپىي بانكىسىلىق رولى؛ ئادەتتىكى خەلقئارا سودا بانكىسى رولى؛ ئېكسپورت كرېدىت بانكىسىلىق رولى؛ ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ بانكىسىلىق رولى؛ مەركەزلىك مەبلەغ جۇغلاش رولىدىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك فۇنكسىيىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎتى 

 جۇڭگو بانكىسى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن، ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﻣﺎ ﺋﻪۋزەللىك بويىچە، بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ ئەسەرلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىق شارائىتى جەھەتتە پەرقى زور مەھسۇلاتلار ۋە مۇلازىمەتچىلىكنى جوڭگوغا تۇنۇتۇش؛ ئىچكى تەرتىپ ھەرىكەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، خەۋپ – خەتەر باشقۇرۇش سىستېمىسى، كرېدىتكە ئائىت تەدبىرلەرنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي ۋە ئاشكارا بولۇش؛ بوغالتىرىيە پرىنسىپى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش لازىم كەسىپ بىر تەرەپ قىلىش بويىچە، ئاشكارىلىقى ئاشۇرۇلىدۇ؛ شۇنىڭدەك بۇ تۈزۈم ئۈچۈن خىزمەت ئورنىتىپ، قاتتىق نىشانلىق مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى رىغبەتلەندۈرۈش - چەكلەش مېخانىزمى؛ تەربىيىلەش ۋە يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بانكىسى يېتىلدۈرۈش مەدەنىيەتنى سېستىمىلىق بايان قىلىش. 

شىركەت باشقۇرۇش 

قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسى زامانىۋى شىركەت تۈزۈمىنىڭ يادروسى.  جۇڭگو بانكىسى شىركەت باشقۇرۇشنى ئۆستۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ياخشى پايچىكلار قىممىتى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىنى مۇھىم ۋاستە قىلىپ، تىجارەت نەتىجىسى ياخشى يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئايدىڭ بولغان، ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدىغان، ماسلىشىپ ئايلانغان - ئايلانمىغانلىقى شىركەت تۈزۈش مېخانىزمىنى بېكىتىش. 

جۇڭگو بانكىسىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت ۋېكسىل كەسپى، شىركەت، شەخسلەر پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ كەسپى، مەبلەغ خەلقئارا مۇلازىمەت كەسپى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قاتارلىق كەسپلەرنى بىجىرىدۇ. 

جۇڭگو بانكىسى سەمىمىيلىكنى ئاساس قىلىش،  پۇل مۇئامىلە كەسپىنى مەملىكەت ئىچىدە  گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ كەلدى، مۇھىت تەكشلىكنى  ۋە بازارنى كېڭەيتىش،  سالماقلىق بىلەن تىجارەت قىلىپ كۈچلۈك ئىرادە بىلەن ئىسلاھ ئېلىپ بېرىپ ، ئىگىلىك تىكلەش روھى  ۋە ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ قەيسەرلىك بىلەن كورسەتتى ،  تىجارەت نەتىجىسى بانكا كەسپىي ۋە كەسىپداشلار ئارا ئىلغار ئورۇندا تۇرۇش. چەت ئەلگە ھەمدە مەملىكەت ئىچىگە  شۆبە ئاپپارتلارنى  ئىزچىل ھالدا كېڭەيتىپ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندىكى تارىخىدا   شانلىق سەھىپە بولۇپ قالدى .

جۇڭگو بانكىسى كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىناۋىتى ۋە ئۇتۇقلىرى ياردەمگە ئېرىشتى نەشىرىياتچىلىقتا، مۇئامىلىدار ۋە نوپۇزى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.  ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 9 قېتىم  « ياۋروپا پۇلى »  ۋە « جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى » ۋە « ئەڭ ياخشى دۆلەت ئىچىدىكى بانكا »؛ ئۇدا 16 يىل « بايلىق » ژۇرنىلى باھالاپ چىققان دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، « مەبلەغ » تەرىپىدىن « جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى دۆلەت ئىچىدىكى بانكا »؛ ئامېرىكا « يەر شارى پۇل مۇئامىلىسى » ژورنىلى تەرىپىدىن « جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى سودا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بانكا » ۋە « جۇڭگو ئەڭ ياخشى تاشقى پېرېۋوت بانكىسى »؛ « يىراق شەرق ئىقتىساد ئوبزورى » تەرىپىدىن « جۇڭگونىڭ رايونلار مەھسۇلاتلارغا مۇلازىمەت ئون كۈچلۈك كارخانا »؛ شياڭگاڭ جۇڭيىن قايتا بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ « مەبلەغ سالغۇچىلار مۇناسىۋىتى »، « ئەڭ ياخشى IPO مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مۇكاپاتى » ۋە « ئاسىيا پۇل مۇئامىلە »، « ئەڭ ياخشى سود، ئەڭ ياخشى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش مۇكاپاتى » قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.  [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/9609.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#