پۇت-قولنى بوغۇپ داۋالاش

پۇت ۋە قولىنىڭ مەلۇم قىسمىنى بوغۇش ئارقىلىق زەھەرلىك ھاشاراتلارنىڭ زەھىرىنىڭ يۇقىرىغا ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۆتكۈر قاناشتا قاننىڭ كۆپ ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پۇت-قولنى بوغۇپ داۋالاش - پۇت ۋە قولىنىڭ مەلۇم قىسمىنى بوغۇش ئارقىلىق زەھەرلىك ھاشاراتلارنىڭ زەھىرىنىڭ يۇقىرىغا ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۆتكۈر قاناشتا قاننىڭ كۆپ ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، يۈرەك، مېڭىگە ئوخشاش رەئىس ئەزالارنى قوغداش، زەھەرلىك ھاشاراتلار چېقىۋالغاندا زەھەرنىڭ يۇقىرى ئۆرلەپ باشقا ئەزالارنىڭ زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى قاناشلاردا قاننىڭ كۆپ ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە پۇت - قوللار بۇغۇلىدۇ. قول تەرەپنى بوغقاندا قولتۇق قىسمىدىن بوغۇش، ئەگەر پۇت تەرەپتىن بوغۇشقا توغرا كەلسە يوتىنىڭ تۈۋەن يىرىقتىن باشلاش،بەزى كېسەللىكلەردە ئەھۋالغا قاراپ جەيەك بوغۇمىدىن بوغۇش، پۇت تېز بوغۇمىدىن بوغۇش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ. ئەگەر زەھەرلىك ھاشاراتلار چېقىۋالغاندا بولسا ئىككى تەرەپتىن بوغۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. بەزى بۇرۇن قاناش ئېغىزدىت قان كېلىشلەردىمۇ چوڭ بارماقنى بوغۇش، پۇت - قولنى بوغۇش ئارقىلىق ماددىنى تارقىتىپ قاننى توختىتىشقا بولىدۇ. بوغۇلىدىغان ئەزالاردا قوشۇمچە كېسەللىك بولماسلىقى، بەك قاتتىق بوغۇپ ئاغرىق پەيدا قىلىش دەرىجىسى بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر قاتتىق سىقىراپ ئاغرىپ كەتسە پات - پات يېشىپ يەنە قايتا بوغۇش، بوغقان ئورۇننى يېشىشتە قول بوغۇلغان بولسا ئۇنى يېشىشتە ئىككى قولنى ئىلمان سۇغا تىقىپ تۇرۇپ يېشىش، ئىككى پۇتنى بوغقان ئورۇننى يېشىشتە ئىككى پۇتىنىڭ تاپىننى ئىلمان سۇغا چىلاپ تۇرۇپ ئاندىن يېشىش لازىم.

[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=6&contentNameId=1122

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#