ئەڭ دەسلەپكى رادىئو ئاڭلىتىش

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئامېرىكىدا تىسبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى فىسسېندېن 1906-يىلى 25-دېكابر كۈنى يەنەى روژدېستۋو بايرىمىنىڭ ھارپىسى كەچ سائەت سەككىز ئەتراپىدا ماسسا چۇسېتسى شىتاتىنىڭ بلانىتيان دېگەن جايىدىكى دۆلەتلىك ئېلېكتر سايمانلىرى شىركىتىنىڭ 128 مېتىر ئېگىزلىكتىكى رادىئو مۇنارىدىن تۇنجى قېتىم رادىئو ئاڭلاتتى. رادىئودا تەۋراتتىكى لۇكا ئىنجىلىدا ئېيتىلغان ئەيسانىڭ تۇغۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايە، ئىسكىرىپكا بىلەن ئورۇنلانغان مۇزىكا، گېرمانىيە مۇزىكانتى ھېندېل ئىشلىگەن «شادىيانە» قاتارلىق مۇزىكىلار ئاڭلىتىلدى. كىشىلەر بۇنى ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق رەسمىي رادىئو ئاڭلىتىش دەپ قارىدى. ئەمەلىيەتتە، پېسېندېن 1900-يىلىلا رادىئو ئاۋازى ئېنىق بولمىغان نۇتۇق ئاڭلاتقان ئىدى. بىراق ئامېرىكىلىق بارنېت ستېربوفىدنىڭ 1902-يىلى كېنتۇككى شىتاتىدىكى مۇرې شەھىرىدە بەرگەن بىر قېتىملىق رادىئو ئاڭلىتىشىنى تۇنجى قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك رادىئو دەپ ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ. 

ستېربوفېد باشلانغۇچ مەكتەپتىلا ئوقىغان، شۇنداقتىمۇ ئۇ كەشپىياتچى بولۇپ چىققان. ئۇ 1866-يىلى ژورنالدىن گېرمانىيىلىك گېرتسنىڭ ئېلېكتر دولقۇنى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرىدىن ئىلھاملىنىپ، ئۇنى رادىئو ئاڭلىتىشقا تەتبىق قىلىشقا ئىنتىلگەن. ئۇ ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ ياساش ئارقىلىق، ئەتراپتىكى دەرەخزارلىققا قوبۇل قىلىش ئاپپاراتىدىن بەشنى ئورۇنلاشتۇردى، مۇرې مەيدانىغا ئاۋاز كۈچەيتكۈچى كاناي ئورناتتى، لېكىن ئۇ تەجرىبىنى باشلاشتا جىددىيلىشىپ قېلىپ نېمىنى ئاڭلىتىشنى بىلەلمەي قالدى. كېيىن ئوغلىنى چاقىرىپ، ئۇنى كاناي ئالدىدا گەپ قىلدۇردى ۋە ئېغىز گارمونى چالدۇردى. تەجرىبە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، شۇڭا بارنېت ستېربوفېدنى دۇنيا بويىچە تۇنجى رادى. و ئاڭلاتقۇچى دېيىشكە بولىدۇ. 

مۇرې مەيدانىدا رادىئو ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن، يەنە فىلادېلفىيە شەھىرىدە رادىئو ئاڭلىتىلىپ، ۋاشىنگىتون مەنپەئەتدارلىق ئىدارىسىنىڭ مەنپەئەتدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ھازىر كېنتۇككى شىتاتىدىكى مۇرې ئۇنىۋېرسىتېتىدا «رادىئو ئاڭلىتىشنىڭ ئاتىسى» دېگەن خاتىرە مۇنارىمۇ ئورنىتىلغان.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#