دانىخورەك

دانىخورەك

دانىخورەك ياشلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان تېرە كېسەللىكى، ئادەتتە تېرىنىڭ مايلىقلىق دەرىجىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، بەدەندىكى ئاجرىتىپ چىقىرىلغان ھورمۇنلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ قالايمىقانلىشىشى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەردىن، تېرە ئاستىدىكى مايلار تېرە سىرتىغا تولۇق چىقىرىلماي يىغىلىپ قالغانلىقتىن دانىخورەك پەيدا بولىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى دانىخورەك
كېسەللىك سەۋەبى يېمەك-ئىچمەك، ھاۋا كىلىماتى، ئىرسىيەت،قان بۇزۇلۇش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ياش ئەر - ئاياللار
كېسەللىك ئورنى يۈز قىسىمى , دۈمبە قىسمى ۋە كۆكرەك قىسمى
ئاساسلىق ئالامىتى قىزىل مودۇلار چىقىپ، تېرە يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ ئۇچى ئاقىرىشى، سىققاندا بەتبۇي پۇراقلىق، يىرىڭلىق ئۇيۇل ماددا چىقىش، سىققان جاي ئويمانلىشىش، بەزىدە يىرىڭلاش، قىچىشىش، ئاغرىش
خەنزۇچە نامى 寻常痤疮
تەۋە بۆلۈم تېرە بۆلۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دانىخورەكسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، يېمەك-ئىچمەك، ھاۋا كىلىماتى، ئىرسىيەت قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار شۇنداقلا قان بۇزۇلۇش ۋە بەلغەمگە غەيرىي تەبىئىي سەۋدانىڭ قوشۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: يۈز، پېشانە، يوتا، يۇقىرىقى دۈمبە قاتارلىق ياغ بەزلىرى كۆپرەك ئورۇنلاردا پەيدا بولۇش بىلەن بىللە، دەسلەپتە تېرىدىن پەرقسىز دۆڭچە ئەسۋە كۆرۈلۈش، سىققاندا سۇس سېرىق ياغ نۆكچىسى چىقىش، كېيىنچە قىزىل مودۇلار چىقىپ، تېرە يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ ئۇچى ئاقىرىشى، سىققاندا بەتبۇي پۇراقلىق، يىرىڭلىق ئۇيۇل ماددا چىقىش، سىققان جاي ئويمانلىشىش، بەزىدە يىرىڭلاش، قىچىشىش، ئاغرىش، بەزىلەردە يىرىڭلىق خالتىلىق ئىششىق شەكىللىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: چىلان 50 دانە، ئىتئۈزۈمى 20 گىرام، ئەينۇلا 30 دانە، سەرپىستان 50 دانە، تەمرى ھىندى 30 دانە، كاسىنە ئۇرۇقى 25 گىرام، تەرەنجىبىن مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ بىر چىنە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، يېرىمى قالغاندا تەرەنجىبىننى سېلىپ قوشۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: سۇزاپ، مۇرمەككى، كىبرىت، سۆگەتگۈل تەڭ مىقداردا، سىركە مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.

3-رېتسېپ

دانىخورەكتەركىبى: سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، قارا ھېلىلە 15 گىرامدىن، سەبرە سۇقۇترى 21 گىرام، سوقمونىيا 5. 7 گىرام، شاھتەررە 100 گىرام، قىزىلگۈل 5. 7 گىرام، سانا ئالتە گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ئەرىقى شاھتەررە بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 8 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ) .

ئاياللارنىڭ تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر بولسا يۈزىگە ئاسانلا دانىخورەك پەيدا بولىدۇ، ئەلۋەتتە، يۈزگە دانىخورەك پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئىنتايىن كۆپ. يانفونغا ئۇزاق قارىسىمۇ دانىخورەك پەيدا بولىدۇ، ھازىرقى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ ئىلغارلىشىشقا ئەگىشىپ، كىشىلەر يانفونغا كۆپ قارايدىغان بولدى. ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، يانفونغا بەك ئۇزاق قارىغاندا يۈز ۋە بويۇن قىسمىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، دانىخورەك پەيدا قىلىدىكەن.

دانىخورەك   تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، سىمسىز ئەسۋابلار بىلەن يۈز قىسمىنىڭ تېرىسى ئۇچرىشىش ۋاقتى ئۇزاق بولغاندا، بۇ يەر تۆشۈكچىلىرىنىڭ ئېتىلىپ قىلىشى ھەمدە ماينىڭ يىغىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يانفون ئىشلەتكەندە، نەپەس ئالغاندا چىققان ئىسسىق ھاۋا يانفون يۈزىدىكى مىكروبلارنىڭ كۆپىيىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن. يانفون يۈز قىسىم بىلەن كۆپ ئۇچراشقاندىن كېيىن يۈزىدىكى مايلاردا رېئاكسىيە كۆرۈلۈپ، مىكروبلارنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، شۇڭا ئاياللار يانفوندا سۆزلىشىش ھەم ئىشلىتىش ۋاقتىنى قىسقارتىشى ھەمدە دوختۇرخانىغا قەرەللىك بېرىپ يۈز تېرىسىنى تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

لەگلەك تورىدىن ئېلىندى 

http://leglek.cn/news.php?id=16912

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    80%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    20%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#