ئۈچ پادىشاھلىق

ئۈچ پادىشاھلىق

ۋېي، شۇ، ۋۇ ئۈچ پادىشاھلىقنىڭ تىركىشىپ تۇرۇشى. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىنى ئاۋۋال قۇرۇلغان ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ خۇاڭچۇ يىلنامىسىنىڭ تۇنجى يىلى (مىلادىيە 220-يىلى) دىن باشلاپ ھېسابلىساق، ئەڭ ئاخىردا مۇنقەرز بولغان ۋۇ پادىشاھلىقىنىڭ تيەنجى يىلنامىسىنىڭ 4-يىلى (مىلادىيە 280-يىلى) ئاخىرلاشقىچە جەمئىي 61 يىل داۋاملاشتى. ئۈچ پادىشاھلىقنىڭ شەكىللىنىش تارىخىنى ئۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا سۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئۈچ پادىشاھلىق
خەنزۇچە نامى 三国
ئاساسلىق دىنى داۋجياۋ دىنى، بۇددا دىنى
سىياسىي تۈزۈلمىسى پادىشاھىلىق مۇستەبىتلىك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى
ئەلباشى ساۋ ساۋ،سۇن چۈەن،ليۇ بېي
قىتئە تەۋەلىكى ئاسىيا
پايتەختى لوياڭ،چېڭدۇ،جيەنيي
باشقا نامى Three kingdom

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋېي، شۇ، ۋۇ ئۈچ پادىشاھلىقنىڭ تىركىشىپ تۇرۇشى - شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى مىلىتارىستلارنىڭ قوشۇۋېلىش يۈزىسىدىن ئېلىپ بارغان قالايمىقان ئۇرۇشلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان فېئودال بۆلۈنمە ۋەزىيەت. ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىنى ئاۋۋال قۇرۇلغان ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ خۇاڭچۇ يىلنامىسىنىڭ تۇنجى يىلى (مىلادىيە 220-يىلى) دىن باشلاپ ھېسابلىساق، ئەڭ ئاخىردا مۇنقەرز بولغان ۋۇ پادىشاھلىقىنىڭ تيەنجى يىلنامىسىنىڭ 4-يىلى (مىلادىيە 280-يىلى) ئاخىرلاشقىچە جەمئىي61 يىل داۋاملاشتى. ئۈچ پادىشاھلىقنىڭ شەكىللىنىش تارىخىنى ئۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا سۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. 

شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا، سېرىق ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەرقايسى جايلاردىكى بۆلۈنمە كۈچلەر ئۇزاققىچە قالايمىقان ئۇرۇش قىلىشتى. ساۋ ساۋ شۈيچاڭنى تايانچ بازا قىلىپ، ھازىرقى خېبېي دائىرىسىدىكى كەڭ زېمىننى ئىگىلىدى ھەمدە خەن شيەندىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق تەڭرىقۇتنى ئارىغا ئېلىپ ئۇنىڭ نامىدا بەگلىكلەرگە پەرمان چۈشۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. ئۇ ئۆزى ئىگىلىگەن جايلاردا بوز يەر ئاچتۇرۇپ، لەشكەرلىرىنى يېتەرلىك تەمىناتقا ئىگە قىلدى. مىلادىيە 200-يىلى ساۋ ساۋ بىلەن يۈەن شاۋ گۇەندۇ(ھازىرقى خېنەندىكى جۇڭمۇنىڭ شەرقىي شىمالى) دا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى، ساۋ ساۋ ئاز كۈچ بىلەن ئۈستۈن لەشكىرىي كۈچكە ئىگە يۈەن شاۋنى مەغلۇپ قىلىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى كەڭ رايونلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ كۈچلۈك مىلىتارىستقا ئايلانغانىدى.

ئۈچ پادىشاھلىقنىڭ تىركىشىپ تۇرۇشىمىلادىيە 208-يىلى ساۋ ساۋ زور قوشۇننى باشلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، جىڭجۇ-شياڭجۇلار(ھازىرقى خۇبېينىڭ جياڭخەن رايونى) نى قولغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جاينى كونترول قىلدى. ئارقىدىنلا چاڭجياڭ دەرياسىنى بويلاپ يۈرۈش قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى رايونىدىكى سۇن چۈەننىڭ بۆلۈنمە كۈچىنى يوقاتماقچى بولدى، نەتىجىدە، مەشھۇر «چىبى ئۇرۇشى» پارتلىدى. ساۋ ساۋ قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى، سۇن چۈەن - ليۇ بېي بىرلەشمە قوشۇنى غەلىبىگە ئېرىشتى. جەڭدىن كېيىن، ساۋ ساۋ شىمالغا چېكىندى، سۇن چۈەن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى رايونلىرىنى داۋاملىق ئىگىلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە چاڭجياڭنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن رايونلىرىغا تەرەققىي قىلدى، ليۇ بېي جىڭجۇ، شياڭجۇ ئايماقلىرىدىكى قىسمەن رايونلارغا، كېيىن يەنە يىجۇ(ھازىرقى سىچۇەن) غا ئىگە بولدى. ئۈچ پادىشاھلىقنىڭ تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

مىلادىيە 220-يىلى ساۋ ساۋ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ساۋ پى خەن شيەندىنى تەختتىن چۈشۈرۈپ ئۆزى پادىشاھ بولۇپ، ۋېي پادىشاھلىقىنى قۇردى، بۇ تارىختا «ساۋ جەمەتىنىڭ ۋېي پادىشاھلىقى» دەپ ئاتالدى، لوياڭ پايتەخت قىلىندى. كېيىنكى يىلى (221-يىلى) ليۇ بېي ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، خەن پادىشاھلىقىنى قۇردى، بۇ پادىشاھلىق يەنە «شۇ-خەن پادىشاھلىقى» دەپمۇ ئاتالدى، بۇ ھاكىمىيەت چېڭدۇنى پايتەخت قىلدى. 229-يىلىغا كەلگەندە، سۇن چۈەنمۇ ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، ۋۇ پادىشاھلىقىنى قۇردى، بۇ پادىشاھلىق يەنە «سۇن جەمەتىنىڭ ۋۇ پادىشاھلىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ھاكىمىيەت جيەنيي(ھازىرقى جياڭسۇدىكى نەنجىڭ) نى پايتەخت قىلدى.

ساۋ ساۋ ۋېي پادىشاھلىقى

ساۋ ساۋ - ۋېي پادىشاھلىقى

سۇن چۈەن ۋۇ پادىشاھلىقى

سۇن چۈەن - ۋۇ پادىشاھلىقى

ليۇ بېي خەن پادىشاھلىقى

ليۇ بېي - خەن پادىشاھلىقى

ئۈچ پادىشاھلىقنىڭ تىركىشىپ تۇرۇشىۋېي پادىشاھلىقى ھاكىمىيىتى ساۋ ساۋنىڭ تۆھپىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى ئىگىلىدى، ئۇنىڭ ئىگىلىگەن زېمىنى كەڭ، دۆلەت كۈچى قۇدرەتلىك بولۇپ، ئۈچ پادىشاھلىق ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈكى ئىدى. پادىشاھلىق قۇرۇلغاندىن كېيىن بوز يەر ئېچىش تۈزۈمىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئۆي-ماكانسىزلارنى يىغىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قاقاس يەرلەرنى ئاچقۇزۇپ، شىمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ليۇ بېي جۇگې لياڭنى ۋەزىرلىككە قويۇپ، ئادىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى، يىجۇ رايونىنىڭ «جەننەت» دېگەن نامى بولۇپ، تۇپرىقى مۇنبەت ئىدى، دۇجياڭ توسمىسى سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق چېڭدۇ تۈزلەڭلىكى سۇغىرىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تەرەققىي قىلدى. ليۇ بېي ليۇ فامىلىلىكلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان خەن سۇلالىسى ئەنئەنىسىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، جىڭجۇ، يىجۇلاردىكى پومېشچىكلار گۇرۇھىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ليۇ بېي ئۆلگەندىن كېيىن جۇگې لياڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، «شەرقتە ۋۇ پادىشاھلىقى بىلەن بىرلىشىپ، شىمالدا ۋېي پادىشاھلىقىغا جازا يۈرۈشى قىلىش» سىياسىتىنى يۈرگۈزدى، گەرچە يىلمۇيىل جەڭ قىلغان بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا دۆلەت كۈچى ئاجىز بولغاچقا، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلمىدى. ۋۇ پادىشاھلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن تاشقى جەھەتتە شۇ-خەن پادىشاھلىقى بىلەن بىرلىشىپ، ۋېي پادىشاھلىقىغا بىرلىكتە قارشى تۇردى، ئىچكى جەھەتتە چوڭ پومېشچىكلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەپ، جەنۇبنى ئېچىشنى تېزلىتىپ، تەسىر كۈچىنى لىڭنەن رايونى ۋە مېنجۇڭ رايونلىرىغىچە كېڭەيتتى. ۋۇ پادىشاھلىقى ھاكىمىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا، جياڭنەن(چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى) رايونىنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيىتى خېلى تېز تەرەققىي قىلىپ، كېيىنكى دەۋردىكى گۈللىنىشكە ئاساس سالدى. 

ۋېي پادىشاھلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھاكىمىيەت ئۇلۇغ سانغۇن سىما يىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. مىلادىيە 263-يىلى، سىما جەمەتى گۇرۇھىدىكىلەر شۇ-خەن پادىشاھلىقىنى يوقاتتى. شۇ-خەن پادىشاھلىقى 43 يىل مەۋجۇت بولۇپ، ئىككى پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. 265-يىلى، سىما يەن ۋېي پادىشاھلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆزىنى پادىشاھ دەپ ئاتاپ، جىن سۇلالىسىنى قۇردى، بۇ تارىختا غەربىي جىن سۇلالىسى دەپ ئاتالدى. ۋېي پادىشاھلىقى 46 يىل مەۋجۇت بولۇپ، بەش پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. مىلادىيە 280-يىلى غەربىي جىن سۇلالىسى ۋۇ پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈردى. ۋۇ پادىشاھلىقى 52 يىل مەۋجۇت بولۇپ، تۆت پادىشاھ دەۋرىنى باشتىن كەچۈردى. ئەگەر ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىنى غەربىي جىن سۇلالىسى قۇرۇلغان ۋاقىتقىچە ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 45 يىل داۋاملاشقان بولىدۇ.بۇ مەزگىللەردە سانغۇن قۇماندانلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى رەت تەرتىپى مۇنداق1-لۈبو،2-جاۋيۈن،3-گۈەنيۈ،4-ماچىئاۋ5-جاڭفى6-جاۋزىلۇڭ قاتارلىقلار بۇلۇپ،بۇ سانغۇنلار ئەينى ۋاقىتتىكى مەشھۇر ھەربىي قۇماندانلاردۇر.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (5 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    80%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    20%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#