سۆزنەك

سۆزنەك _ سۆزنەك شارچە باكتېرىيەسى (淋球菌) قوزغايدىغان سۈيدۈك ئاجرىتىش-كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ يىرىڭلىق يۇقۇملىنىشى بولۇپ، ئاساسلىق جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق سۈيدۈك يوللىرى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى، تۈز ئۈچەي، مەقئەت ئەتراپى، كۆز، يۇتقۇنچاق يۇقۇملىنىدۇ ھەمدە يەرلىك ياللۇغنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

غەرب تېبابىتى نامى سۆزنەك
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ئەرلەردە
يۇقۇملىنىشى يۇقىدۇ
خەنزۇچە باشقا نامى 淋菌性尿道炎
خەنزۇچە نامى 淋病
تەۋە بۆلۈم تېرە بۆلۈمى , جىنسىي كېسەل بۆلۈمى
ئىنگلىزچە نامى Gonorrhea

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بۇ كېسەللىك، جىنسىي ئەزالار ئارقىلىق سۆزنەك باكتېرىيەسىنىڭ بىرىكىشىدىن يەنە بىر كىشىگە يۇقۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئەر − ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يولى تاناسىل ئەزالىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ئوخشاش بولمىغاچقا، سۆزنەك كېسىلى بىلەن ئاغرىغاندا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ.

1. ئەرلەردىكى سۆزنەكتە سۈيدۈك يولىدىكى ياللۇغلۇق ئالامەتلىرى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. يوشۇرۇن دەۋرى 3~2 كۈن بولىدۇ. يېڭى باشلانغاندا سۈيدۈك يولى كۆيىشىش، سانجىلىپ ئاغرىش، سىيگەندە كۆيۈپ ئاغرىش قاتارلىق يېقىمسىزلىقلار بولىدۇ. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن سۈيدۈك يولىنىڭ سىرتقى ئېغىزى روشەن ھالدا قىزىرىپ ئىششىيدۇ ھەم سارغۇچ يېشىل يىرىڭلىق ئاجرالمىلار چىقىدۇ. سۈيدۈك يولىنىڭ سىرتقى ئېغىزى ھەمىشە چاپلىشىپ قىلىپ، ئالامەتلىرى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ياللۇغ ئىچكىرىلەپ مېڭىپ، دوۋساق ياللۇغىنى پەيدا قىلىپ پات − پات سىيىش، سىيىش قىيىنلىشىش ھەتتا سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ئاخىرىداقان سىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە مەزى بېزى ياللۇغى، ئۇرۇق خالتىسى ياللۇغى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئۆتكۈر ياللۇغ ۋاقتىدا داۋالاپ ساقايتىلمىسا، ھەمىشە ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ، سوزۇلما سۆزنەككە ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇ چاغدا ئەتىگەندە ئورنىدىن قوپقاندا ئازراق شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ چىقىپ قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. سۈيدۈك ئاچلىنىپ چىقىدۇ. سيۈدۈك يولىنى ئاغرىۋاتقانلىقىنى ۋە سىيگەندە يېقىمسىزلىق ھېس قىلىدۇ. غىدىقلىنىشقا ئۇچراش ئالامىتى ھەمىشە  ئىغىرلىشىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا سۈيدۈك يولى تارىيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئاياللاردىكى سۆزنەكتە ئاساسەن سۈيدۈك يولى ۋە بالىياتقۇ بوينىغا بۆسۈپ كىرىدۇ. ئاياللارنىڭ سۈيدۈك يولى قىسقا بولغاچقا، يۇقۇملىنىشتىن ئاسانلا دوۋساق ياللۇغى پەيدا بولۇپ، پات − پات سىيىش، سىيىش قىيىنلىشىشنى ھەتتا قان سىيىش كۆرۈلىدۇ. لېكىن ھېسسىي ئالامەتلەر ئەرلەرنىڭكىدىن يېنىك بولىدۇ. تەكشۈرگەندە سىرتقى جىنسىي ئەزا ۋە سۈيدۈك يولىنىڭ سىرتقى ئېغىزىدىكى شىللىق پەردىلەرنىڭ قىزىرىپ ئىششىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. جىنسىي يولنىڭ ئالدى دىۋارى سۈيدۈك يولىنىڭ يۆنىلىشىگە قارا بېسىلغاندا يىرىڭلىق ئاجراتمىلار سۈيدۈك يولى ئېغىزىدىن ئېقىپ چىقىدۇ. سۈيدۈك يول يان بېزى ۋە دەزلىز چوڭ بېزىمۇ قىزىرىپ ئىششىيدۇ. ۋە يىرىڭ پەيدا بولىدۇ. ھەمىشە ئۆتكۈر شەلۋەرەش خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى ۋە تۇخۇمدان نەيچىسى ياللۇغى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.

لابوروراتورىيىلىك تەكشۈرگەندە، مىكروپ ئۆستۈرۈش تەجرىبىسى ئىشلىگەندە سۆزنەك شارچە باكتېرىيىسى تېپىلىدۇ.

سۆزنەك شارچە باكتېرىيەسى نەيسى باكتېرىيە ئۇرۇقدىشىغا تەۋە بولغان گىرام مەنپىي قوش شارچە باكتېرىيەسى، سۆزنەك شارچە باكتېرىيەنىڭ قارشىلىق كۈچى بىر قەدەر ئاجىز، ئىسسىققا، قۇرغاققا ۋە ئادەتتىكى دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىغا نىسبەتەن سەزگۈر بولۇپ 55 سېلسىيە گىرادۇستا بەش مىنۇتتىلا ئۆلىدۇ. قۇرغاق مۇھىتتا 1-2 سائەتلا ياشىيالايدۇ . 

بىمار ۋە كېسەل ئالامىتى بولمىغان باكتېرىيە ئېلىپ يۈرگۈچىلەر . 

ئاساسلىق جىنسىي يول ئارقىلىق يەنى يات جىنسلار، ئوخشاش جىنسلار ئارىسىدىكى جىنسىي ھەرىكەتلەردىن يۇقىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئانىنىڭ تۇغۇت يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ ؛ ئاز قىسىمدىكىلەر ئادەتتىكى تۇرمۇشتىكى ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ، مەسىلەن : سۆزنەك شارچە باكتېرىيەسى بىلەن بىلەن بۇلغانغان كالتە ئىشتان، لۆڭگە ۋە مۇنچا بۇيۇملىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق ۋاسىتىلىك يۇقۇملىدۇ . 

قۇرامىغا يەتكەن جىنسى ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەرنى ئاساس قىلىدۇ، ئەرلەردە ئاياللاردىن كۆپرەك بولىدۇ . 

ئەگەشمە كېسەللىك بولمىغان سۆزنەك (نوقۇل سۆزنەك )

ئەرلەردىكى سۆزنەك شارچە باكتېرىيەلىك سۈيدۈك يولى ياللۇغى 

ئادەتتە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن 2-5 كۈندە پەيدا بولىدۇ. سۈيدۈك يولى ئېغىزى قىزىرىپ ئىششىپ، سىيگەندە ئاغرىپ، سېرىق شىلىمشىق يىرىڭلىق ئاجراتما ئېقىپ چىقىدۇ. ئاجراتمىنى گىرام بويىقىدا بوياپ مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە، كۆپ شەكىلدىكى يادرولۇق ئاق قان ھۈجەيرىسى ئىچىدە تىپىك ھالەتتىكى گىرام مەنپىي قوش شارچە باكتېرىيەسىنى كۆرگىلى بولىدۇ . 

ئاياللار سۈيدۈك كۆپىيىش يوللىرىنىڭ سۆزنەك شارچە باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملىنىشى : 

سۆزنەك شارچە باكتېرىيەلىك بالىياتقۇ بوينى (سۈيدۈك يولى) ياللۇغى : يۇقۇملىنىپ 10 كۈندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ. جىنسى يول ئاجراتمىلىرىنىڭ كۆپىيىشى ياكى غەيرىيلىشىشى، يىرىڭلىق ئاق خۇن كۆپىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بەزى بىمارلاردا سۈيدۈك قايتا-قايتا كېلىدۇ. سىيگەندە ئاغرىيدۇ. سۈيدۈك يولى ئاغزى قىزىرىپ ئىششىيدۇ. سۈيدۈك يولىنى سىققاندا يىرىڭلىق ئاجراتمىلار چىقىدۇ. ھەتتا دەھلىز چوڭ بېزى قاتارلىقلارنىمۇ ياللۇغلاندۇرىدۇ. بەدەن تەكشۈرتكەندە، بالىياتقۇ بوينىغا قان ئۇيۇپ قىزىرىپ ئىششىپ، تەگكەندە ئاغرىيدۇ. بالىياتقۇ بوينى ئېغىزىدىن قان سېرىق رەڭلىك يىرىڭلىق ئاجراتما ماددا ئېقىپ چىقىدۇ . 

گۆدەك قىزلاردىكى سۆزنەك : سىرتقى جىنسى ئەزاسى قىزىرىپ، ئىششىپ، كۆيۈپ ئاغرىيدۇ. سىيگەندە ئاغرىپ، سېرىق رەڭلىك يىرىڭلىق جىنسى يول ئاجراتمىلىرى پەيدا بولىدۇ . 

سۆزنەك شارچە باكتېرىلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى : كۆپىنچە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆرۈلۈپ، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىگە قان ئۇيۇش، سۇلۇق ئېشىشىش بىلەن ئىپادىلىنىپ، يىرىڭلىق ئاجراتما ماددىلار بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ. ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا مۈڭگۈزسىمان پەردىدە تۆشۈكچە پەيدا بولۇپ، قارىغۇ قىلىپ قويىدۇ . 

سۆزنەك شارچە باكتېرىلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغى : ئېغىز ئارقىلىق جىنسى مۇناسىۋەت قىلغۇچىلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، يۇتقۇنچاق يېنىك ئاغرىپ، قىزىرىپ، قان تولۇپ ۋە ئاجراتما ماددىلار كۆپىيىدۇ . 

سۆزنەك شارچە باكتېرىلىك تۈز ئۈچەي ياللۇغى : ئوخشاش جىنسلىق مۇھەببەتلەشكۈچىلەر ئىچىدىكى ئەرلەردە دائىم كۆرۈلىدۇ. كۆپ ساندىكىلەردە روشەن بولمىغان يېنىك كېسەل ئىپادىلىرى بولىدۇ. ئاز ساندىكىلەردە مەقئەت يېنىك قىچىشىش ۋە كۆيۈش سېزىمى، شىلىمشىق يىرىڭلىق ئاجراتما ماددا، تۈز ئۈچەي قاناش قاتارلىقلار ئىپادىلىنىدۇ. ئېغىر بولغانلاردا تۈز ئۈچەي ئاغرىش، قۇرۇق ئىنجىق كېلىش، قان – يىرىڭلىق تەرەت قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ . 

ئەگەشمە كېسەللىكلىرى بولغان سۆزنەك : 

سۆزنەكسۆزنەك شارچە باكتېرىلىك قوشۇمچە ئۇرۇقدان ياللۇغى : 

ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەگەشمە كېسەللىك. بۇنىڭدا يەككە تەرەپتىكى قوشۇمچە ئۇرۇقدان ئىششىپ ئاغرىيدۇ. شۇ تەرەپتىكى چات ئارىلىقى ۋە تۆۋەن قورساق قىسمى تۇتقاندا رېفلېكىلىق ئاغرىيدۇ. بەدەن تەكشۈرتكەندە بىر تەرەپتىكى ئۇرۇقدان خالتىسى ئىششىپ، تۇتقاندا قوشۇمچە ئۇرۇقدان چوڭايغانلىقى بىلىنىدۇ، ئاغرىق سېزىمى روشەن بولىدۇ . 

سۆزنەك شارچە باكتېرىلىك تۇخۇم توشۇش يەنچە ياللۇغى : 

ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىك بولۇپ، بۇنىڭدا قورساقنىڭ تۆۋىنى ئاغرىش، جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئاغرىش، جىنسىي يول ئاجراتما ماددىسى نورمالسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ. بەدەن تەكشۈرۈشتە بالىياتقۇ بوينىنى كۆتۈرگەندە كۈچلۈك ئاغرىش، قوشۇمچە ئەزالىرى تۇتقاندا ئاغرىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ . 

سۆزنەك شارچە باكتېرىلىك دەھلىز چوڭ بەز ياللۇغى : 

بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. بىر تەرەپتىكى بەز ئىششىپ، ئاغرىيدۇ، تۇتقاندا ئاغرىق سېزىمى روشەن بولىدۇ. بەز ئېغىزىنىڭ ئېچىلغان يېرىدىن يىرىڭلىق ئاجرالما ماددىلار چىقىدۇ. [0]

1. ساغلاملىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، نىكاھتىن سىرتقى جىنسى ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش، بىخەتەر قاپچۇقنى توغرا ئىشلىتىشكە تەۋسىيە قىلىش كېرەك . 

2. بىمارلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالاشنى تاماملاش، داۋالاش جەريانىدا جىنسى تۇرمۇشتىن ساقلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك . 

3. جورىسى ۋە جىنسىي ھەمراھىغا قارىتا بىرلا ۋاقىتتا دىياگنوز قويۇپ داۋالاش كېرەك . 

4. ھامىلىدار ئاياللارغا جىنسىي كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈپ داۋالىتىشتا ۋە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك كۆزگە دورا تېمىتىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش لازىم . 

5. بىمارلار : تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى (مەسىلەن لۆڭگە، ۋاننا، كىيىم-كېچەك) دېزىنفېكسىيە قىلىش ھەمدە باشقىلاردىن ئايرىپ تۇتۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. [0]

1-رېتسېپ

تەركىبى: تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، گىلى ئەرمەنى، ئەرەب يېلىمى، كۇندۇر، خۇنسىياۋشان، ئاق كۆكنار ئۇرۇقى، ئاقلانغان بادام مېغىزى، چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قىيامى، كەتىرا، نىشاستە، كاكىنەچ ئۇرۇقى 100 گىرامدىن، چىڭسەي ئۇرۇقى 20 گىرام، ئەپيۈن 10 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بىنەپشە شەربىتى بىلەن بىر گىرامدىن تابلېتكا قىلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

سۆزنەكتەركىبى: پىستە مېغىزى، پىندۇق مېغىزى، بادام مېغىزى، ھەببە تۇلخۇزرا مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، چىلغوزا مېغىزى، ھەببى زەلەم مېغىزى، ماھى روبيان، خولىنجان، شاقاقۇل، قىزىل بەھمەن، ئاق بەھمەن، سېرىق تۇدەرى، قىزىل تۇدەرى، زەنجىۋىل، كۈنجۈت مۇقەششەر، دارچىن 15 گىرامدىن، سۇمبۇل، سۆئدى كۇپى، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، ھەببى قەلقەل ئۇرۇقى، بېدە ئۇرۇقى، ھەلىيۇن ئۇرۇقى، ئەرمۇدۇن ئۇرۇقى، دۇرۇنەج ئەقرەبى، زورەنبات توققۇز گىرامدىن، جويۇز، بەسباسە، داۋالە، پىلپىل ئالتە گىرامدىن، سۆئلەپ، يېڭى نارجىل، قۇشقاچ مېڭىسى، كۆكنار ئۇرۇقىنىڭ يېغى 30 گىرامدىن، قۇرۇتۇلغان بۇقا ئالىتى، سۆرۈنجان، بوزىدان، پىننە، زەپەر، مەستىكى 12 گىرامدىن، ئۇدخام سەككىز گىرام، تىللا ۋاراق 30 تال، كۈمۈش ۋاراق 50 تال، ئەنبەر تۆت گىرام، ئىپار ئىككى گىرام، ھەسەل 136 گىرام، مەرۋايىت، كەھرىۋا، مارجان، ھېقىق يەمەن، قىزىل ياقۇت 16 گىرامدىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى: مېغىز دورىلاردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مەرۋايىت، مارجان، ئەنبەر، كەھرىۋا، زەپەر، ھېقىق، ياقۇت دورىلارنى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: تازىلانغان گۈڭگۈرت، چۆپچىنى، نۆشۈدۈر، ئاقىرقەرھا تۆت گىرامدىن، سەمغى ئەرەبى ئىككى گىرام، شېكەر 10 گىرام، لىمون سۈيى مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، لىمون سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ) .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

80 خالتا ئۇيغۇر تىبابىتى تورىدىن ئېلىندى 

http://www.80halta.com/?p=524

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

80 خالتا ئۇيغۇر تىبابىتى تورىدىن ئېلىندى

http://www.80halta.com/?p=524

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#