ئامىرخان
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئامىرخان 1965-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ھىندىستان دىكى بومبايدا دۇنياغا كەلگەن. ھىندىستان بوللىۋودتىكى داڭلىق ئارتىس، رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى. ئۇ 8 يېشىدا تۇنجى كىنوسى 《Yaadon Ki Baraat》دا رول ئالغان. كېيىن تېنس توپ ئويناشقا كىرىشىپ، ماخاراشترانىڭ تېنس توپ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشكەن.
1988-يىلى ئامىرخان تېنس توپنى تاشلاپ، كىنو ئېكرانىغا قايتىپ كەلگەن . كېيىن «يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار»، «نامەلۇم ئۆلۈم»، «ئۈچ ئەخمەق » ... قاتارلىق نادىر ئەسەرلىرى ئارقىلىق دۇنياۋى چولپان بولۇپ تونۇلغان.
ئامىرخان ھىندىستاننىڭ دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك شەخىسى، بوللىۋودتىكى كۆپ ئىقتىدارلىق ئارتىس، ئامىرخاندا ئۇتۇق قازىنالايدىغان ئىشەنچ، ھەقىقەتنى قوغلىشىدىغان يۈرەك، غەيرەت ۋە مۇۋاپپىقىيەت قازىنىدىغان ئەقىل-ئىدراك بار.
ئامىرخان ئامىرخان 21 ياش ۋاقتىدا قوشنىسىنىڭ قىزى رىنا (Reena) نى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. لېكىن ئىككى ئائىلىنىڭ ئېتىقادىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى بۇ تويغا قارشى چىقىدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئامىرخان رىنانى ئېلىپ قېچىشنى قارار قىلىدۇ.
2002-يىلى 10-ئايدا ئامىرخان رىنا بىلەن ئاجراشقان. 2005-يىلى 12-ئايدا ئىككىنچى ئايالى كىران (Kiran Rao )بىلەن توي قىلغان.
Dadasaheb Phalke مۇكاپاتى
ئامىر خان ئېرىشكەن مۇكاپات 22، بۇنىڭ ئارىسىدا فىلىملەر مۇكاپاتى يەتتە (بىرسى ئەڭ ياخشى يېڭى ئارتىس، ئۈچى ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتى).
ئامىر خان 2003-يىلى ھىندىستاننىڭ تۆتىنچى دەرىجىلىك گىراژدانلار مۇكاپاتىغا، 2010-يىلى ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2001-يىلى فوربېس ژۇرنىلى ئامىر خاننى ھىندىستاندىكى ئۈچىنچى كۈچلۈك كىنو چولپىنى دەپ باھالىغان.
2009-يىلى ماخاراستا شىتاتى ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ھىندىستان كىنوچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن تارقاتقان «راج كاپور» مۇكاپاتىنى بەرگەن.
2012-يىلى «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان.
2013-يىلى «دەۋر ژۇرنىلى» ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە 100 شەخىسنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
- 2005-يىلى 8-ئايدا،ئامىرخان تەييارلىق قىلغىلى تۆت يىل بولغان ئۆزى رېژىسسوربولۇپ ئۆزى رول ئالغان ئۇرۇش ۋەقەلىك كىنو «قەھرىمانلىق ھېكايىسى» سەھنىگە ئېلىپ چىقىلدى. ئامىرخان بولسا مىللەت قەھرىمانى بولغان ھىندىشتان ئارمىيىسىنىڭ كىچىك ئەترەت باشلىقى Mangal Pandey رولىغا چىقتى.
- 2006-يىلى ئامىرخان «سۆيگۈ ئۈچۈن»فىلىمىدە Rehan رولىنى ئالغان.
- 2007-يىلى ئامىرخان رېژىسسورلۇق ھاياتىنى باشلىدى، ئۇ رېژىسسور بولۇپ ئىشلىگەن فىلىم «يەر شارىدىكى يۇلتۇزلار»دا گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى nick نىڭ رولىنى ئالدى. شۇ ئارقىلىق Filmfare ئەڭ نادىر رېژىسسور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەم شۇ يىلى ھىندىستانغا ۋەكىل بولۇپ ئوسكار ئەڭ ياخشى چەت ئەل تىلىدىكى فىلىم تاللىشىغا قاتناشقان.
- 2008-يىلى ئامىرخان ھەركەتلىك فىلىم«سىرلىق ئۆلۈم»\نامەلۇم ئۆلۈم\قىساسكار ئامىرخان دە ھىندىستاندىكى داڭلىق شىركەت باش لىدىرى سانجاي سىڭخانىيا ( Sanjay Singhania ) نىڭ رولىنى ئالغان.
- 2009-يىلى ئىلھاملىق كومېدىيىلىك كىنو «ئۈچ ئەخمەق دوست» تە ھىندىستاندىكى بىر باي ئائىلىنىڭ ۋاپات بولغان باغۋىنىنىڭ ئوغلىRancho نىڭ رولىغا چىقىدۇ. بۇ فىلىم بوللىۋودتىكى فىلىملىرىنىڭ ھىندىستاندىكى ئەڭ يېڭى بېلەت كىرىمى رېكورتىنى ياراتتى.
- 2012-يىلى11-ئاينىڭ 30-كۈنى ئامىرخان«ئىز قوغلاش »فىلىمىدا ساقچى كاۋاتنىڭ رولىنى ئالغان. بۇ فىلىم شۇ يىللىق ھىندىستان يىللىق بېلەت كىرىمى تىزىملىكىدە 9-ئورۇندا تۇرىدىغان.
- 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى جىنايەت ھەرىكەتلىك فىلىم «ئۇچقۇر ئوغرى3» يەر شارى ماس قەدەملىك قويۇلغان. ئامىرخان SahirھەمSamar نىڭ رولىنى ئالغان.
- 2014-يىلى ئامىرخان كومېدىيىلىك كىنو«PK-تاشقى پلانىتلىق ئەپەندى» \«پ ك » دە يەر شارىنى تەتقىق قىلىشنى نىشان قىلغان تاشقىپىلانت ئادىمى PK نىڭ رولىنى ئالغان.
- 2016-يىلى « دانگال » فىلىمىدە ئىككى قىزىنى دۇنيا چېلىشىش چىمپىيونى قىلىپ تەربىيىلىگەن ئاتىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ يەنە بىر قېتىم يۇقىرى كۆرۈش دولقۇنىنى ياراتقان.
2006-يىلى 4-ئايدا ئامىرخان يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەر ئىگىلەپ سۇغا توغان تۇتۇش ھەركىتى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا قاتناشقان. ئۇنىڭ ئىش - ھەرىكىتى بولسا زۇڭلى سىنگىنىڭ مەدىتىگە ئېرىشكەن.
2011-يىلى ئامىرخان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى ئوبراز ئەلچىسىلىككە تەيىنلىنىپ، ئاممىنىڭ بالىلار ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىشىنى مۇراجىئەت قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە دۇنيا تەبىئەت فوندى جەمئىيىتى « يەرشارىدا بىر سائەت » پائالىيىتىنىڭ ھىندىستان رايونىدىكى باش ئەلچىسى.
2015-يىلى 4-ئاي ئامىرخان نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن 6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئايال باشلىقلار يىغىنىدا سۆھبەتتە بولدى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.