ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى

ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى

ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى بۇ يەنە ياۋروپا يادرو تەتقىقات تەشكىلاتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1954-يىلى9-ئايدا قۇرۇلغان، ئورنى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە. 

ئۇيغۇرچە نامى ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى
باشقا نامى ياۋروپا يادرو تەتقىقات تەشكىلاتى
ئورنى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە
خەنزۇچە نامى 欧洲核子研究中心
چەتئەلچە نامى CERN Organisation Européenne pour la Recherche Nucléaire

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى بۇ يەنە ياۋروپا يادرو تەتقىقات تەشكىلاتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1954-يىلى9-ئايدا قۇرۇلغان، ئورنى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە. ئۇنى ئاۋسترىيە، بېلگىيە، دانىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، گرېتسىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، شۋېتسارىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى 12 دۆلەت قۇرغان.

ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىئۇنىڭ تۈپ مەقسىتى ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ساپ پەننىي ۋە ئاساس خاراكتېرىدىكى سۇب يادرو تەتقىقاتى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ساھەلىرىنى ھەمكارلىق بىلەن تەمىنلەش، مۇناسىۋەتلىك تەجرىبە ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتى نەتىجىلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىش ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت.

ھەربىي ئىشلار تەتقىقاتى ياكى ھەربىي ئىشلارغا ئىشلىتىش مەقسىتى روشەن بولغان تەجرىبە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماسلىق ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىنىڭ بىر پرىنسىپىدۇر. 

ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىبۇ تەتقىقات مەركىزىدە دۇنيادىكى مەشھۇر ئالىملار گۇرۇپپىسىنىڭ سۇب يادرو قۇرۇلمىسى ۋە نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن ئىككى خەلقئارا تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغان.

 بىرىنچى تەتقىقات ئورنىدا 600 مىليون ئېلېكترون ۋولتلۇق ماس قەدەملىك سىكلوترون، 28 مىليارد ئېلېكترون ۋولتلۇق پروتون ماس قەدەملىك تېزلەتكۈچ قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

 ئىككىنچى تەتقىقات ئورنى بىرىنچى تەتقىقات ئورنىنىڭ يېنىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا ئايلانمىسى تەخمىنەن7 كىلومېتىر كېلىدىغان يېڭى پروتون ماس قەدەملىك تېزلەتكۈچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش تەشكىلاتى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 

ئىلىم - پەن بىلەن يەر شارىغا يېڭىلىق يارىتىش؛  

زەررىچە فىزىكىسى مۇزېي، كۆرگەزمە زەررىچە فىزىكىسى ۋە ياۋروپا يادرو تەتقىقات تەشكىلاتىنىڭ تارىخى؛

ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى ئۇ دۇنيادىكى تۇنجى تور بېكەت، تۇنجى تور مۇلازىمەتچىسى، تۇنجى زىيارەت قىلغۇچنىڭ بارلىققا كەلگەن جاي.  مەركەزنىڭ ئۈسكۈنىلىرى تولۇق، مۇلازىمىتى ئەلا بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالىملار تىرىشقانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپا يادرو تەتقىقاتى مەركىزى زەررىچە فىزىكىسى تەتقىقاتى ساھەسىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بەزى مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق يادرو تەتقىقات مەركىزىگە ئايلاندى.

ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىتەتقىقات مەركىزىدىكى خىزمەتچى خادىملار 3000 دىن ئاشىدۇ، ئالىملار گۇرۇپپىسى سۇب يادرو فىزىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشقا، ئەزا دۆلەتلەر ياكى باشقا دۆلەتلەردىن زىيارەتكە كەلگەن ئالىملار كۈتۈۋېلىنىدۇ ۋە مۇشۇ چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. تەتقىقات مەركىزىدە نۇرغۇنلىغان ئىلغار ھەم قىممەت باھالىق ئېسىل تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىدىن باشقا، يەنە كۇتۇپخانا بار ھەم «ياۋروپا يادرو تەتقىقاتى تەشكىلاتى خەۋەرچىسى» (ئايلىق ژۇرنال) ۋە پەن دوكلاتى قاتارلىقلارنى نەشر قىلىدۇ.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#