سەمەن يېزىسى
سەمەن يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرىنىڭ غەرىبي قىسمىغا جايلاشقان. قەشقەر شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 2.5 كىلومېتىر كېلدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
سەمەن يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر شەھىرىنىڭ غەرىبي قىسمىغا جايلاشقان. قەشقەر شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 2.5 كىلومېتىر كېلدۇ. قارمىقىدا سەككىز مەمۇرىي كەنت، 54 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، نوپۇس 18851 ئادەم (2010-يىلى)، ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 17948 مو، ئاساسلىقى كۆكتات تېرىش ئاساس قىلىنغان، 2-، 3-كەسپنىڭ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى شەھەر ئەتراپى يېزىسى.
2004-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسىدىكى سەمەن يېزىسى، خاڭدى يېزىسىنى ئايرىپ قەشقەر شەھىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىغان.
سەمەن يېزىسى داۋاملىق شەھەر ئەتراپى رايون ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ يېشىل، زىيانسىز، پەسىلسىز كۆكتاتلار يەنىمۇ تەرەققىي قىلغان كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلەش، سېتىش بازىسى بولغان سەمەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش ھەم تېزلىتىش، 2-، 3-كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ياخشى بولغان سەمەن يېزىسى بولۇپ قالغان. ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىدا مۆلچەر بويىچە «10-بەش يىللىق» پىلاننىڭ ئاخىرىغا بارغاندا پۈتۈن يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارى 57 مىليون 254 مىڭ يۈەنگە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2562.5 يۈەنگە يېتىدۇ.
سەمەن يېزىسى2000-يىلى 5-قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا ئومۇمىي ئاھالە 15710 ئادەم. 2010-يىلى 6-قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشتە سەمەن يېزىسىدا 18851 ئادەم بار بولغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.