ھىندىچە ئىنگلىزتىلى
«ھىندىچە ئىنگلىزتىلى» بولسا گائۇرى شىندې(Gauri Shinde) رېژىسسورلىق قىلغان سرىدېۋى باش رول ئالغان ، ئامىتاپ باچچان دوستانە رولغا چىققان ۋەقەلىك فىلىم . فىلىمدە ھىندىستانلىق ئىنگلىزتىلى ئۇقمايدىغان ئائىلە ئايالىنىڭ ئائىلىدىكىلىرى ئالدىدا ھەم جەمئىيەتتە ھېس قىلغان كىرىزىس تۇيغۇسى سەۋەبلىك بىر ئاي ئىچىدە ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىش ھېكايىسى سۆزلەنگەن .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شاشى (سرىدېۋى رولدا) بولسا لادۇ (بىر خىل تاتلىق يېمەكلىك)نى قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ھىندىستانلىق ئائىلە ئايالى . كۈندە ئائىلىدىكىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىشنى بارلىقى دەپ بىلىدۇ، زامانغا ماسلىشالماي قالىدۇ . ئىنگلىزتىلى ئۇقمايدىغان شاشى ئېرى ھەم قىزىنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرايدۇ . ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئورتاق تېمىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭدا كىرىزىس تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ .
تاساددىپىي بىر پۇرسەت بىلەن ، يىراق ئامېرىكىدىكى تۇققانلار شاشىنى توي ئىشلىرىغا ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلىدۇ . ئائىلىدىكىلىرى بىلەن پىكىرلىشىش ھەم ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ، شاشى ئامېرىكىدىكى تۆت ھەپتىلىك ئىنگلىزتىلى ت ەربىيلەش كۇرسىغا قاتنىشىپ تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتمەكچى بولىدۇ . كۇرۇشقا قاتناشقاندىن كېيىن شاشى بۇرۇنقىدەك ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان تۇرمۇشىغا خاتىمە بېرىپ ، سەرخىل دوستلار بىلەن تونىشىدۇ . ئۇلار ئىنگلىزتىلىنى ياخشى ئۆگۈنىشنى ئورتاق مەقسەت قىلىپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرلەيدۇ .« قىيىن ئىش يوق ئالەمدە،كۆڭۈل قويغان ئادەمگە »دېگەندەك ، شاشى توي مۇراسىمىدا ئىنگلىزتىلىدا يىگىت بىلەن قىزغا بەخىت تىلەپ سۆز قىلىپ ، ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.
رول | ئارتىس | ئەسكەرتىش |
شاشى | سرىدېۋى | |
لاۋرېنت | مېخدى نېبو | فىرانسىيىلىك ئاشپەز،شاشىنىڭ ساۋاقدىشى |
ساتىش | ئادىل ھۈسەن | شاشىنىڭ ئېرى |
ساگۇر | شاشىنىڭ ئوغلى | |
ساپنا | شاشىنىڭ قىزى | |
شاشىنىڭ قېينى ئاپىسى | ||
مىرا | شاشىنىڭ ئاچىسىنىڭ چوڭ قىزى | |
رۇئادا | شاشىنىڭ ئاچىسىنىڭ كىچىك قىزى | |
مانۇ | شاشىنىڭ ئاچىسى | |
ئامىتاب باچچان | ئايروپىلاندا شاشىغا ياردەم قىلغان مويسىپىت | |
دەيۋىد | شاشىنىڭ ئىنگلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى | |
ئېۋا | بالا باققۇچى ، شاشىنىڭ ساۋاقدىشى | |
سالمانخان | پاكىستانلىق شوپۇر ، شاشىنىڭ ساۋاقدىشى | |
يۈ سوڭ | شاشىنىڭ ساۋاقدىشى | |
لاما | شاشىنىڭ ھىندىستانلىق ساۋاقدىشى | |
ئانىر | شاشىنىڭ ئاچىسىنىڭ كۈيئوغلى |
شاشى
سرىدېۋى رولدا
شاشىسا لادۇ (بىر خىل تاتلىق يېمەكلىك)نى قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ھىندىستانلىق ئائىلە ئايالى . لېكىن ئىنگلىزتىلى بىلمىگەنلىك سەۋەبلىك ئېرى ھەم قىزىنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرايدۇ . ئامېرىكىغا چىققاندا ھەتتا تاماقمۇ بۇيرۇتالماي كۈتكۈچىنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچراپ ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىش نىيىتىگە كېلىدۇ . ئۇ تىرىشچان ، ئىرادىلىك ، مۇھەببەتلىك تىپىك ھىندىستان ئايالى بولغاچقا فىرانسىيەلىك لاۋرېنتنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالىدۇ ، لېكىن ئۇ ئۆيىگە ، مۇھەببىتىگە سادىق بولغانلىقى ئۈچۈن قىلچە تەۋرەنمەيدۇ .
لاۋرېنت
فىرانسىيىلىك ئاشپەز ،شاشى تۇنجى قېتىم تاماق بۇيرۇتقاندا شاشىنىڭ ئارقىدا ئۆچرەتتە تۇرغان ، كېيىن بىر كۇرۇستا ئىنگلىزتى ئۆگىنىش جەريانىدا تىرىشچان ، ئىرادىلىك ، مۇھەببەتلىك شاشى ئۇنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالىدۇ .لېكىن شاشى ئۆز ئائىلىسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ ، ئۇ شاشىغا ئاشىق بولسىمۇ لېكىن مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ .
بېيجىڭ خەلىقئارالىق فىلىم فېستىۋالىدا نامى ئاتالغان .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.