جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەرزىيەت نىزامى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەرزىيەت نىزامى

 ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ قېلىش، ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى، ئەرزىيەت تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن بۇ بەلگىلىمە چىقىرىلغان. 

ئۇيغۇرچە نامى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەرزىيەت نىزامى
ماقۇللانغان ۋاقتى 2005-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 2005-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国信访条例
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى 2005-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى
ھۆججەت گوۋۇيۈەننىڭ 431-نۇمۇرلۇق پەرمانى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گوۋۇيۈەننىڭ 431-نۇمۇرلۇق پەرمانى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ئەرزىيەت نىزامى» 2005-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ 76-قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2005-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

زۇڭلى  ۋېن جىياباۋ

2005-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى

1-باب  ئومۇمىي پىرىنسىپ

1-ماددا بۇ نىزام ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قۇيۇق ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئەرزىيەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئەرزىيەت تەرتىپىنى ساقلاش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2-ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئەرزىيەت پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ خەت يېزىش، ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىش، فاكىس يوللاش، تېلفۇن بېرىش، ئۆزى بېرشىتەك يوللار بىلەن، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تارماقلىرىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىش، تەكلىپ، پىكىر بېرىش ياكى ئەرز تەلىپى قويۇش، ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئۇنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن يول بىلەن ئەھۋال ئىنكاس قىلغان، تەكلىپ، پىكىر بەرگەن ياكى ئەرز تەلىپى قويغان پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ئەرزىيەتچى دېيلىدۇ.

3-ماددا  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تارماقلىرى ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەت-چەكلەرنى ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىشى، ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىشى، خەلق ئاممسىنىڭ پىكىر، تەكلىپ ۋە تەلەپلىرىنى ئاڭلىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ نازارىتىنى قۇبۇل قىلىشى، ئۇلارغا تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى كېرەك.)

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تارماقلىرى ئەرزىيەت يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەرزىيەتچىلەرنىڭ مۇشۇ نىزامدا بەلگىلەنگەن ئۇسۇلدا ئەھۋال ئىنكاس قىلىشى، تەكلىپ، پىكىر بېرىشى ياكى ئەرز تەلىپى قويۇشقا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

4-ماددا  ئەرزىيەت خىزمىتىنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش، كىم مەسئۇل بولسا، شۇ جاۋاپكار بولۇش، مەسىلىنى قانۇن بويىچە، ۋاقتىدا شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىش بىلەن يېتەكلەش، تەربىيە بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەش كېرەك.

5-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تارماقلىرى تەدبىرنى ئىلمىي، دېموكراتىك بەلگىلىشى، مەسئۇلىيتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، ئەرزىيەت ئىشلىرىدا زىددىيەت ۋە ماجرا پەيدا بولۇشتىن تۈپتىن ساقلىنىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەرزىيەت خىزمىتىدە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، تارماقلار ماسلاشتۇرۇش، بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر كىم ئۆز ئىشىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىرلەشمە يىغىن ئېچىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزىمى ۋە ئەرزىيەت نازارەتچىلىك خىزمىتى تۈزۈمىنى ئورنىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، زىددىيەت ۋە ماجرانى ۋاقتىدا پەسەيتىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تارماقلرىنىىڭ مەسئۇللىرى مۇھىم خەت-چەكلەرنى كۆرۈپ9 تەستىق سېلىشى، مۇھىم ئىشلار ھەققىدە ھال ئېيتىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىشى، ئەرزىيەت خىزمىتى دوكلاتى ئاڭلىشى، ئەرزىيەت خىزمىتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك.

6-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى قۇرۇشى؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تارماقلىرى ۋە يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى خىزمەتكە پايدىلىق بولۇش، ئەرزىيەتچىگە قولايلىق بولۇش پىرىنىسىپى بويىچە، ئەرزىيەت خىزمىتىگە كونكىرىت مەسئۇل بولىدىغان ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى (تۆۋەندە ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى دېيىلىدۇ) ياكى خادىمىنى بېكىتىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە مەسئۇل مەمۇرىي ئاپپاراتى بۇلۇپ، تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ:

 (1) ئەرزىيەتچىنىڭ ئەرزىنى قۇبۇل قىلىش، بېجىرىشكە تاپشۇرۇش ۋە ئەۋەتىش؛

 (2) يۇقىرى دەرىجىلىك ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىر تەرەپ قىلىشقا تاپشۇرغان ئەرزلەرنى بېجىرىش؛

 (3) مۇھىم ئەرزلەرنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش؛

 (4) ئەرزنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش؛

 (5) ئەرزىيەت ئەھۋالىنى مۇھاكىمە ۋە تەھلىل قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە خىزمەتنى ياخشىلاش ھەققىدە ۋاقتىدا تەكلىپ بېرىش؛

 (6) شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا خىزمەت تارمىقى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش.

 7-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىدە خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان ئالاقىدار جاۋاپكارلارنى جاۋاپكارلىققا تارتىشى ۋە مەلۇم دائىرىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەرزىيەت خىزمىتى نەتىجىلىرىنى مەمۇرىي باھالاش سېستىمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

8-ماددا  ئەرزىيەتچىلەردىن خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائى تەرەققىياتقا ياكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاشقا شۇنىڭدەك جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىپ ۋە تەكلىپ، پىكىر بېرىپ، تۆھپە ياراتقانلىرىنى ئالاقىدار مەمۇرىى ئورگان ياكى ئورۇن مۇكاپاتلايدۇ.

ئەرزىيەت خىزمىتىدە ئەلا نەتىجە ياراتقان ئورۇن ياكى شەخىسلەرنى ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگان مۇكاپاتلايدۇ.

2-باب  ئەرزىيەت يوللىرى

9-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تارماقلىرى ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتىنىڭ ئالاقىلىشىش ئادېرىسى، ئېلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقى، ئەرز قىلىش تېلفۇن نۇمۇرى، ئەرزىيەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ۋاقتى ۋە ئورنى، ئەرزنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالى ۋە نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلى قاتارلىق ئالاقىدار ئىشلارنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تارماقلىرى ئۆزىنىڭ ئەرزىيەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئورنى ايكى تور پونكىتىدا ئەرزىيەت خىزمىتىگە ئائىت قانۇن-نىزام، قائىدىلەرنى ۋە ئەرزىيەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى شۇنىڭدەك ئەرزىيەتچىلەرگە قولايلىق باشقا ئالاقىدار ئىشلارنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

10-ماددا  رايون بار شەھەر دەرىجىلىك، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت تارماقلىرى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەمۇرىي ئورگان مەسئۇلى ئەرزىيەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش كۈنى تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، مەمۇرىي ئورگان مەسئۇلى ئەرزىيەت ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئەرزىيەتچى ئېلان قىلىنغان كۈتۈۋېلىش كۈنىدە ۋە كۈتۈۋېلىنىدىغان جايدا ئالاقىدار ئورگاننىڭ مەسئۇلىغا ئەرزىنى يۈزتۇرانە ئېيتسا بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ خىزمەت تارمىقىنىڭ مەسئۇللىرى ياكى بېكىتىلگەن خادىملار ئەرزىيەتچى تۇرۇشلۇق جايغا بېرىپ، ئىنكاس قىلىنغان گەۋدىلىك مەسىلە ئۈستىدە ئەرزىيەتچى بىلەن سۆزلەشسە بولىدۇ.

11-ماددا دۆلەتنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى ھازىرقى ھۆكۈمەت ئۇچۇر تورى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە ئەرزىيەت ئۇچۇر سېستىمىسى بەرپا قىلىپ، ئەرزىيەتچىنىڭ ئەرز قىلىشى ۋە ئەرزنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھازىرقى ھۆكۈمەت ئۇچۇر تورى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەرزىيەت ئۇچۇر سېستىمىسىنى بەرپا قىلىشى ياكى بېكىتىشى ھەمدە يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەرزىيەت ئۇچۇر سېستىمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشى كېرەك.

12-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى ياكى ئالاقىدار خىزمەت تارماقلىرى ئەرزىيەتچىنىڭ ئەرز تەلىپىنى ئەرزىيەت ئۇچۇر سېستىمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك، ئەرزىيەتچى مەمۇرىي ئورگانغا قويغان ئەرز تەلىپىنىڭ قۇبۇل قىلىنغانلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى ياكى ئالاقىدار خىزمەت تارمىقىنىڭ كۈتۈۋېلىش ئورنىدىن ئەرز تەلىپىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ. كونكرېت يولغا قۇيۇش چارىسى ۋە قەدەم باسقۇچىنى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ.

13-ماددا رايون بار شەھەر دەرىجىلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، جەمئىيەتتىكىلەر قاتنىشىدىغان، ماجرانى تېز ھەل قىلىشقا پايدىلىق بولغان خىزمەت مېخانىزىمى بەرپا قىلسا بولىدۇ.

ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى ئالاقىدار ئىجتىمائي تەشكىلات، قانۇن ياردىمى ئاپپاراتى، مۇناسىۋەتلىك كەسپى خادىم، جەمئىيەتتىكى پىدائىيلار ئورتاق قاتناشقان مەسلىھەت بېرىش، تەربىيلەش، كېڭىشىش، مۇرەسسە قىلىش، ئىسپات ئاڭلاش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ئەرزىيەتچىنىڭ ئەرز تەلىپىنى قانۇن بويىچە، ۋاقتىدا، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

3-باپ  ئەرز قىلىش

14-ماددا ئەرزىيەتچى تۆۋەندىكى تەشكىلات ۋە خادىملارنىڭ ۋەزىپىسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرىكىتى ھەققىدە ئەھۋال ئىنكاس قىلسا، تەكلىپ، پىكىر بەرسە ياكى ئۇلارنىڭ ۋەزىپسىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرىكىتىگە قايىل بولمىسا، ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگانغا ئەرز قىلسا بولىدۇ.

 (1) مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى؛

 (2) قانۇن-نىزاملاردا ھوقۇق بېرىلگەن جامائەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش فۇنكىسىيسى بولغان تەشكىلات ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى؛

 (3) جامائەت مۇلازىمىتى قىلىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى؛

 (4) ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى باشقا كارخانا، كەسپىىي ئورۇنلاردىكى دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنى تەيىنلىگەن، ئەۋەتكەن خادىملار؛

 (5) كەنىت ئاھالە كومتېتى، شەھەر ئاھالە كومتېتى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى.

قانۇن بويىچە دەۋا قىلىش، كېسىم قىلىش، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قاتارلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن يوللار بىلەن ھەل قىلىنىدىغان ئەرز تەلىپىنى ئەرزىيەتچى ئالاقىدار ئورگانغا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە قويۇشى كېرەك.

15-ماددا ئەرزىيەتچى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئىشلار ھەققىدە ئالاقىدار خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومتېتىغا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشى ھەمدە مۇشۇ نىزامنىڭ 16-،17-،18، 19-،20-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

16-ماددا ئەرزىيەتچىلەردىن ئۆزى بېرىپ ئەرز قىلىدىغانلىرى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار شۇ دەرىجىلىك ئورگانغا ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگانغا بېرىپ ئەرز قىلىشى كېرەك؛ ئەرز قۇبۇل قىلىنغان ياكى بېجىرىلىۋاتقان ئەرزىيەتچىلەردىن قۇبۇل قىلغۇچى، بېجىرگۈچى ئورگاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنىغا شۇ ئىش ئۈستىدە بېكىتىلگەن مۆھلەتتە قايتا ئەرز قىلغانلىرىنىڭ ئەرزىنى شۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان قۇبۇل قىلمايدۇ.

17-ماددا  ئەرزىيەتچى ئەرز قىلىشتا، ئادەتتە، ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى، فاكىس قاتارلىق يازما شەكىلنى قوللىنىشى؛ ئەرزىيەتچىلەردىن ئەرز تەلىپى قويغانلىرى ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى (نامى)، ئادېرىسى ۋە تەلىپى، پاكىتى، ئاساسىنىمۇ يېزىشى كېرەك.

ئەرز تەلىپى ئاغزاكى قۇيۇلغاندا، ئالاقىدار ئورگان ئەرزىيەتچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى (نامى) ئادېرىسى ۋە تەلىپى، پاكىتى، ئاساسىنى خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك.

18-ماددا ئۆزى بېرىپ ئەرز قىلىدىغان ئەرزىيەتچىلەر ئالاقىدار ئورگان قۇرغان ياكى بېكىتكەن كۈتۈۋېلىش ئورنىغا بېرىشى كېرەك.

كۆپ ئادەم بىرگە بېرىپ بىر ئىش ئۈستىدە ئەرز قىلىشتا، ۋەكىل سايلىشى، ۋەكىل سانى 5 كىشىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

19-ماددا ئەرزىيەتچى ئەرز قىلىشتا راستچىل بولۇشى، ئۆزى بەرگەن ماتېرىيال مەزمۇنىنىڭ چىنلىقىغا جاۋاپكار بولۇشى، پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىقارماسلىقى، بۇرمىلىماسلىقى، باشقىلارغا تۆھمەت قىلماسلىقى ۋە قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلماسلىقى كېرەك.

20-ماددا  ئەرزىيەتچى ئەرز قىلىشتا قانۇن-نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، دۆلەت، جەمئىيەت، كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئەرزىيەت تەرتىپىنى ئاڭلىق ساقلىشى، تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك.

 (1) دۆلەت ئورگىنىنىڭ خىزمەت سورۇنى ئەتراپىدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا قانۇنسىز يىغىۋېلىش، دۆلەت ئورگىنىنى قورشىۋېلىش، دۆلەت ئورگىنىغا بۆسۈپ كىرىش، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئاپتوموبىلنى توسۇۋېلىش ياكى قاتناشنى توسۇۋېلىش، ئۈزۈۋېتىش؛

 (2) خەتەرلىك بويۇملارنى ۋە تىزگىنىلىنىدىغان سايمانلارنى ئېلىپ يۈرۈش؛

 (3) دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنى ھاقارەتلەش، ئۇرۇش، ئۇلارغا تەھدىت سېلىش ياكى باشقىلارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش؛

 (4) ئەرزىيەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئورنىدا تۇرۇۋېلىش، جېدەل چىقىرىش ياكى ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلارنى ئەرزىيەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئورنىغا تاشلاپ قويۇش؛

 (5) قۇترىتىش، ئالاقە باغلاش، تەھدىت سېلىش، پۇل-مالغا قىزىقتۇرۇش، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ كۈشكۈرتۈش يولى بىلەن باشقىلارنى ئەرز قىلدۇرۇش ياكى ئەرز قىلىش نامىدا پۇل-مال ئۈندۈرۈۋېلىش؛

 (6) جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان، دۆلەت ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار.

4-باپ  ئەرز قۇبۇل قىلىش

21-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تىزىملاپ ھەمدە ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، 15 كۈن ئىچىدە تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك:

 (1) مۇشۇ نىزامنىڭ 15-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەرزنى ئەرزىيەتچىلەرنىڭ ئالاقىدار خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومتېتىغا، خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە قىلىشنى ئېيتىپ قويۇش كېرەك. دەۋا قىلىش، كېسىم قىلىش، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قاتارلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن يول بىلەن ھەل قىلىنغان ياكى قانۇن بويىچە شۇ يول بىلەن ھەل قىلىنىدىغانلىرىنى قۇبۇل قىلماسلىق لازىم، لېكىن ئەرزىيەتچىگە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مۇناسىۋەتلىك تارماققا ئەرز قىلىشنى ئېيتىپ قويۇش كېرەك.

 (2) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيتى بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ خىزمەت تارمىقى بىر تەرەپ قىلىپ قارار قىلدىغان ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار مەمۇرىي ئورگانغا ئەۋەتىپ بېرىش؛ ئەھۋال ئېغىر، جىددىي بولغانلىرىنى ۋاقىتدا تەكلىپ بېرىپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارار قىلىشىغا يوللاش كېرەك.

 (3) ئەرزلەردىن تۆۋەن دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان ياكى ئۇنىڭ خادىملىرىغا چېتىلىدىغانلىرىنى «تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش، كىم مەسئۇل بولسا، شۇ جاۋاپكار بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە، بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار مەمۇرىي ئورگانغا بىۋاستە ئەۋەتىپ بېرىش ھەمدە بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتىغا قوشۇمچە ئەۋەتىش كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى ئەۋەتىپ بېرىش ئەھۋالىدىن بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتىنى قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈشى، تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى ئەۋەتىلگەن ئەرزنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋەلىنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

 (4)ئەۋەتىپ بېرىلگەن ئەرزدىكى مۇھىم ئەھۋاللارنىڭ بېجىرىلىش نەتىجىسىنى مەلۇم قىلىشقا توغرا كەلسە، بېجىرىش ھوقوقى بار مەمۇرىي ئورگاننىڭ بېجىرىشكە بىۋاستە تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭدىن بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە نەتىجىسىنى مەلۇم قىلىش، بېجىرىش دوكلاتى سۇنۇشنى تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ.

ئالدىنقى تارماقنىڭ(2)تارماقچىسىدىن(4)تارماقچىسىغىچە بولغان بەلگىلىمە بويىچە، ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگان ئەۋەتىپ بېرىگەن، بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان ئەرزنى تاپشۇرۋالغان كۈندىن باشلاپ 15كۈن ئىچىدە قۇبۇل قىلىش-قىلماسلىقنى قارار قىلىشى، ئەرزىيەتچىگە يازما ئۇقتۇرۇشى ھەمدە تەلەپ بويىچە ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

22-ماددا ئەرزىيەتچىنىڭ بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتىدىن باشقا مەمۇرىي ئورگانغا بىۋاستە قىلغان ئەرزىنى ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگان تىزىملىشى؛ بۇ نىزامنىڭ 14-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە شۇ ئورگاننىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىگە كىرىدىغانلىرىنى قۇبۇل قىلىشى، بىر-بىرىگە ئىتتىرمەسلىكى، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىكى، كەينىگە سۆرىمەسلىكى؛ شۇ ئورگاننىڭ ھوقۇق دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىرىنى ھوقۇقلۇق ئورگانغا ئەرز قىلىشنى ئەرزىيەتچىگە ئېيتىپ قويۇشى كېرەك.

ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگان تاپشۇرۇۋالغان ئەرزلەردىن قۇبۇل قىلىش-قىلماسلىق توغرىسىدا شۇ جايدا جاۋاپ بېرەلەيدىغانلىرىغا شۇ جايدا يازما جاۋاپ بېرىشى؛ شۇ جايدا جاۋاپ بېرەلمەيدىغانلىرىنى ئەرزنى قۇبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ئەرزىيەتچىگە يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. لېكىن، ئەرزىيەتچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى (نامى)، ئادېرىسى ئېنىق بولمىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگانلار ئەرز قۇبۇل قىلىش ئەھۋالىدىن بىر-بىرىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

23-ماددا مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ئەرزىيەتچىنىڭ پاش قىلىش ماتېرىيالى ۋە ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى ئاشكارىلاپ قويسا ياكى پاش قىلىنغۇچى ئادەم ياكى ئورۇنغا ئەۋەتىپ بەرسە بولمايدۇ.

24-ماددا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق مەمۇرىي ئورگانغا مۇناسىۋەتلىك ئەرزنى شۇ مەمۇرىي ئورگانلار كېڭىشىپ قۇبۇل قىلىدۇ؛ قۇبۇل قىلىشتا تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، قۇبۇل قىلىدىغان ئورگاننى ئۇلارغا ئورتاق بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي ئورگان بېكىتىدۇ.

25-ماددا ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مەمۇرىي ئورگان ئايرىۋېتىلسە، قوشۇۋېتىلسە ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، ئەرزنى شۇ ئورگاننىڭ مەمۇرىي ھوقوقىنى يۈرگۈزىدىغان مەمۇرىي ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان مەمۇرىي ئورگان قۇبۇل قىلىدۇ؛ مەسئۇلىيتى ئېنىق بولمىسا، شۇ دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇ بېكىتكەن ئورگان قۇبۇل قىلىدۇ.

26-ماددا  پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار جەمئىيەتتە زور تەسىر پەيدا قىلىش ئېھىتىمالى بولغان مۇھىم، جىددىي ئەرز ۋە ئەرز ئۇچۇرىنى سەزسە، يېقىن جايدىكى مەمۇرىي ئورگانغا دوكلات قىلسا بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە دەرھال دوكلات قىلىشى؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋ بىر دەرىجە يۇقىرى مەسئۇل تارماققا دەرھال دوكلات قىلىشى؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى دوكلاتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن گوۋۇيۈەنگە دەرھال دوكلات قىلىشى؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئالاقىدار تارماقنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مۇھىم، جىددىي ئەرزلەرنى ۋە ئەرز ئۇچۇرىنى يوشۇرۇشىغا، يالغان مەلۇم قىلىشىغا، كېچىكتۈرۈشىگە ياكى باشقىلارغا يوشۇرۇش، يالغان مەلۇم قىلىش، كېچىكتۈرۈش ھەققىدە يول كۆرسىتىشىگە بولمايدۇ.

27-ماددا  ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگانلار جەمئىيەتتە تەسىر پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان مۇھىم، جىددى ئەرزلەرگە ۋە ئەرز ئۇچۇرىغا مەسئۇلىيتى دائىرىسىدە قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىشى، يامان تەسىر پەيدا بولۇشنىڭ ۋە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

5-باپ  ئەرز بېجىرىش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش

28-ماددا مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى ئەرز بېجىرىشتە ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، ئادىل بولۇشى، پاكىتنى ئېنىقلىشى، جاۋاپكارلىقنى ئايرىشى، قانۇن-تۈزۈمنى تەشۋىق قىلىشى، تەربىيە بېرىشى، يېتەكلىشى، ۋاقتىدا، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى، بىر-بىرىگە ئىتتىرمەسلىكى، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىكى، كەينىگە سۆرىمەسلىكى كېرەك.

29-ماددا ئەرزىيەتچى ئىنكاس قىلغان ئەھۋال، بەرگەن تەكلىپ، پىكىرلەردىن مەمۇرىي ئورگاننىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاشقا، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغانلىرىنى ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگان ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ دەلىللىشى ھەمدە قۇبۇل قىلىشى كېرەك.

30-ماددا مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىدىن ئەرز ياكى ئەرزىيەتچى بىلەن بىۋاستە مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولغانلىرى چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك.

31-ماددا ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار مەمۇرىي ئورگان بېجىرگەندە، ئەرزىيەتچىنىڭ پاكىت ۋە ئاساسىنى ئاڭلىشى كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئەرزىيەتچىلەر، ئالاقىدار تەشكىلاتلار ۋە خادىملاردىن ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىچكىرلەپ ئىنىقلاش زۆرۈر بولسا، باشقا تەشكىلات ۋە خادىملاردىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

مۇھىم، مۇرەككەپ، چىگىش ئەرزلەردە ئىسپات ئاڭلاشقا بولىدۇ. ئىسپاتنى ئاشكارا ئاڭلاش، ئۇنىڭدا سۇئال قويۇش، مۇنازىرە قىلىش، باھالاش، كېڭىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پاكىتنى ئېنىقلاپ، جاۋاپكارلىقنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئىسپات ئاڭلاش دائىرىسى، رىياسەتچى، قاتناشقۇچى، تەرتىپى قاتارلىقلارن ئۆلكىلىك، ئاپتۇنۇم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەيدۇ.

32-ماددا  ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار مەمۇرىي ئورگان تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئالاقىدار قانۇن-نىزام، قائىدە ۋە باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە تۆۋەندىكىدەك بىر قىلىشى ھەمدە ئەرزىيەتچىگە يازما جاۋاپ بېرىشى لازىم؛

 (1) پاكىتى ئېنىق، قانۇن-نىزام، قائىدە ياكى باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن تەلەپنى قوللاش؛

 (2) يوللۇق تەلەپ بولمىسىمۇ ، قانۇن ئاساسى يېتەرلىك بولمىغانلىرىدا ئەرزىيەتچىگە ئوبدان چۈشەندۈرۈش؛

 (3) پاكىت ئاساسى يېتەرلىك بولمىغان ياكى قانۇن-نىزام، قائىدە ۋە ياكى باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تەلەپنى قوللىماسلىق.

بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار مەمۇرىي ئورگانلاردىن ئالدىنقى تارماقنىڭ (1) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەرز تەلىپىنى قوللاش پىكرىنى قويغانلىرى ئالاقىدار ئورگان ياكى ئورۇننىڭ ئىجرا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

33-ماددا  ئەرزنى قۇبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە بېجىرىپ بولۇش كېرەك. ئەھۋال مۇرەككەپ بولغانلىرىنىڭ بېجىرىش مۆھلىتىنى شۇ مەمۇرىي ئورگان مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ، لېكىن ئۇزارتىلغان مۆھلەت 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ھەمدە ئەرزىيەتچىگە مۆھلەتنى ئۇزارتىش سەۋەبىنى ئېيتىپ قويۇشى كېرەك. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

34-ماددا ئەرزىيەتچىلەردىن مەمۇرىي ئورگاننىڭ بىر تەرەپ قىلىش پىكرىگە قايىل بولمىغانلىرى يازما جاۋاپنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئەسلى بېجىرگەن مەمۇرىي ئورگاندىن بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي ئورگانغا قايتا تەكشۈرۈش تەلىپىنى قويسا بولىدۇ. قايتا تەكشۈرۈش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان مەمۇرىي ئورگان قايتا تەكشۈرۈش تەلىپىنى تاوشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30كۈن ئىچىدە قايتا تەكشۈرۈش پىكىرىنى قويۇشى ھەمدە يازما جاۋاب بېرىشى كېرەك.

35-ماددا ئەرزىيەتچىلەردىن قايتا تەكشۈرۈش پىكىرىگە قايىل بولمىغانلىرى يازما جاۋابنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگاندىن بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش تەلىپىنى قويسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىقىش تەلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش پىكىرىنى قويۇشى كېرەك.

قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان مۇشۇ نىزامنىڭ 31-ماددىسىنىڭ2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزسە، ئىسپات ئاڭلاشتىن ئۆتكەن قايتا قاراپ چىقىش پىكرىنى قانۇن بويىچە جەمئىيەتكە ئېلان قىلسا بولىدۇ. ئىسپات ئاڭلاشقا كەتكەن ۋاقىت ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۆھلەتكە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

ئەرزىيەتچىلەردىن قايتا قاراپ چىقىش پىكرىگە قايىل بولماي، يەنە شۇ پاكىت ۋە ئاساس بىلەن ئەرز قىلغانلىرىنىڭ ئەرز تەلىپىنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى ۋە باشقا مەمۇرىي ئورگان قايتا قۇبۇل قىلمايدۇ.

36-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگانلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىر بارلىقىنى سەزگەندە، ۋاقتىدا ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەمدە تۈزىتىش تەكلىپى بېرىشى كېرەك:

 (1) ئەرزنى يولسىز سەۋەب كۆرسىتىپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە بېجىرىپ بولماسلىق؛

 (2) ئەرز بېجىرىش نەتىجىسىنى مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماسلىق؛

 (3) ئەرزنى بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە بېجىرمەسلىك؛

 (4) ئەرز بېجرىشتە بىر-بىرىگە ئىتتىرىش، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىش ۋە كەينىگە سۆرەش؛

 (5) ئەرز بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئىجرا قىلماسلىق؛

 (6) ھەيدەكچىلىك قىلىشقا تېگىشلىك باشقا ئەھۋاللار.

تۈزىتىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇۋالغان مەمۇرىي ئورگان 30 كۈن ئىچىدە ئەھۋالنى يازما مەلۇم قىلىشى؛ تۈزىتىش تەكلىپىنى قۇبۇل قىلمىغانلىرىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

37-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى ئەرزىيەتچى ئىنكاس قىلغان سىياسەتكە دائىر مەسىلىلەرنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ھەمدە سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپى بېرىشى كېرەك.

38-ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى ئەرزىيەت خىزمىتىدە بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈپ، كەينىگە سۆرەپ، ساختىپەزلىك قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش ھەققىدە ئالاقىدار مەمۇرىي ئورگانغا تەكلىپ بەرسە بولىدۇ.

39-ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتى تۆۋەندىكى ئىشلار ئۈستىدە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ئەرزىيەت ئەھۋالى تەھلىل دوكلاتىنى قەرەللىك ھالدا سۇنۇشى كېرەك:

 (1) ئەرز قۇبۇل قىلىش سانلىق مەلۇماتى، ئەرزگە چېتىشلىق ساھە، شۇنىڭدەك كۆپرەك ئەرز قىلىنغان ئورگان؛

 (2) بېجرىشكە ئەۋەتىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك تارماقلارنىڭ تۈزىتىش تەكلىپىنى قۇبۇل قىلىش ئەھۋالى؛

 (3) سىياسەت خاراكتېرلىك تەكلىپ ۋە ئۇنىڭ قۇبۇل قىلىنىش ئەھۋالى.

6-باپ  قانۇن جاۋاپكارلىقى

40-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى سەۋەبلىك ئەرزىيەت سادىر قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋپكارلىرىغا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ:

(1) خىزمەت ھوقۇقىدىن ھالقىپ ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، ئەرزىيەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛

(2) مەمۇرىي ئورگانلاردىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى قىلماي، ئەرزىيەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛

(3) قانۇن-نىزاملارنى خاتا تەتبىقلاپ ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىپ، ئەرزىيەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر؛

(4) بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئەرز تەلىپىنى قوللاش پىكرىنى ئىجرا قىلماي تۇرۇۋالغانلار.

41-ماددا  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى ئاپپاراتلىرىدىن تاپشۇرۇۋالغان ئەرزنى تىزىملاش، ئەۋەتىپ بېرىش، بېجرىشكە تاپشۇرۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرى ياكى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

42-ماددا  ئەرز قۇبۇل قىلىش مەسئۇلىيتى بار مەمۇرىي ئورگانلاردىن ئەرز قۇبۇل قىلىشتا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ:

 (1) تاپشۇرۇۋالغان ئەرزنى تىزىملاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

 (2) قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىدىكى ئەرزنى قۇبۇل قىلمىغانلار؛

 (3) مەمۇرىي ئورگانلاردىن ئەرزنى قۇبۇل قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە يازما ئۇقتۇرمىغانلىرى.

43-ماددا  ئەرز بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بار مەمۇرىي ئورگانلاردىن ئەرز بېجىرىشتە تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگىنى تۈزىتىشكە بويرۇيدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋپكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ:

 (1) ئەرز بېجىرىشتە بىر-بىرىگە ئىتتىرگەن، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن، كەينىگە سۆرىگەن ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە ئاياقلاشتۇرمىغانلار؛

 (2) پاكىتى ئېنىق، قانۇن-نىزام، قائىدە ياكى باشقا ئالاقىدار بەلگىمىلەرگە ئۇيغۇن ئەرز تەلىپىنى قوللىمىغانلار.

44-ماددا  مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىدىن بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەرزىيەتچىنىڭ پاش قىلىش ماتېرىيالىنى ياكى ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى پاش قىلىنغۇچى ئادەم ياكى ئورۇنغا ئاشكارىلاپ قويغان، بېرىۋەتكەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ. مەمۇرىي ئورگان خادىملىرىدىن ئەرز بىر تەرەپ قىلىشتا قوپاللىق قىلىپ، زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن ھەمدە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

45-ماددا  مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن بۇ نىزامنىڭ 26-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىلق قىلىپ، جەمئىيەتتە تەسىر پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان مۇھىم، جىددى ئەرز ۋە ئەرز ئۇچۇرلىرىنى يوشۇرۇپ، يالغان مەلۇم قىلىپ، كېچىكتۈرۈپ ياكى يوشۇرۇش، يالغان مەلۇم قىلىش، كېچىكتۈرۈشكە يول كۆرسىتىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىنىڭ بىۋاستە جاۋاپكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاستە جاۋاپكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋپكارلىققا تارتىلىدۇ.

46-ماددا ئەرزىيەتچىلەردىن ئۆچ ئېلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋپكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ ياكى ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدۇ.

47-ماددا  ئەرزىيەتچىلەردىن بۇ نىزامنىڭ 18-،20-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا ئالاقىدار دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى نەسىھەت قىلىدۇ، تەنقىد ياكى تەربىيە بېرىدۇ.

نەسىھەت، تەنقىد-تەربىيگە قۇلاق سالمىغانلىرىنى ج خ ئورگىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، تەنبىھ بېرىدۇ ياكى توسىدۇ؛ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشكە ئائىت قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان ياكى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە زۆرۈر بولغان شۇ جايدا بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىندۇ ۋە قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.

48-ماددا  ئەرزىيەتچىلەردىن پاكىتنى ئويدۇرۇپ ۋە بۇرمىلاپ باشقىلارغا قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋپكارلىققا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ.

7-باب  قوشۇمچە پىرىنسىپ

49-ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلات، كارخانا، كەسپى ئورۇنلار ئەرزىيەت خىزمىتىدە مۇشۇ نىزامدىن پايدىلىنىدۇ.

50-ماددا  چەتئەللىكلەر، دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار ۋە چەتئەل تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەرزى مۇشۇ نىزامدىن پايدىلىنپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

51-ماددا  بۇ نىزام 2005-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

1995-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «ئەرزىيەت نىزامى» بىكار قىلىنىدۇ.[0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#