ئاناتومىيە

ئاناتومىيە مېدىتسىنادىكى ئەڭ ئاساسى پەنلەرنىڭ بىرى. كېسەلنى ئېنىقلاش ۋە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشىنى چۈشىنىش ۋە پىششىق بىلىشكە توغرا كېلىدۇ، ئاناتومىيە ئەنە شۇ ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلىدىغان ۋە بىلدۈرىدىغان پەن. 

ئۇيغۇرچە نامى ئاناتومىيە
خەنزۇچە نامى 解剖模型

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىنسانلار ناھايىتى بۇرۇنلا خېلى كۆپ ئاناتومىيە بىلىملىرىنى توپلىغان. لېكىن، ئۇ چاغلاردا ئۇلار ئادەم بەدىنىگە خۇراپىيلارچە ئىشەنگەچكە، ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن تۈزۈلۈشلەرنى سىرلىق ھىساپلاپ يۈزەكى چۈشەندۈرۈپلا بولدى قىلغان. ئادەم بەدىنى مۇقەددەس سانالغانلىقتىن، ئادەم بەدىنىنى يېرىش ۋەھشى ئىش سانىلىدىغان بولغاچقا، ئۇزاق ئوتتۇرا ئەسىردە ئادەم بەدىنىنى يېرىپ كۆزىتىش ئۈزۈلۈپ قېلىپ، ئادەمنىڭ ئورنىدا ھايۋانلارنى يېرىپ كۆزەتكەن. قەدىمكى يۇنان ۋە رىم ئالىملىرى ئاناتومىيەنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئوبدان بىلسىمۇ، لېكىن ھايۋانلاردىن ئېرىشكەن ئاناتومىيە بىلىملىرىنى ئادەم بەدىنىگە تەتبىقلىغاچقا، نۇرغۇن خاتالىقلار كۆرۈلگەن. مەسىلەن: رىم دەۋرىدىكى مەشھۇر ئاناتومىيە ئاساسچىسى گاللېن ئادەمنىڭ جىگىرى ئىتنىڭ جىگىرىگە ئوخشاش بەش قاناتلىق بولىدۇ، جىگەر ۋېنانىڭ چىقىش مەنبەسى، يۈرەكنىڭ بۆلگۈچ پەردىسىدە كۆرگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن تۆشۈكچىلەر بولۇپ، قان ئۇلاردىن ئەركىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ، دېگەنگە ئوخشاش قاراشلاردا بولغان. گالېننىڭ ئاناتومىيە ھەققىدىكى ئەسىرى ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە كلاسسىك ئەسەر دەپ قارالغان ھەمدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى دىنىي جەمئىيەتمۇ جەسەتلەرنى يېرىشنى قاتتىق مەنئى قىلغاچقا، كىشىلەر بۇ خاتالىقلارنى تۈزىتىشكە ئامالسىز قالغان.

 ئوتتۇرا ئەسىردە ئەرەب ئالىملىرى قەدىمقى يۇنان ئەسەرلىرىنى تەرجىما قىلىپ پايدىلىنىش جەريانىدا ئاناتومىيەگە يەنە بىر قېتىم دىققە قىلغان، بۇ جەھەتتە ئىبن سىنا، جاھىزى قاتارلىقلار بىر بۆلۈك ئەسەرلەرنى قالدۇرغان بولسىمۇ ئەمما ئادەم بەدىنىنىڭ مۇقەددەسلىكى يەنىلا ئۇلارنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق ئېلىپ بېرىشتىن چەكلەپ قويغان. 

ھازىرقى زامان ئىلمى ئاناتومىيەسىگە پەقەت 16-ئەسىردىن كېيىن ھەقىقى قول سېلىنغان. 16-ئەسىرگە كەلگەندە فىرانسىيىلىك ئالىم ۋېسالىئۇس ئادەم بەدىنىنى بىۋاسىتە كۆزىتىشكە باشلىغان. ئۇ پارىژدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا، دارغا ئېسىلغان بىر جىنايەتچىنىڭ جەسىتىنى ئوغرىلىغان. ئۇ يەنە بىر ئۆلۈك ئادەمنىڭ باش سۆڭىكىنى پەلتوسىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ، كارىۋىتىنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويغان، ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ گۆردىن جەسەت ئوغرىلىغان. فرانسىيەنىڭ دىنىي سوتخانىسى ئۇنىڭ بۇ خىل «بىدئەت» قىلىقلىرىغا دىققەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىلاجسىز ھالدا ئىتالىيەگە بېرىپ دوختۇرلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئاناتومىيە پروفېسسورلۇقىغا كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ «ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشى» دېگەن ئەسىرى 1543-يىلى نەشر قىلىنغان. ئۇ بۇ ئەسىرىدە ئادەم بەدىنىدىكى ئىسكىلىتلار، مۇسكۇللار، قان تومۇرلار ۋە نېرۋىلارنىڭ تەبىئىي شەكلى ۋە تارقىلىشى قاتارلىقلارنى ئاناتومىيىلىك تەرتىپى بويىچە بايان قىلغان. «ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلۈشى» دېگەن بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى يېقىنقى زامان ئاناتومىيىسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىىدىن دېرەك بەرگەن.

خۇددى كوپېرنىكنىڭ «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى نەزەرىيىسى» ئاسترونومىيە ئۈچۈن يېڭى دەۋر ئاچقانلىقىغا ئوخشاش بىئولوگىيە ئىلمى تەرەققىيات تارىخىدىكى نامايەندە ھېسابلىنىدۇ. [0]



ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#