سىۋا بوستانلىقى
سىۋا بوستانلىقى مىسىرنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
مىسىرنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. بۇ جاينىڭ يەر ۋەزىيىتى پەس بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 20-30 مېتىر پەس تۇرىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 10 كىلومېتىر، كەڭلىكى 6.5-8 كىلومېتىر كېلىدۇ. ھاۋاسى قۇرغاق ئىسسىق بولۇپ، تېمپېراتۇرىسى بەزىدە ℃50 قا يېتىدۇ. بۇ جايدا بۇلاقلار كۆپ بولۇپ، 2000 دىن ئاشىدۇ. زەيتۇن دەرىخى، خورما، ئۈزۈم، لىمون، ئاپېلسىن، ئەنجۈر قاتارلىق مېۋىلەر، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇغداي، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. يىللىق خورما مەھسۇلاتى 45 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ. تاشيول ئارقىلىق ماترۇ بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، بىرنەچچە تارماق سۇ يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا يەر دېڭىز بويىدىكى ئورۇنلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىدۇ. ماترۇ-سىۋا تاشيولىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ تېلېۋىزىيە، رادىئو ئىستانسىسى تورى بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. سىۋا بوستانلىقىنىڭ يەر ئاستىدا 28 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا يەر ئاستى دەرياسى تېپىلدى، بۇنىڭ سۈيى بىلەن 250 مىڭ مو يەرنى سۇغارغىلى بولىدۇ. سىۋادا يەنە تولومى كىنەزلىكى بىلەن رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە سېلىنغان دىنىي پائالىيەت ئورۇنلىرى بىلەن تاش قەبرىلەر بار.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.