كانچى يېزىسى

كانچى يېزىسى

كانچى يېزىسى باي ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارىلىقى 2.5 كىلومېتىر. 

ئۇيغۇرچە نامى كانچى يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 635.15 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 康其乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون باي ناھىيەسى
نوپۇسى 14755 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كانچى يېزىسىكانچى يېزىسى باي ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارىلىقى 2.5 كىلومېتىر. شەرق تەرىپى توقسۇن يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبىي ئونباش يېزىسى ئارقىلىق مۇزات دەرياسى چېگرىلىنىدۇ، غەربىي تەرىپى باي بازىرى، مىچىغ يېزىسى بىلەن قوشنا، شىمالى بۇلۇڭ يېزىسى، ياتۇر يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 635.15 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.نوپۇسى 14755 ئادەم، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي قۇرما كەنتى. «كانچى» ئۇيغۇر تىلىدا «كان ئىشچىسى»، «كان قېزىش» دېگەن مەنىدە. بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەرنىڭ ئەجدادى كان ئېچىش بىلەن شۇغۇللانغاچقا، بۇ يەر شۇنداق ئاتالغان. 

كانچى يېزىسى كانچى يېزىسىغا قاراشلىق قۇرما كەنتى، كانچى يېزىسى، ئارال كەنتى، كۆيباغ كەنتى، چۆجە كەنتى، ئوسقۇي كەنتى، سۇلفۇن كەنتى، سەبىدۆڭ كەنتى، گال كەنتى، ئولپاڭ كەنتى، قۇرۇيلۇق كەنتى، دۆڭئېرىق كەنتى، بېلىقچى كەنتى قاتارلىق 13 كەنت، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى بار.

كانچى يېزىسىكانچى يېزىسى باي ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1360-1200مېتىر. تەۋەسىدىكى يېزا ئىگىلىك رايونىنىڭ يەر شەكلى بىر قەدەر تەكشى، كۆلىمى 60.9 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 32091 مو تېرىلغۇ يەر بار، تۇپرىقى قۇم ئارىلاش يۇمشاق توپا. قاپسىلاڭ دەرياسى، تەلۋىچۈك دەرياسىنىڭ سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدۇ، سۇغىرىش كۆلىمى تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ %95 نى ئىگىلەيدۇ. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 98 مىللىمېتىر. پۈتۈن بىر يىلدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃32-، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃37.4، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃7.4، قىروسىز مەزگىلى 166-150 كۈن.

كانچى يېزىسى كانچى يېزىسىنىڭ شىمالى قىسىمىدىكى تاغلىق رايوندا شەمشاد ئورمىنى،تاغ تېرىكى ئۆسىدۇ، ئورمانلىقتىكى يىلپىز، بۇغا،  بۆرە، موڭغۇل جەرىنى، ئارقار، قىرغاۋۇل قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ياشايدۇ؛ يەر ئاستىدا كۆمۈر،تۆمۈر، مىس قاتارلىق كان بايلىقلىرى بار. 

پۈتۈن يېزا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، زىغىر ئۆستۈرىلىدۇ. ئالاھىدە سېرىق قىچىسى بار، «قىچا ماكانى» دېگەن نام بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزغا داڭلىق.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#