دېۋېي
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
19 -ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئامېرىكىنىڭ سانائەتلىشىشى ۋە شەھەرلىشىشى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا ۋە سىنىپىي مۇناسىۋەتتە زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. ئەمما، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپادىن ۋارىسلىق قىلىپ ئېلىپ كېلىنگەن كونىچە مائارىپ ئامېرىكىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە يەنىلا ھۆكۈمران ئورۇن تۇتۇپ كەلگەچكە، مەكتەپلەردە تەربىيىلىنىپ چىققانلار ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشالمىدى. دېۋېي بۇ ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ ئەنئەنىۋى مائارىپنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ ئەنئەنىۋى مائارىپتىكى دەرسخانا پەقەت ئوقۇغۇچىلاردىن جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاشنىلا تەلەپ قىلىدىغان ئورۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس، «بىر سائەتلىك دەرس ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر خىل جاپالىق سېلىقتىن ئىبارەت» دەپ قارىغان. ئۇ يەنە، كونىچە مەكتەپلەردە بالىلارغا پاسسىپ مۇئامىلە قىلىنىدۇ، بالىلار مېخانىك ھالدا بىر يەرگە يىغىپ قويۇلىدۇ، مىجەز-خاراكتېرى، ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغان بالىلارغا بىرلا خىل دەرس ئۆتۈلىدۇ، بىرلا خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، مەكتەپلەر ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەس، بەلكى ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇۋالىدۇ، دەرسلىك ۋە باشقا جەھەتلەردە بالىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىقتىدارى تولۇق نەزەرگە ئېلىنمايدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. دېۋېي مۇنداق دېگەن: «بىز ھازىر مائارىپتا قوبۇل قىلماقچى بولغان ئۆزگىرىش مەركەزنى يۆتكەشتۇر. بۇ بىر خىل ئىسلاھات، بىر خىل ئىنقىلاب، خۇددى كوپېرنىك ئاسترونومىيەنىڭ مەركىزىنى يەر شارىدىن قۇياشقا يۆتكىگەندەك ئىنقىلاب. بۇنداق بولغاندا، مەكتەپلەردە بالىلار قۇياشقا ئايلىنىدۇ، مائارىپنىڭ بارلىق تەدبىرلىرى ئۇلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئايلىنىدۇ. بالىلار مەركەز، مائارىپ تەدبىرلىرى ئۇلارنى چۆرىدىگەن ھالدا يولغا قويۇلۇشى كېرەك». ئۇ مۇنداق دەپ قارىغان: «ئەڭ ياخشىسى، مەكتەپلەرنى بالىلار ھەقىقىي تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئورۇنغا ئايلاندۇرۇش كېرەك»، «ھەربىر مەكتەپنى ئىپتىدائىي شەكىلدىكى بىر خىل ئىجتىمائىي تۇرمۇش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك». بالىلار بۇ يەردە ئاساسلىقى «ئىش قىلىش ئارقىلىق ئۆگىنىش قىلىدۇ». دېۋېي بالىلار مەركەز قىلىنغان مائارىپ ئىدىيىسى مائارىپ تارىخىدىكى بىر مەيدان ئىنقىلاب، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن ئۇنىڭ مائارىپ ئىدىيەسىدە مەكتەپلەرنىڭ سىستېمىلىق بىلىم بېرىش رولىغا سەل قاراشتەك يېتەرسىزلىك بار ئىدى.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.