ئابدۇسالام ئابدۇرېشىت
ئابدۇسالام ئابدۇرېشىت، ئەر، ئۇيغۇر، 1996-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئالتاي دا تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى 2 مېتىر 4 سانتىمېتىر. شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئابدۇسالام ئالتاي 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا، مەكتەپ ۋاسكىتبول كوماندىسىغا ۋاكالىتەن شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، مەيداندا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك مەيدان قارشى ۋە ئېغىر بېسىقلىقى بىلەن مۇشۇ ياشتىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئالدىدا ماڭغان. گارغا تاشلىغان توپنىڭ چۈشۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن مۇسابىقىلەردە ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك ياخشى بولغان، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ 2-كوماندىسىغا تاللانغان.
شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 8 قېتىم مەيدانغا چىققان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر مەيداندا 7.3 مىنۇت ئوينىغان ھەمدە 4 نۇمۇرۋە 1.6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ تارتىۋالغان. 2015- يىلى 11- ئاينىڭ 20 - كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئابدۇسالام تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقىپ يېڭى كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان.
مەنبە: جوردان ئۈندىدار سۇپىسى ئىزدەش نامى: Jordanbiz
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.